ئاپتور: چېن خۇالىن
مايتاغ-كۇچا تاشيولى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى-شىمالىنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر كېلىدۇ، تاغ ئىچىدىكى جىلغىلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قارلىق تاغ، ئوتلاق، گۈل دېڭىزى، شارقىراتما قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلەر بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، «جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن تىيانشان ئومۇرتقىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان مەنزىرە يولى، دەپ باھالانغان. تاشيول لىنىيەسى بويىغا خۇڭسەن تاش ئورمىنى، كۇچادىكى چوڭ-كىچىك كۆل، بايىنبۇلاق يايلىقى قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى تارقالغان بولۇپ، تولىمۇ گۈزەل.
8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتور يەنە بىر قېتىم مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى كېسىپ ئۆتتى. قارلىق تاغقا نەزەر تاشلاپ ۋە يەنە گىرەلىشىپ كەتكەن جىلغىلارغا ئېگىزدىن قارىغاندا، تاغلار ئارىسىدا بەزىدە بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرسە، بەزىدە تۇمان كۆتۈرۈلەتتى، بەزىدە قۇياش نۇرى پارلىسا، بەزىدە قاتتىق بوران ھۇۋلايتتى.. ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: نىلقا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى)