تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لېكسىيە قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يېڭىلىق يارىتىلغان ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش شەكلى، تېخىمۇ جانلىق، ئاممىغا تېخىمۇ ياقىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، قەلبكە سىڭىشى، ھەرىكەتتە كۆرسىتىلىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پۇقرالار چوڭ سەھنىسىدە سۆزلەنگەن لېكسىيە قەلبلەرگە سىڭدى

8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كەچتە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق بازىرى توغراق مەدەنىيەت مەيدانىدىكى «پۇقرالار چوڭ سەھنىسى»دە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدا بىر مەيدان شەكلى كۆپ خىل، مول مەزمۇنلۇق لېكسىيە سۆزلەش قىزغىن داۋاملىشىۋاتاتتى.

«مۇشۇ يىللاردا كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كۆردى، بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردىن بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، سەپەرگە چىقىش قورالىمىز ۋېلىسىپىتتىن پىكاپقا ئۆزگەردى، ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىمىزغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى...» پائالىيەت جەريانىدا، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق بازىرى شىخەيزى كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى تاڭ پىڭشۈەن ئاددىي تىل بىلەن پۇقرالار ئەتراپىدىكى ئۇششاق، ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەردىن باشلاپ سۆزلەۋاتاتتى، نەق مەيداندا پات - پات قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭراپ تۇراتتى.

لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق بازىرى 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ھەر چارشەنبە، جۈمە كۈنى كەچتە توغراق مەدەنىيەت مەيدانىدىكى «پۇقرالار چوڭ سەھنىسى»دە «كەچلىك دەرسخانا» تەسىس قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان نۇقتا، ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللىدى ھەم ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كىرىشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

«پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئاۋازىمىزنى ياڭرىتىپ باشلامچىلىق بىلەن سۆزلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى جانلىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك» دېدى شىخەيزى كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ياڭ شوشۈن.

سەھنىدە لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلىدى، تۆۋەندە ئولتۇرغان كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى بېرىلىپ ئاڭلىدى. «ھەم ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى بار، ھەم مۇكاپاتلىق سوئال - جاۋابلار بار، بۇ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە بىزنى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇنداق لېكسىيەنى پۇقرالار قارشى ئالىدۇ» دېدى لوپنۇر ناھىيەسى ئىتتىپاق بازىرى كۇڭپەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈەن شىنيىڭ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق بازىرى «پۇقرالار چوڭ سەھنىسى»گە تايىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش، ھەمتۈرتكىلىك سوئال - جاۋاب، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرى، قىزىل كىنولارنى قويۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ھەممە ئادەمنىڭ خەۋەردار بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپتۇ.

كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئۆگىنىش يۇقىرى دولقۇنى قوزغالدى

«ياش كادىرلار ئۆزىنىڭ غايە ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.» 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرى خۇڭشىليۇ مەھەللىسىدىكى ۋۇ شيۇفاڭنىڭ ئىشخانىسىدا، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس ۋۇ شيۇفاڭ ياش كادىرلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەۋاتاتتى.

7 - ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى رەھبەرلىك بەنزىسى ئۈلگە كۆرسىتىپ سۆزلەش، كەسپىي كۈچلەر چوڭقۇر سۆزلەش، 1000 پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەش، 10 مىڭ پارتىيەلىك كادىر يېتىشىپ سۆزلەش، تۇغقانلاشقان كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ دائىم سۆزلەش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىرى كونسۇلتاتسىيە قىلىپ سۆزلەش، ئىلغار تىپلار ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش، پۇقرا تەشۋىقاتچىلار يۈزتۇرا سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەردىن يېزىغىچە، يىغىن زالىدىن ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغىچە، ئاممىغا ياقىدىغان، قەلبلەرگە سىڭىدىغان لېكسىيە ھەممە ئائىلىلەرگە كىردى.

ھەر مەيدان چوڭقۇر، ئەتراپلىق، روھنى ئۇرغۇتىدىغان لېكسىيە، ھەر قېتىملىق جانلىق، تەسىرلىك بولغان، تۈگۈننى يېشىپ ھەم ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان ھەمتۈرتكە پىكىر ئالماشتۇرۇشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى مۇھىم سۆزنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى، كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

پۇقرا تەشۋىقاتچىلار سادانى ياخشى يەتكۈزدى

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، كۇچا شەھىرى پۇقرا تەشۋىقاتچىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرقايسى يېزا - بازار، كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغىدى.

8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرى چىڭشۈي كەنتىدىكى پائالىيەت ئۆيىدە، پۇقرا تەشۋىقاتچى مامۇت داۋۇت چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۈيلەپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى مەدھىيەلىدى.

مامۇت ئىلگىرى كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالە ئىدى، كەنت كادىرلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ تىرىشىش ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. «بۈگۈنكى ياخشى كۈنلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدىن بولدى. پۇقرا تەشۋىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تىرىشىپ ئەتراپىمدىكى ئاممىغا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى توغرىسىدا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن لېكسىيە سۆزلەيمەن» دېدى مامۇت.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، مامۇت ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن نەق مەيداندىكى ئاممىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەردىن باشلاپ سۆزلەپ، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

چىن ھېسسىيات بىلەن سۆزلەنگەن لېكسىيە ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

«يېڭى دەۋردىكى داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، ھەربىر قېتىملىق ئۆگىنىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھازىرنى قەدىرلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ۋەتەن ۋە خەلققە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى چىڭشۈي كەنتىدىكى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئالمىرە مەمەت.

كۇچا شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەش شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، لېكسىيەنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەش، ساھە ۋەكىللىرى قاپلاپ سۆزلەش، پۇقرا، قابىللار ئۆزگىچە سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى.

(مۇخبىر شيا چىڭ، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى لىڭ، ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى شۆخۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ جيەنچياڭ، گاۋ شاشا، ۋۇ يانەن، يۇڭ خەي)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.