يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈچلۈك بولماي، جەمئىيەتتە داۋالغۇش، يىمىرىلىش يۈز بېرىپ، ئىقتىسادى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى... ئۆز دۆلىتىدىكى «قالايمىقانچىلىق»نى كۆرگەندە، باشقا دۆلەتنىڭ دۇنيادا ئالقىشلىنىۋاتقان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش نەتىجىلىرى ۋە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئىبارەت چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرگەندە، ئامېرىكا قانداقمۇ ئالدىرىماي تۇرالىسۇن؟ قانداقمۇ ھودۇقماي تۇرالىسۇن؟
چۈنكى «ھودۇقۇش» قائىدە-تەرتىپ ۋە ئۆلچەمنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەچكە، ھەتتا ۋاسىتە تاللىماي «يالغانچىلىق» ئارقىلىق «ھودۇقۇش»نى تۈزەشكە باشلىدى. نەتىجىدە ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، خاتالىقى يۈزدە يۈز چىقىپ تۇرغان يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ئېھتىمال ئاز ساندىكى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرالىشى مۇمكىن، لېكىن ھەرگىزمۇ ھەممە كىشىنىڭ كۆزىنى ئالدىيالمايدۇ. «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» ئاشكارىلىنىپ، «سىياسىي ۋىرۇس» قويۇپ بەرگەن قارا قول نەق مەيداندا تۇتۇلسا، ئامېرىكا تەبىئىيلا «تېخىمۇ ھودۇقىدۇ».
ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان «يالغانچىلىق» بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان «ھودۇقۇش»نى پەيدا قىلىدۇ، ئۈزلۈكسىز دەرىجىسى ئۆسۈۋاتقان «ھودۇقۇش»نى يەنە تېخىمۇ كۆپ «يالغانچىلىق» بىلەن يېپىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ، بىر مەيدان قورقۇنچلۇق يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا ئايلىنىپ قالدى.
بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىۋاتقان «پاتقاق»تىن ئۆزىنى تارتىپ چىقارماقچى بولۇۋاتقان ئامېرىكا پەقەت ئالدى بىلەن ئۆزى داۋاملىق تارقىتىۋاتقان «سىياسىي يالغان-ياۋىداق سۆزلەر»دىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ناتوغرا يول تۇتۇشقا سەرپ قىلغان زېھنىنى خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىنى قوغداشقا ئىشلەتسە، ھەممە يەردە سۇيىقەست ۋە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشكە سەرپ قىلغان زېھنىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلەتسە، تەبىئىيكى كۆپ تەرەپنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ، يەنە ھەم «ھودۇقۇش» ھەم «يالغانچىلىق»نىڭ ھاجىتى يوق.
(مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى)