تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭقۇر قاتلامدىن يۇغۇردى  كۆپ جەھەتتىن كۈچ توپلىدى

جېجياڭ:

چوڭقۇر قاتلامدىن يۇغۇردى كۆپ جەھەتتىن كۈچ توپلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر يې شىتىڭ

8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مەدەنىيەت چوڭ سەھنىسىدە، ئەدەبىيات - سەنئەت شۆبە ئەترىتى ماھارەت كۆرسىتىۋاتاتتى؛ مەدەنىيەت چوڭ زالىدا، كەنت ئاھالىلىرى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتاتتى؛ دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە بىرنەچچە ئوقۇغۇچى بېرىلىپ كىتاب ئوقۇۋاتاتتى... ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى جىنخۇا يېڭى كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشى مول مەزمۇنلۇق ئىدى.

جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى كوڭ دېدۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: جىنخۇا يېڭى كەنتىنىڭ ئەسلىي ئىسمى «قۇرۇل كەنتى» بولۇپ، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كەنت ئاھالىلىرى جىنخۇا شەھىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، كەنت نامىنى «جىنخۇا يېڭى كەنتى»گە ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغان. «مەدەنىيەت چوڭ سەھنىسى، مەدەنىيەت چوڭ زالى، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى مەيدان - سورۇنلىرى بىزنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز مەۋقەنى <كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان جېجياڭ - شىنجاڭ · كىتاب ئوقۇش بازىسى> ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، جېجياڭ - ئاقسۇ 100 مەكتەپتىكى 100 مىڭ <ئانارنىڭ دانىسى> ياشلار، ئۆسمۈرلەر ھېسسىيات يۇغۇرۇش قۇرۇلۇشى، <مىليون سىزما رەسىملىك كىتابنى شىنجاڭغا يەتكۈزۈش> پائالىيىتىگە قويۇپ، كىتاب ئارقىلىق ئىللىق قەلب كۆۋرۈكى سالىمىز».

جېجياڭ ئۆلكىسى 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈرلۈك شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان شەھەرلەر بىلەن ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلار ئارىسىدا تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان قەلب كۆۋرۈكلىرىنى سېلىپ، ئىككى جاي خەلقىنىڭ مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جېجياڭ ئۆلكىسى «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر رايون مەدەنىيىتى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىل، جېجياڭ جىڭكۈن سەنئەت مەركىزىنىڭ يۇمشاق ئۇسۇلدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئىختىساس ئىگىسى گېڭ لۈجيې جېجياڭ بىلەن ئاقسۇ ئىككى جاي ئارىسىدا ئالتە قېتىم قاتنىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «جېجياڭ - ئاقسۇ دىراما ۋە ئەلنەغمە ھۈنەرخانىسى كۇنچۈ تىياتىرى رادىيو گىمناستىكىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئىجاد قىلدى، بۇ گىمناستىكا نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلماقتا. بۇنداق شەكىل ئارقىلىق، ھەم شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ، ھەم بەدەننى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ».

«جېجياڭ، ئاقسۇ ئىككى جايدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر سەھنىدە مەشىق قىلىشى بىر قېتىملىق پۈتۈنلەي يېڭىچە سىناق.» گېڭ لۈجيې مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى جايدىكى سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئىلھامغا كېلىپ، بىرلىكتە ئاقسۇنىڭ رايون مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە نادىر ئەلنەغمە ئېسىل ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

تىياتىر ئىختىساسلىقلىرىنى تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈشتىن سىرت، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى يەنە جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى يازغۇچى، رەسسام، خەتتات، ناخشىچى، ئۇسسۇلچى قاتارلىقلارنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھىرىگە كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ، جېجياڭ، ئاقسۇ ئىككى جايدىكى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى ئىجادىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە سېھرىي كۈچىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى تۈركۈم - تۈركۈم سەنئەتكارلار كوللېكىتىپى ئۈزۈلمەي ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كېلىپ «مەدەنىيەت بويىچە تۇغقان يوقلاش»نى قانات يايدۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان سەنئەت ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ بەردى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جۇ لىنسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا پەقەت «قان بېرىش»لا ئەمەس، يەنە «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككى جايدىكى مەدەنىيەت - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جېجياڭ، ئاقسۇ ئىككى جايدا ئۆزئارا سىڭىشىدىغان، ئۆزئارا يۇغۇرۇلىدىغان مەدەنىيەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق يۇغۇرۇلۇش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

بۇلتۇر، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «مەن جېجياڭنى، شىنجاڭنى سۆيىمەن» مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش سۈپەتلىك ماركا تۈرىنى بەرپا قىلدى. بۇ يىل، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «مەن جېجياڭنى، شىنجاڭنى سۆيىمەن . 100 يىل مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تېمىسىدىكى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش «مىليون» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى يولغا قويدى. بۇ پائالىيەتتە جېجياڭ، ئاقسۇ ئىككى جايدىكى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر سەنئەتكارلار ئىجاد قىلىش، ئويۇن قويۇشقا قاتناشتۇرۇلۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، جېجياڭ، ئاقسۇ ئىككى جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.

«مەن جېجياڭنى، شىنجاڭنى سۆيىمەن . 100 يىل مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تېمىسىدىكى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش «مىليون» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى مول، مەسىلەن، 9 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي) خاڭجوۋ، جىنخۇا قاتارلىق جايلاردا «يىپەك يولىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش پۇللار» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سەييارە كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جېجياڭ ئۆلكىلىك مۇزېينىڭ ئاقسۇ رەقەملىك شۆبە مۇزېيىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بارمىقىنى مىدىرلىتىپلا، جېجياڭ ئۆلكىلىك مۇزېيدىكى تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ھۆججەت، ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدۇ.

«بىز شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى باشقا خىزمەتلەر بىلەنمۇ بىرلەشتۈردۇق، مەسىلەن، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى رەسساملار بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى دېھقان رەسساملار پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى بىرلىكتە سىزدى، بۇ رەسىملەر خاڭجوۋ، شاۋشىڭ، جىنخۇا قاتارلىق جايلاردا سەييارە كۆرگەزمە قىلىنىپ، بىر قىسىم دېھقانلار رەسىملىرى ۋە سەنئەت ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا لايىھەلەش، ئېچىش ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە تونۇشتۇرۇپ سېتىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى جۇ لىنسېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.