تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ۋاڭ جۈنجېڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى ھەم مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتتى

مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى ھەم مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، بىڭتۇەن خىزمىتى، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شېن چۇەنباۋ يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ياخشى يەتكۈزۈش، ياخشى ئۆگىنىپ، كەڭ دائىرىدە ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى لېكسىيە سۆزلەش، چوڭقۇر، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىجرا قىلىپ، ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىن ئېتىقادنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بىڭتۇەننىڭ «چېگرا رايوننى تىنچلاندۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ «ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى چوڭ پېچ»لىق فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك؛ مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ «ئىلغار مەدەنىيەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى»لىق فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ «ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى»لىق فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ تەشكىللەش ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.