تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چۆللۈكتە يىلتىز تارتقىنىدىن ئۆكۈنمىدى قۇم دېڭىزىدا يېشىللىق بەرپا قىلىپ پۇقرالارنى بېيىتتى

​− داڭلىق قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى ليۇ مىڭتىڭنى زىيارەت

[ئىستون سۆزى]

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار ئۇزاق مۇددەت جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا تاۋلاپ چىققان توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھى − مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنىڭ جانلىق كارتىنسى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى نامايان قىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن تىپىك ۋەكىل بار، ئۇلار غايە ۋە ئېتىقادى، قەتئىيلىكى ۋە تەۋرەنمەسلىكى بىلەن ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتىنى يارىتىپ، دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىدە «توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرايلى» ئىستونى تەسىس قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسىنى سۆزلەش، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوزغىتىلىدۇ.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھاۋا بىر ئاز دىمىق بولۇپ، چاچلىرى پۈتۈنلەي ئاقارغان بىر ياشانغان كىشى جوزىغا ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ دەل داڭلىق قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى ليۇ مىڭتىڭ بولۇپ، ئۇ نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى كىتابنى سېلىشتۇرۇۋاتاتتى.

«بۇ كىتاب نەشردىن چىققاندىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈشىنى پايدىلانما بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.» ليۇ مىڭتىڭ مۇنداق دېدى: ئالىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن تەتقىقات نەتىجەمدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشۈم كېرەك.

بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن، 88 ياشلىق ليۇ مىڭتىڭ بىردەممۇ توختاپ قالمىدى − لەنجوۋدىن شىنجاڭغا كېلىپ، چۆللۈكتە يىلتىز تارتىپ، قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى تەتقىق قىلىپ، «ھالاكەت دېڭىزى»دا يېشىللىق بەرپا قىلىپ، پۇقرالار ئۈچۈن «بىپايان قۇملۇقتا ئالتۇن قېزىش» ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى...

«مېنى ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىغا تەقسىم قىلىڭلار»

ۋاقىتنى 1957 - يىلى 5 - ئايغا قايتۇرساق، لەنجوۋ داشۆسىنىڭ بىيولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ليۇ مىڭتىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى خىزمەت تەقسىماتىدىن سەل ئەنسىرەپ قالدى. ئۇنىڭ شىنجاڭغا بارغۇسى بولسىمۇ، ئەمما نورمال تەقسىمات بويىچە شىنجاڭغا بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس ئىدى.

ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئازلا قالغاندا، جىددىيلەشكەن ليۇ مىڭتىڭ ئەينى چاغدىكى مەكتەپ ئالىي مائارىپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياڭ شيۇفېڭغا بىر پارچە خەت يازدى. ئۇ خېتىدە: «ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا مەن تەشكىلدىن مېنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ جاپالىق، ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلىرىغا تەقسىم قىلىشىنى، مېنى ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىغا تەقسىم قىلىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمەن...» دەپ يازدى.

ليۇ مىڭتىڭ خېتىدە يەنە تېنىنىڭ ساغلام، بەدىنىنىڭ قاۋۇل ئىكەنلىكىنى، جاپالىق شارائىتقا ماسلىشالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ نېمىشقا قەتئىي تۈردە شىنجاڭغا بارماقچى بولدى؟

بۇنىڭغا بىر يىل بۇرۇنقى پىراكتىكا مەزگىلىدىكى باشتىن كەچۈرگەنلىرى سەۋەب بولدى. 1956 - يىلى، ليۇ مىڭتىڭ تارىم دەرياسى بويىغا پىراكتىكا قىلغىلى كەلگەنىدى. «مەن بارغان يەر ھەم قۇرغاق ھەم ئىسسىق بولۇپ، قۇرتلارمۇ كۆپ ئىدى، بارغانلىكى يېرىمنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇملۇق يەر، شورلۇق يەر ئىدى.» تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپلا، ليۇ مىڭتىڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ چاغدا شىنجاڭنىڭ شارائىتى جاپالىق بولۇپ، ھەقىقەتەن قۇرۇلۇش ئىختىساسلىقلىرىغا ئېھتىياجلىق ئىدى. «مېنى يېڭى جۇڭگو تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىشىم كېرەك.» بۇلارنى ئەسلىگىنىدە، ليۇ بوۋاينىڭ تەلەپپۇزى يەنىلا قەتئىي بولدى.

