تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل «شال ماكانى» گۈزەل ئىگىلىكنى جانلاندۇردى

7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسىنىڭ يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدە سەھرا مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا. □ئۈمىد قادىر فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

تومۇزدىكى 8 - ئايدا، قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسىنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلاتتى. خاس مېۋىلىك باغلاردىكى مېۋىلەر شاخلارغا لىق تولغان، شال ئېتىزلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى؛ ئۆزگىچە دېھقان ھويلىلىرى رەتلىك سېلىنغان بولۇپ، ئېقىن سۇ بويىدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن شادىمانلىق چىقىپ تۇراتتى؛ دېھقانلار ئارامگاھلىرىدا مېھمانلار كېلىپ كېتىپ تۇراتتى، خۇشال كۈلكە - چاقچاقلار ئۈزۈلمەيتتى...

پاختەكلى يېزىسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى تۇتقا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت بىلەن خاس كەسىپلەرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ھەممە كەنتتە خاسلىق بولۇش، ھەممە كەنتتە يارقىن نۇقتا بولۇش»نى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك كەسىپ ھالەتلىرىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە «سۈرئەتنى تېزلەتتى».

يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى

پاختەكلى يېزىسىنىڭ يۇقارقى قاقۇللا كەنتىگە كىرگەندە، خۇددى جياڭنەندىكى بىر كەنتكە كىرگەندەك تۇيۇلاتتى، تەبىئىي سۇ سىستېمىسىدىن شەكىللەنگەن ئۆستەڭ ئاستا ئېقىپ كەنتنى كېسىپ ئۆتكەنىدى، ئۆستەڭ ئۈستىدىكى قەدىمىي تۈس ۋە ئۇسلۇبتىكى كىچىك كۆۋرۈك ئۆستەڭ بويىغا رەتلىك سېلىنغان ئۆي - ئىمارەتلەر، توسمىلار بىلەن بىرىكىپ بىر خىل ئىناق، تىمتاس سەھرا مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى.

«يۇقارقى قاقۇللا كەنتىنىڭ سۇ بايلىقى مول بولۇپ، 30 نەچچە تەبىئىي بۇلاق بار، بىز سۇ سىستېمىسى، بۇلاق، شاللىق، يېشىل يول قاتارلىق ھازىر بار بولغان بايلىقلار ئارقىلىق، «شال ماكانىدىكى بۇلاق كەنتى» ئېكولوگىيەلىك يېزا - كەنت ساياھەت مەنزىرە رايونىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدۇق» دېدى پاختەكلى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى دۇمىن مۇخبىرغا.

بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، كەنت باشقىچە بىر مەنزىرىدە ئىدى. «ئىلگىرى سۇ يۈزىنىڭ ھەممىلا يېرى ئەخلەت ئىدى، كەنتتىكى يوللارنىڭمۇ ھەممىسى توپىلىق يول ئىدى، ماشىنا ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا كۆتۈرۈلگەن چاڭ - توزان ئادەمنىڭ ئۈستبېشىنى توپا - چاڭ قىلىۋېتەتتى» دېدى كەنت ئاھالىسى خۇرشىدە نۇر. 2016 - يىلىدىن بۇيان، يۇقارقى قاقۇللا كەنتى ئەخلەتلەرنى تازىلاش ھەم 2000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق سۇ يۈزىنى تازىلاشنى تاماملىدى، بارلىق كوچا يوللىرىنىڭ ھەممىسى قاتتىقلاشتۇرۇلدى ھەم يول چىرىغى ئورنىتىلدى، ھەممە ئائىلىدە تۇرۇبا سۈيى بار بولدى، يۇندى چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى ۋە سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا ئورنىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن كەنتتە مەنزىرە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سۇ سىستېمىسىنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولغان، ئەخلەتنى قالايمىقان تۆكىدىغان، يۇندىنى خالىغانچە چىقىرىۋېتىدىغان كونا ھالەت تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىلدى، كەنت قىياپىتى تەلتۆكۈس يېڭىلاندى.

2019 - يىلى 6 - ئايدىن بۇيان، مەنزىرە رايونى شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن 100 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، مەنزىرە رايونىدىكى ئاشخانا، تۈرلۈك دۇكان، ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى قاتارلىقلارنىڭ تىجارەت كىرىمى 3 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، دېھقان ئائىلىلىرىدىكى 200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مەنزىرە رايونى ھەم ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساپ كىرىمى 13 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇ كەنتتىن چىققان ئەلا سۈپەتلىك ئاجىز ئىشقارلىق گۈرۈچمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە، «شال ماكانى، بۇلاق كەنتى» سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ تەدرىجىي داڭقى چىقىپ، رايون جەلپ قىلىش كۈچى كۈنسېرى كۈچەيدى.

كەنتتە ساياھەتچىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇرشىدە نۇر «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. «ئۆيۈم بىر پارچە رەسىم ئىچىدە تۇرغاندەكلا ھېس قىلىمەن، ھازىرقى تۇرمۇشۇم كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىگە ئوخشاشلا گۈزەل».

ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى

10 مىڭ مولۇق سەر خىل شال ئېكولوگىيە باغچىسىدا، تولۇق دان تۇتقان شال باشاقلىرى ئۆزىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، غاز، ئۆردەكلەر شال ئېتىزلىرىدا بەخىرامان يۈرەتتى، يەنە ئىككى ئاي ئەتراپىدا شاللار ئورۇش مەزگىلىگە كىرىدۇ.

