تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئەلالاشتى  سۈپەتلىك ماركا قىممىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشى توغرىسىدىكى كۆزىتىش (3)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىپ، مەھسۇلات مىقدارىدا تارىختا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ بۇغدىيىنىڭ قار سۈيى بىلەن سۇغىرىلىش، تەبىئىي يېشىل بولۇش، سۈپىتى ئەلا بولۇشتەك سۈپەتلىك ماركا ئوبرازىمۇ بازارنىڭ يەنىمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق كەسىپ سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى.

سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، زىيانغا ئۇچراشنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش

ئەلا سۈپەتلىك خام ئەشيا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئەلا سۈپەتلىك كەسىپنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئاشلىق كەسپى، بولۇپمۇ بۇغداي پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى باشتىن - ئاخىر سۈپەتنىڭ كۈچلۈك تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.

«ھەم پۇلنى تېجىگىلى، ھەم كۈچنى تېجىگىلى، يەنە يۇقىرى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.» ساۋەن شەھىرىنىڭ شىگېبى بازىرى جىنخېپەن كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقان چېن چىڭلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بۇغداي يىغىۋېلىش ھالقىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇغداي پىشقاندىن كېيىن، ئۆزىمىز ئالاقىلىشىپ كومبايىن بىلەن يىغىۋېلىپ، ئاندىن خامانغا يېيىپ قۇرۇتۇپ، سورۇپ تازىلىغاندىن كېيىن يەنە ئاپتوموبىل ئالاقىلىشىپ ئاشلىق پونكىتىغا ئاپىرىپ ساتاتتۇق، تەرتىپ كۆپ بولغاچقا، خوراشمۇ كۆپ بولاتتى، ئەگەر باشقۇرۇش جايىدا بولمىسا، يەنە بۇغداينىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ، كىرىم ئازلاپ كېتەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شۇ جايدىكى سېتىۋېلىش كارخانىلىرى تەمىنلىگەن «ۋاكالىتەن تازىلاش، ۋاكالىتەن قۇرۇتۇش، ۋاكالىتەن ساقلاش، ۋاكالىتەن پىششىقلاش، ۋاكالىتەن سېتىش» مۇلازىمىتىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەچكە، چېن چىڭلى پەقەت يىغىۋالغاندىن كېيىنكى بۇغداينى سېتىۋېلىش كارخانىلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرسىلا، كارخانا تازىلاپ تاسقاپ بېرىدىغان ھەم كەسىپلەشكەن ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، سېتىش تەننەرخى تېجىلىپ، يىغىۋېلىش ۋە توشۇش ھالقىسىدىكى ئاشلىق زىيىنى ئازايدى.

«ھەر مو يەردىكى بۇغدايدىن يەتتە كىلوگىرام ئەتراپىدا خوراشنى ئازايتقىلى بولىدۇ، توشۇش ھەققى، تازىلاش ھەققىدىن ھەر كىلوگىرامدا تۆت - بەش پۇڭنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.» چېن چىڭلى مۇنداق دېدى: قولايلىق بولغان ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخنى تېجەپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشى» ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ھازىر بار بولغان ساقلاش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ساقلانما بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ جانلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسىپلەشكەن تىجارەت خاراكتېرلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنى ۋاكالىتەن تازىلاش، ۋاكالىتەن قۇرۇتۇش، ۋاكالىتەن ساقلاش، ۋاكالىتەن پىششىقلاش، ۋاكالىتەن سېتىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلار ئۈچۈن «ئاشلىقنى قۇرۇتۇش تەس بولۇش، ئاشلىق ساقلاش تەس بولۇش، سېتىش تەس بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ تەننەرخنى تېجەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى زىياننى ئازايتتى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزىدىن 84ى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تەسىر كۆرسەتكەن رايوندىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 23 مىليون 100 مىڭ موغا، مۇلازىمەت بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %34.5 كە يېتىپ، قاپلانغان رايوندىكى ئاشلىقنىڭ زىيانغا ئۇچراش، خوراش، ئىسراپ بولۇش ۋە كۆكىرىپ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئاشلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، زىياننى ئازايتىش ۋە ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

رايون سۈپەتلىك ماركىسى يارىتىلدى

بۈگۈنكى كۈندە، «شىنجاڭ ئۇنى» ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ ئاتىلىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك ئۇنىنىڭ «رايون سۈپەتلىك ماركىسى» بولۇپ قالدى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سۈپەتلىك ماركا ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىنى كەسكىن بازار رىقابىتىدە ئۆزىگە خاس ئېنىق ئورۇنغا ئىگە قىلدى.