شۇنداق قىلىپ، ليۇ مىڭتىڭ ئارزۇسى بويىچە يېڭىلا قۇرۇلغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ بىيولوگىيە - تۇپراق قۇملىشىشى تەتقىقات ئورنى (ھازىرقى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى)غا تەقسىم قىلىنىپ، قۇم ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى.

بۇ يەردە، ئۇ بىر ئىشلىگىنىچە 60 نەچچە يىل ئىشلىدى، بىر جۈپ رېزىنكە ئاياغ، بىر سومكا ليۇ مىڭتىڭنىڭ شىنجاڭدىكى چوڭ - كىچىك قۇملۇقلارنى ئايلىنىپ چىقىشىغا ھەمراھ بولدى. ئۇ خۇددى توغراققا ئوخشاش بۇ يەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ئۈن - تىنسىز بېغىشلىدى. «مەن ئەزەلدىن دەسلەپكى تاللىشىمدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم، سەۋەبى بۇ يەردىكى كىشىلەر ماڭا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق» دېدى ليۇ مىڭتىڭ.

قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى بايقاش، كېڭەيتىش

1959 - يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرغان قۇم تىزگىنلەش ئەترىتى دۆلىتىمىزدىكى قۇملۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۇنىۋېرسال تەكشۈرگەن، ليۇ مىڭتىڭ تارىم شەرقىي قىسىم تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قاتناشقان ھەم تەكشۈرۈشتە يۇلغۇن (يەنە «قىزىل يۇلغۇن» دېيىلىدۇ)نىڭ يېڭى سورتى − تەكلىماكان يۇلغۇنىنى بايقىغان.

يۇلغۇن دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چۆللۈك − يېرىم چۆللۈك رايونلارغا كەڭ تارقالغان ئۆسۈملۈك، ئۇ قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، شورغا چىداملىق، ئۈنۈمسىز تۇپراققا چىداملىق، بوران ۋە قۇمغا چىداملىق بولۇپ، قۇملۇقتىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۈمىد ھېسابلىنىدۇ.

ليۇ مىڭتىڭ يۇلغۇنغا نەزەرىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، كېيىنكى 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ليۇ مىڭتىڭ يەنە ئارقا - ئارقىدىن يەكەن يۇلغۇنى، تارىم يۇلغۇنى، جىنتا يۇلغۇنى قاتارلىق بەش يېڭى سورتنى بايقاپ، جۇڭگو يۇلغۇن ئائىلىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم سورتىنى بايقىغان ئادەم ۋە ئۇنىڭغا ئىسىم قويغان ئادەم بولۇپ قالدى. يۇلغۇندىن سىرت، ئۇ يەنە قۇم تۇراقلاشتۇرىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى تەتقىق قىلدى، تەخمىنەن 200 خىل ئۆسۈملۈكنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلدى.

«يېڭى تۈرنى بايقاش پەقەت بىر باشلىنىش، ئەمدى قانداق قىلغاندا كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ ئۆستۈرۈش ئاچقۇچ» دېدى ليۇ مىڭتىڭ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ قىزىل يۇلغۇن مايسىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئورمان بىنا قىلىشنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. قايتا - قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ قىزىل يۇلغۇن سورتى يېتىشتۈرۈش، مايسا يېتىشتۈرۈش مىقدارىنى ھەر مو يەردە 50 مىڭ تۈپ بولۇشتىن ئاشۇرۇپ 500 مىڭ تۈپكە يەتكۈزدى، قەلەمچە قىلىپ ئۆستۈرگەن مايسىلارنىڭ مو بېشى مايسا يېتىشتۈرۈش مىقدارى 120 مىڭ تۈپكە يېتىپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

ئارقىدىن، ليۇ مىڭتىڭ يەنە كەلكۈندىن پايدىلىنىپ ئۇرۇقنى ئېقىتىپ، قىزىل يۇلغۇن ۋە باشقا قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلدى ھەم پۈتۈن شىنجاڭدا كېڭەيتىپ، قىزىل يۇلغۇننى نەچچە مىليون موغا كۆپەيتىپ، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە يېشىل توسۇق بەرپا قىلدى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەلقئارا، دۆلەت، ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك 28 مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چۆللىشىشنى تۈزەش مۇكاپات تۈرىدىن ئۈچى بار.

