تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

كۆپ دۆلەتتىكى زاتلار ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

كۆپ دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئالىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلار يېقىندا ئوخشىمىغان شەكىلدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە دەلىل-ئىسپات ۋە پاكىتنى ئاساس قىلىش، سىياسىي جەھەتتە ئەيىبلىمەسلىك كېرەك.

مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش

كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگېس 8-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ۋە نامىنى بۇلغاشقا قارشى تۇرۇش كېرەك. رودرىگېس ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى تۇيتېدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كۇبا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبە تەتقىقاتىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، ئالاھىدە كۆرسىتىش، نامىنى بۇلغاشنى رەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى كاڭ فۇ يېقىندا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، قىسمەن دۆلەتلەردە يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇش، ۋىرۇسنى بەلگىلەشتۈرۈش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىدى، ھەتتا شەھەرنى قامال قىلىش، ۋاكسىنا ئەملەش قاتارلىق تەدبىرلەرمۇ سىياسىي مۇددىئا دەپ قارالدى، يەنە نۇرغۇن ھىيلە-مىكىر، سەپسەتىلەر ئارىلىشىپ كەتتى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇنداق سەپسەتىلەرنى يەنىلا ئاڭلىغىلى بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېغىر دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرۇلۇپ، ئۆچمەنلىك ۋە جىنايەتنىڭ كۆپىيىشىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقاردى.

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى تۇيتېدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ، مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدۇ.

سۇرىيە زۇڭتۇڭىنىڭ سىياسەت ۋە ئاخبارات مەسلىھەتچىسى بۇسەينا شابان يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئۇسۇلى «پۈتۈنلەي زامانغا لايىق ئەمەس»، ھەمدە «خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ».

مالدىۋې تاراتقۇ خادىمى خامدان شاجىر 8-ئاينىڭ 8-كۈنى «مالدىۋې ئاخبارات تورى»دا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى سىياسىيلاشتۇرۇلغان ۋە ئىلمىي پاكىتتىن چەتنىگەن قىلمىشلىرى پۈتۈنلەي ئەخلاقسىز بولغان «قارا چاپلاش، گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىش» بولۇپ، مەقسىتى ئۆز دۆلىتى خەلقىنىڭ ھاياتىنى قوغدىيالماي، ئۆز دۆلىتىدىكى يۇقۇمنى تىزگىنلىيەلمەي، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتىن ئىبارەت.

8-ئاينىڭ 2-كۈنى، دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى 300دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئاقىللار ئامبىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىغا «بىرلەشمە بايانات» تاپشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا بولغان ئېغىر تەھدىتى ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل قانات يايدۇرۇپ، مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

مىسىرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئەلى ھېفنى يېقىندا قاھىرەدە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى ۋە كاشىلا قىلىشى بىلەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ كۆلەڭگۈسى قاپلىۋالدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان 2-باسقۇچلۇق مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمەت پىلانى ئاساسلىقى بەزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىدىن بولدى، ھەمدە بىرقىسىم سىياسىيلاشتۇرۇلغان ئامىللارنى ئويلىشىش چىقىش قىلىنغان.

مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشتە دەلىل-ئىسپاتنى ئاساس قىلىش شەرت

مالتا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېۋارتىستۇس بارتولو يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ دۈشمىنىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس، ھەرگىزمۇ بىر-بىرىمىز ئەمەس. بىز يۇقۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈزبەرگەنلىكى، ھەمدە قانداق يۈزبەرگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دەلىل-ئىسپات ئاساس قىلىنىشى كېرەك. بىز ئاممىۋى سەھىيەدىن پايدىلىنىپ سىياسىي ئويۇن ئوينىماسلىقىمىز كېرەك».

مالدىۋې تاراتقۇ خادىمى خامدان شاجىرنىڭ ماقالىسىدە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسپانىيە، ئىتالىيە ئالىملىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرى توغرىسىدىكى خەۋىرى ھەمدە ئامېرىكا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقات دوكلاتى مىسالغا ئېلىنغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ئەگەر ئىناۋىتى ياخشى، شۇنداقلا ئىشەنچلىك كېلىش مەنبەلىرىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئادىل تەكشۈرۈپ كۆرسەك، بىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا تارقىلىش ۋاقتىنىڭ جۇڭگو ۋۇخەن دوكلات قىلغان تۇنجى ئاغرىق مىسالىدىن خېلىلا بالدۇر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز».

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ «تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىش سەپسەتىسى»نى ھە دەپ كۆپتۈرگەنلىكىگە قارىتا، ئەنگلىيە گلاسگوۋ داشۆسى ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزى ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسى ئىلمىنىڭ مەسئۇلى، پىروفېسسور داۋىد روبېرتسون شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىلمىي تەتقىقاتتا سەپلىمە خاراكتېرلىك پەرەزگە ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتۇش تامامەن مۇۋاپىق، قىياس قىلىش مۇناسىۋەتلىك جەرياننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئالىملار يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىشنى خالايدۇ، لېكىن «ئىلىم-پەن كۆز قاراشنى يادرو قىلسا بولمايدۇ، بەلكى دەلىل-ئىسپاتنى ئاساس قىلىشى شەرت».

مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپتونومىيە داشۆسى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى مۇتەخەسسىسى ئېلېنا رېيېس يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى «پۇرسەت كۆزنىكى» دەپ قاراپ، چەكلىك بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بايلىقىنى ئورتاق بىرىكتۈرۈپ، سالماقنى زورايتىپ بىيوتېبابەت ۋە تېخنىكا تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى دۆلەتلەر خاتا ئۇچۇرلارغا يولۇققاندا ياكى ئۇچۇرلار بۇرمىلىنىشقا ئۇچرىغاندا، ئىلمىي دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاساس قىلىپ ۋاقتىدا ئىزاھات بېرىپ چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: تاڭ لۇ، چېن ۋېنشيەن، لىن شياۋچۇن، يەن لياڭ، ۋۇ دەننى، ليۇ كەي، يەن جيې، ۋاڭ ئاۋنا، ۋۇ خاۋ، جۇ يۈبو، نيې شياۋياڭ، چېن بىنجيې، جېڭ يىخەن، ۋاڭ جيەن، جىڭ جىڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.