تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گىلاس ياخشى تۇرمۇشىمىزنى جۇلالاندۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

«مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك يەنە قانداق خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىغا قاراپ باقاي.» 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سەھەردىلا تۇرغۇن ئەخمەت خوتۇنىغا شۇنداق دېگەچ، يېڭىدىن سېتىۋالغان دالا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاراپ ماڭدى.

تۇرغۇن يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا بازىرى چوڭ گىلاس دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى. گەرچە ھازىر گىلاس سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن داۋاملاشما خىزمەتلەر يەنىلا ئاز ئەمەس ئىدى. بۇ يىل ئائىلىسىنىڭ ئۈچ مو يېرىدىكى گىلاسنى 150 مىڭ يۈەنگە ساتتى، بۇنىڭغا ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەقسىملەپ بەرگەن پايدىنى قوشقاندا تۇرغۇن 200 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشى مۇمكىن.

ئەمدىلا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىشىگە، مال زاكاز قىلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ تېلېفونى كېلىشكە باشلىدى. تۇرغۇن بىردەممۇ ئارام ئالماي گىلاسلىق باغقا كېلىپ، سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە قارشى تەرەپكە تېرىقچىلىق رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى.

«قاراڭ، بۇ يەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ گىلاسلىق بېغىمىز، 2000 مودىن ئاشىدۇ. بىز ئۆستۈرگەن گىلاسنىڭ دانىسى چوڭ، رەڭگى قىزىل، تەمى تاتلىق، توشۇش قولايلىق. مەندە بۇ يىلقى گىلاسنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى بار، كېلەر يىلى سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».

«سىلەرنىڭ گىلاسىڭلار ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، بىز ھەمكارلىشىش توغرىسىدا سۆزلىشەيلى».

تۇرغۇن تېلېفوننى قويۇپلا: ھەر يىلى گىلاس پىشىدىغان پەسىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى، بۇنداق سىنلىق تېلېفوننى كۈندە نەچچە قېتىم قوبۇل قىلىمەن، دېدى. ئاشۇنداق چاغلاردا تۇرغۇن ھەمكارلىق كوپىراتىپى، گىلاسلىق باغ ۋە يۈك توشۇش نۇقتىلىرى ئارىسىدا توختىماي ئالدىراش يۈرەتتى. يەشىك - يەشىك گىلاسلارنىڭ ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ توشۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ئاندىن خاتىرجەم بولاتتى. «بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇرتداشلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسى، ئازراقمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ.»

يەكەن ناھىيەسىنىڭ گىلاس ئۆستۈرۈش ئەنئەنىسى بار، ئەمما دەسلەپكى مەزگىلدە گىلاس ئۆستۈرگەندە باغۋەنلەرنىڭ تەجرىبىسى يوق، تىجارىتى تارقاق، ئۆستۈرۈش كۆلىمى كىچىك، پەرۋىش قىلىشنىمۇ بىلمىگەنلىكتىن، گىلاسنىڭ ھوسۇلى تۆۋەن، سۈپىتى ناچار، باھاسى تۆۋەن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى، پۇل تاپالمىغاچقا دېھقانلارنىڭ گىلاس ئۆستۈرۈش ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولمىغانىدى. بىر قېتىم، تۇرغۇن شېرىكلىشىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرسا، بازار سىياسەت جەھەتتىن يۆلەپلا قالماي، بەلكى يەنە كەسپىي تېخنىك خادىملارنى تېخنىكا ئۆگىتىشكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئاڭلىدى. 2010 - يىلى تۇرغۇن ۋە ئۇنىڭ يەتتە شېرىكى مىشا بازارلىق چوڭ گىلاس دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇردى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، 12 خىزمەتچىسى، يەتتە مو گىلاسلىق بېغى، 28 سېتىش نۇقتىسى بار ئىدى. تېخنىك خادىملار تۇرغۇن قاتارلىقلارغا گىلاسنى قانداق قىلىپ ئىلمىي ئۆستۈرۈشنى ئۆگەتتى. گىلاس ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ياخشىلاش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق گىلاسنىڭ سېتىلىش مىقدارى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، توپ سېتىش سودىگەرلىرى چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ سېتىۋالدى. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ گىلاسلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىۋاتىدۇ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ، تۇرمۇشى خۇددى گىلاستەك شېرىن بولۇپ كەتتى.

تېخنىك خادىملار يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كۆپ خىل تىجارەتنى قانات يايدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. ناھايىتى تېزلا ھەمكارلىق كوپىراتىپى گىلاس ئۈزۈش رايونى، سەيلە تاماشا رايونى، كەچلىك بازار رايونى، پۇقراۋى قونالغۇ رايونى، ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى قاتارلىق نۇرغۇن فۇنكسىيەلىك رايونلارنى تەسىس قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە مىشا بازىرىدىكى گىلاسلىق باغ تەرەققىي قىلىپ ساياھەت ئېكولوگىيە باغچىسىغا ئايلاندى، ھەر يىلى 5 - ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەر ئارقا - ئارقىدىن كېلىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە توردا ئالقىشلانغان چوقۇم بارىدىغان جاينى مەخسۇس پىلانلاپ تەسىس قىلىپ، توردا ئالقىشلانغانلارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق باغۋەنلەرنىڭ سېتىشىغا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

پەرۋىش تېخنىكىسى ياخشى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەۋزەل تەبىئىي شارائىت قوشۇلۇپ، گىلاس ھوسۇلى ئىلگىرىكى ھەر مو يەردىن 200 كىلوگىرام ھوسۇل ئېلىشتىن ئېشىپ ھازىرقى ھەر مو يەردىن 500 كىلوگىرامدىن 800 كىلوگىرامغىچە ھوسۇل ئېلىنىدىغان بولدى. «بىزنىڭ گىلاسلىرىمىز ھەم چوڭ ھەم تاتلىق، مېۋە ئېتى تەكشى، رەڭگى ئوچۇق قىزىل، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىمۇ ئىلگىرىكى ھەر مو يەردىن 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشتىن كۆپىيىپ ھەر مو يەردىن 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىدىغان بولدى.» تۇرغۇن مۇنداق دېدى: ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى گىلاس ئۆستۈرگۈچى ئائىلە 58گە كۆپەيدى، گىلاس ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2800 موغا يەتتى.

گىلاس ئۆستۈرگەچكە، كەنت ئاھالىلىرى ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتى، ھەممە ئائىلىنىڭ ئامانەت پۇلى بار بولدى، ئۆيلىرىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق، بەزىلىرى يەنە پىكاپ سېتىۋالدى، گىلاس كۆپچىلىكنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى»گە ئايلاندى.

«كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جاپالىق ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەن ياخشى تۇرمۇش بارغانسېرى شېرىن بولدى، بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى دېيىشمەكتە» دېدى تۇرغۇن بۈك - باراقسان گىلاسلىق بېغىغا قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.