تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل يول ئېچىپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى

بورتالا ئوبلاستى

يېشىل يول ئېچىپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭنىڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بورتالا ئوبلاستى ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تېزدىن يېشىل يول ئېچىپ تۈرلۈك ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بورتالا ئوبلاستى، بولۇپمۇ ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ ماددىي ئەشيا كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىگەن.

ئالاتاۋ شەھىرى مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ، ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە نۇقتىدىن نۇقتىغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە مەسئۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، قۇرۇلۇش ئىش ئورنى قاتارلىقلارغا زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى نۇقتىدىن نۇقتىغا ياخشى ئىشلىدى؛ مەھەللە كادىرلىرى ھەم ئاممىنى تەشكىللەپ 35 پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە مەسئۇل قىلىپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتتى. نۆۋەتتە، ئالاتاۋ شەھىرىدە ئاشلىق - ياغ، كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت تەمىناتى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم، سۇ، توك، ماي، گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نورمال بولماقتا.

نۆۋەتتە، ئالاتاۋ شەھىرىدە 2 - قېتىملىق بارلىق خادىملارنىڭ خېسۈەنىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەش، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، خېسۈەن تەكشۈرۈش، شەخسىي مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق تەدبىرلەر قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تۇرمۇش ۋە داۋالاش ئەخلەتلىرىنى تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە يۆتكەپ توشۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈشنى خاتىرىلەش دەپتىرى ياخشى تۇتۇلۇپ، مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى ئۆلچەملىك يۈرۈشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ئالاتاۋ شەھىرى تېز سۈرئەتتە 533 گۇرۇپپا ئۈچ دەرىجىلىك دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈش قوشۇنى تەشكىللەپ، نۇقتىلىق رايون، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار پائالىيەت قىلغان يول، لىنىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارغا قارىتا دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن شەھەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش شەكلىدە دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈشنى قانات يايدۇردى. بورتالا ئوبلاستىدىكى باشقا ناھىيە، شەھەرلەرمۇ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.