2019 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق كەسپىگە مەسئۇل تارماقلار شىنجاڭ ئۇنىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۇن سۈپەتلىك ماركا بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ھۆكۈمەت، كەسپىي جەمئىيەتلەر، كارخانىلار ئورتاق بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئۇنى» رايون سۈپەتلىك ماركىسىنى ياراتتى، شىنجاڭ ئاشلىق كەسپى جەمئىيىتى باشلامچىلىق بىلەن «شىنجاڭ ئۇنى» كەسىپ ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

«مەھسۇلات پەزىلەت دېمەكتۇر، سۈپەت ھايات دېمەكتۇر.» شىنجاڭ ساڭمەييۈەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ما خۇڭيوۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كارخانىمىز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ھۈنەر - سەنئەت ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىنى ئۆستۈرۈشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئىنچىكە پىششىقلاپ ئۇن تارتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ يۇقىرى ئاقسىل تەركىبىنى ساقلاپ قالدۇق، بۇ خىل ئۇندىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر مەززىلىك، تەملىك بولۇپ، بۇ خىل تېخنىكا مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ۋە قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. «شىنجاڭ ئۇنى» رايون سۈپەتلىك ماركىسى زامانىۋى سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئېلىپ كېلىپ، كارخانىلارنىڭ كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتىدا تۈجۈپىلەپ ئىش قىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى، بۇ، ئۇنچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«رايون سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى شىنجاڭ ئۇنىنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردى، بۇ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارنى كېڭەيتىشىگە پايدىلىق» دېدى شىنجاڭ تىيانشان ئۇنى(گۇرۇھى)چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فەن جيەن.

نۆۋەتتە، «شىنجاڭ ئۇنى» كەسىپ ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ بولدى، شىنجاڭ بولكا ئۇنى، جۇۋاۋا ئۇنى، بۇغداي جەۋھىرى ئۇنى قاتارلىق مەھسۇلاتلار كەسىپلەشتۈرۈلۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20دىن ئارتۇق شەھەرگە سېتىلىۋاتقان بولۇپ، «شىنجاڭ ئۇنى» تەدرىجىي ھالدا شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلاردا چىڭ پۇت تىرەپ تۇرماقتا. شىنجاڭ ئاشلىق كەسپى جەمئىيىتى مەھسۇلات ئۆلچىمىنى بېكىتىش ئارقىلىق، كارخانىلارغا «شىنجاڭ ئۇنى» رايون سۈپەتلىك ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە سۈپەتلىك ماركىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆلچەمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، «شىنجاڭ ئۇنى» رايون سۈپەتلىك ماركىسىنى تىرىشىپ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسىغا ئايلاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەتلىك ماركا قىممىتىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

خاسلىق ياخشى گەۋدىلەندۈرۈلدى

ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدا 100دىن ئارتۇق كۆلەمدىن يۇقىرى ئۇن پىششىقلاش كارخانىسى، نەچچە يۈز ئۇن سۈپەتلىك ماركىسى بولۇپ، ھەر يىلى شىنجاڭ سىرتىغا 300 مىڭ توننا ئەتراپىدا ئۇن سېتىلىدىكەن. ئۇن پىششىقلاش، سېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى نۇرغۇن كارخانا ئۇن پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، خاس مەھسۇلاتلار ئارقىلىق ئاشلىق كەسپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشكە باشلىغان.

شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئادىلجان نىياز مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كارخانىمىز جەمئىي 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ناننى ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئەسلىھەسىنى كىرگۈزۈپ، كەلپىن ناھىيەسىدىكى يەرلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كەلپىننىڭ نان كەسپى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ نان كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ھازىر كارخانىمىز كۈنىگە 50 مىڭدىن ئارتۇق نان، 10 مىڭ كەلپىن چوڭ بولكىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 50 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.» ئادىلجان مۇنداق دېدى: كارخانىمىز «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، يېشىل، ئورگانىك ئاشلىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ھەر يىلى زاكاز قىلىپ 6000 توننىدىن ئارتۇق يېشىل، ئورگانىك بۇغداي سېتىۋېلىش ئارقىلىق، 2600دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىگە بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ كىرىمىنى 500 يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مەۋقەنى خاس ئاساسىي يېمەكلىككە قويۇپ، نان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق كەسپى مەسئۇل تارماقلىرى كەسپىي ئاپپاراتلارغا ھاۋالە قىلىپ نان يېقىشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئۇن ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى بازار ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ نان يېقىشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئۇن ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەپ، نان يېقىش بويىچە ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇپ، «ساياھەت + نان» «ئالاقە تورى + نان» قاتارلىق سېتىش ئەندىزىلىرىنى قوللىنىپ، ناننى خاس ئىستىراھەت يېمەكلىكى ۋە ساياھەت تاۋىرى سۈپىتىدە پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندۈردى.

ئاشلىق كەسپى ساغلام تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ناننى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساسىي يېمەكلىك پىششىقلاش كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى، ناننىڭ كۈنلۈك مەھسۇلات مىقدارى 16 مىليون 580 مىڭغا يەتتى، كۈندىلىك سېتىلىش سوممىسى تەخمىنەن 43 مىليون 80 مىڭ يۈەن بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا سالاھىيەتكە ئىگە تەييار تاماق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى 300دىن ئاشتى، 1000 خىلدىن ئارتۇق تەييار تاماق مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى كەسىپلەر تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دىڭ باۋدېڭ مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان مەزگىل، ئاشلىق كەسپى مەسئۇل تارماقلىرى رايون سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك، قۇۋۋەتلىك، ساغلام» بولۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئاشلىق - ياغ ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق - ياغ سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى كۈچەيتىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.