تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​دائىملاشقان دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن قىسمەن دائىرىلىك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى​

دائىملاشقان دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن قىسمەن دائىرىلىك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك​

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى​

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ شەھىرى پورت رايونىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئالاقىدار ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، قىسمەن دائىرىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي ساقلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بورتالا ئوبلاستى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسكىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تارقىلىش زەنجىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇمنى قىسمەن دائىرىدە تىزگىنلىشى كېرەك. تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇرۇپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ۋىرۇس بىلەن بەسلىشىپ، بارلىق يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ھەممىسىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشى كېرەك؛ يۇقۇمنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون خەۋپ - خەتەر دەرىجىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، قىسمەن دائىرىدىكى يۇقۇم رايونلىرىغا قاراتمىلىقى بار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇھىتنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ تېز سۈرئەتتە ئادەتتىكى خېسۈەن تەكشۈرۈش ئاساسىدا، خېسۈەن تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇشى، ئەمەلىي تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك. ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بورتالا ئوبلاستى بىلەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۇداپىئە لىنىيەسىنى ھەقىقىي پۇختىلىشى كېرەك؛ كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئادەم، ماددىي ئەشيا جەھەتتە تەڭ ئالدىنى ئېلىش، تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئورۇن، مۇھىم مەيدان - سورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى چىڭ، جىددىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا پورتىدا پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش، ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا قارىتا خېسۈەن تەكشۈرۈشى قىلىش، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەش ۋە قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك؛ ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، مەۋقەنى ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، دائىملىق خېسۈەن تەكشۈرۈشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش، باشقۇرۇش ۋە ئالدىن تەكشۈرۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى چىڭىتىپ، «قاراۋۇللۇق» فۇنكسىيەسىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ سىياسەت، تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى پائال، پۇختا، سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنى شەخسىي مۇداپىئەنى كۈچەيتىش، مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك؛ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆددىگە ئېلىش - ئالاقىلىشىش بويىچە مەسئۇل بولۇپ، ھەر كىم ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىگىلەپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي يېڭىپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.