پاختەكلى يېزىسىنىڭ شال تېرىقچىلىق تارىخى ئۇزاق، گۈرۈچ سۈپىتى ياخشى. ئەمما شورلۇق يەرنىڭ چەكلىمىسى ۋە ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنىڭ تەسىرىدە، شال ھوسۇلى ئىزچىل يۇقىرى بولماي كەلگەنىدى. 2018 - يىلىدىن بۇيان، دېڭىز شېلى بۇ يېزىدا سىناق تەرىقىسىدە تېرىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، شالنى قۇرغاق يەرگە تېرىش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، سۇ بايلىقى زور دەرىجىدە تېجەلدى. دېڭىز شېلىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئەنئەنىۋى شال سورتىنىڭكىدىن 100 كىلوگىرام ئەتراپىدا يۇقىرى بولۇپ، دېھقانلار ھەر كىلوگىرام گۈرۈچتىن ئىككى يۈەن ئەتراپىدا كۆپ كىرىم قىلالايدۇ.

بۇ يىل پاختەكلى يېزىسى دېڭىز شېلى تېرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلاپ، 10 مىڭ مولۇق سەر خىل شاللىق ئېكولوگىيە باغچىسىنى پىلانلاپ، ھەممىسىدە يېشىل، زىيانسىز تېرىقچىلىق ئۆلچىمى سىستېمىسىنى قوللاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستېرېئولۇق يېزا ئىگىلىك بويىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، شال ئېتىزلىرى ئارىسىدىكى ئېرىقلاردا ئۆردەك، غاز، بېلىق، راكنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ بېقىپ، يەردىن پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇردى.

تىلىۋالدى ئۇلۇغ پاختەكلى يېزىسىنىڭ يۇقارقى پاختەكلى كەنتىدىن. بۇلتۇر ئۇنىڭ ئائىلىسى بەش مو يەرگە دېڭىز شېلى تېرىپ، كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭغا باقمىچىلىق قاتارلىقلاردىن قىلغان باشقا كىرىمىنى قوشقاندا، پۈتۈن يىللىق كىرىمى 70 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن تىلىۋالدى بۇ يىل دېڭىز شېلى تېرىش كۆلىمىنى كۆپەيتتى، يەنە شال ئېتىزىدا غاز ۋە شياۋلۇڭشيا باقتى. «بۇ يىل مەن يەنە داۋاملىق غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، كىرىمىمنى يەنىمۇ كۆپەيتىمەن، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن!» تىلىۋالدىنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

«بۇ يەردە شال تېرىپ، ئېتىز - ئېرىق بېشىدا ئۆردەك، غاز، قىسقۇچپاقا ۋە شياۋلۇڭشيا بېقىشىمىزدىكى مەقسەت، بۇ يەرنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى نامايان قىلىپ، تەبىئىيلىككە قايتىش، تەبىئەتكە قايتىشنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئېكولوگىيەلىك ساياھەت شەكلىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.» 10 مىڭ مولۇق سەر خىل شاللىق باغچىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شال ئېتىزلىرىنى سەيلە قىلىش، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تاماشا قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك - ئىچمەك، دەم ئېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان «شال ماكانى − بېلىقچى ناخشىسى» ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ساياھەت بازىسى بەرپا قىلىمىز.

«شال ماكانى» سۈپەتلىك ماركىسى يارىتىلدى

2020 - يىلى 5 - ئايدا، 10 مىڭ مولۇق شال ئېتىزىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، شېنجېن ياردەم بېرىپ قۇرغان نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، «كەسىپ + ساياھەت + مەدەنىيەت»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، 2000دىن ئارتۇق كەسىپ ئىشچىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

ھازىر، يۇقارقى پاختەكلى كەنتى پات ئارىدا جياۋبەيدىن ھوسۇل ئېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ، بىر كىلوگىرام جياۋبەينى ئەڭ ئاز بولغاندا ئون يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، بىر مو يەردىكى جياۋبەيدىن نەچچە يۈز كىلوگىرام ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، جياۋبەي ئېتىزىدا بېقىلغان شياۋلۇڭشيا سېتىلىپ بولدى. يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدە، 20گە يېقىن كەنت ئاھالىسى مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ دېھقانلار ئارامگاھى، دۇكان، پۇقراۋى قونالغۇ ئاچتى.

بۈگۈنكى كۈندە، «شال ماكانى، بۇلاق كەنتى» توردا ئالقىشلانغان چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى، «شال ماكانى − بېلىقچى ناخشىسى» دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتى. بۇ يېزا يەنە ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپلىگەن «شال ماكانى» يېزا - كەنت ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، خاس باقمىچىلىق، دېھقانلار يېمەك - ئىچمەكلىرى، خاس پۇقراۋى قونالغۇ، يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك كەسىپ ھالەتلىرىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، بىر كەنتتە بىر مەنزىرە، بىر كەنتتە بىر كەسىپ، بىر كەنتتە بىرخاسلىق بولغان گۈزەل يېزا - كەنتنى شەكىللەندۈردى.

«پاختەكلى يېزىسى سەيلە - ساياھەت، ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، سودا، ساغلام ئارام ئېلىش، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، زامانىۋى باشقۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى يولىدا مېڭىپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، گۈزەل يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈزەل ئىگىلىكىنى جانلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدۇ» دېدى لى دۇمىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.