«قۇم دېڭىزىدا ئالتۇن قېزىش» دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

قۇملۇق كۆكىرىپ، قۇم - بوران ئازايدى، لېكىن ليۇ مىڭتىڭنى تېخىمۇ بەك جىددىيلەشتۈرگىنى قۇملۇق رايونىدىكى ئامما تېخى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشمىگەنىدى.

بۇنىڭ ئۈچۈن، كۆچمە قۇمنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش مەزگىلىدە، ليۇ مىڭتىڭ چىرا قۇم تىزگىنلەش پونكىتىدا قىزىل يۇلغۇندا توشقانزەدىكىنى سۈنئىي ئۆستۈرۈش تەجرىبىسىنى باشلىدى. توشقانزەدىكى قىزىل يۇلغۇننىڭ يىلتىزىدا ئۆسىدىغان قۇملۇقتىكى قىممەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن سۈنئىي ئۆستۈرۈلمىگەنىدى. ليۇ مىڭتىڭ 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى تۇنجى قېتىم تەجرىبە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

1995 - يىلى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ليۇ مىڭتىڭنىڭ نامىنى ئاڭلاپ پېنسىيەگە چىققان ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، «قۇم دېڭىزىدا ئالتۇن قېزىش» ئۇسۇلىنى تېپىپ بېرىشنى ئۆتۈندى، ليۇ مىڭتىڭ قىلچە ئويلانمايلا ماقۇل بولدى.

ئۇ چىرا قۇم تىزگىنلەش پونكىتىدىن 20 مىڭ تۈپ يېتىشتۈرۈلگەن قىزىل يۇلغۇن مايسىسىنى ئېلىپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسىغا كەلدى، قۇم دۆۋىسىدىن 50 مو تەجرىبە ئېتىزىنى تۈزلەپ چىقىپ، قىزىل يۇلغۇن يىلتىزىدا توشقانزەدىكىنى سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈشكە باشلىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، قىزىل يۇلغۇن توشقانزەدىكىنى سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. دېھقانلارنى خاتىرجەم توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ليۇ مىڭتىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە تەجرىبە ئېتىزى بېشىغا بېرىپ تۇردى.

2003 - يىلى، ليۇ مىڭتىڭ مەملىكەت بويىچە توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈشتىكى تۇنجى كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشتى، ئارقىدىن يەنە توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈشتە «چۆنەك ئېچىپ تېرىپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقتى.

«پەن - تېخنىكا تارتمىدا قۇلۇپلىنىپ قالسا بولمايدۇ» دېدى ليۇ مىڭتىڭ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئىزچىل تېخنىكىنى ئەتراپتىكى ئاممىغا ھەقسىز ئۆگەتتى. 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر مىللىتى ئاممىسىغا توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈشنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

ليۇ مىڭتىڭ بىلەن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكىسىدە، قىزىل يۇلغۇن توشقانزەدىكى بازاردا بارا - بارا ئېتىراپ قىلىندى. نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىدە توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 500 مىڭ مودىن ئېشىپ، مو بېشى ھوسۇلى ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 كىلوگىرامغا يېتىپ، دۆلىتىمىزدىكى توشقانزەدىكى چىقىدىغان مۇھىم جاي ۋە يىغىش - تارقىتىش ئورنىغا ئايلاندى، نۇرغۇن پۇقرا بۇنىڭ بىلەن كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى.

«قۇم دېڭىزىدا ئالتۇن قېزىش» ئەمەلىيەتكە ئايلاندى، ليۇ مىڭتىڭنىڭ ئىلگىرىكى ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشتى، ئەمما ئۇ تېخىچە ئارام ئالمىدى، كىتاب يېزىشتىن سىرت، ليۇ مىڭتىڭ يەنە قۇملۇقتا ئۈنۈم يارىتىدىغان باشقا بىر خىل ئۆسۈملۈك خىلىنى تېپىشنى ئارزۇ قىلاتتى...

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.