تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىدا تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى ھەم مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتتى

ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىدا تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى ھەم مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم، زور ئىدىيە، مۇھىم، زور قاراش، مۇھىم، زور ھۆكۈملەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كاللىنى تېخىمۇ ياخشى قوراللاندۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىدا تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە باشتىن - ئاخىر ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، مۇھىم، زور سىياسىي ئەھمىيەتكە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە، ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىگە ئاساسەن، بەس - بەستە تىرىشىپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولغۇچىلاردىن، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلغۇچىلاردىن، قەتئىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ ئۆگىنىشتىكى ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلەردىن، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىدىيەدە، سىياسىيدا، نەزەرىيەدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىشكە، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قاراتمىلىقنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى خۇلاسىلەپ، پارتىيەنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئېلىپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپكە توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر ۋە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنى تىرىشىپ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى بىر - بىرىگە سىڭدۈرۈشتە، سىياسىي جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش ۋە چارە - تەدبىر كۆرسىتىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تەڭ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن دېيىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن كېڭىشىشتىن ئىبارەت مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى بولۇش مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە قىسمەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.