□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
8 - ئاي دەل شىنجاڭنىڭ تاغ - دەريالىرى يېشىل رەڭگە كىرىپ، مېۋە - چېۋىلىرى مەي باغلاپ پىشىدىغان پەسىل بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار بېيىغان گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى. بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ جانلىق مەنزىرىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسى شىنجاڭ تۇپرىقىدا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى.
مۇھىت دېمەك خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر، يېشىل تاغ دېمەك گۈزەللىك دېمەكتۇر، كۆك ئاسمان دېمەك بەخت دېمەكتۇر. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پارتىيەنىڭ بۇرچى، ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور جەمئىيەت مەسىلىسى. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بولمىسا گۈزەل يۇرت - ماكان بولمايدۇ، ھەقىقىي ھاللىق جەمئىيەت تېخىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا مۇقەررەر ھالدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ھەم تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.
تارىم دەرياسى دولقۇنلاپ ئاقتى، سۆكسۆك ئورمانلىقىدا توشقانزەدىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، لوپنۇر كۆلىدە بېلىق، قىسقۇچپاقىلار ئوبدانلا سەمىردى... ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراق»نى قوغداش جېڭىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، قاقاس تاغلار يېشىللىققا پۈركەنگەن، زۇمرەت سۇلار دولقۇنلاپ ئاقىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ھېكايىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
«قۇم»نى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش، ئورمانلىقتا «گۆھەر» ئىزدەش، مەنزىرىدىن بايلىققا ئېرىشىش قاتارلىق بىر قاتار يېشىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى يولى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈرەش ئەمەلىيىتىدە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چۈشىنىپ ئىگىلىگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بىلەن بايلىق ھەرگىز بىر - بىرىگە قارمۇ - قارشى ئەمەس، بەلكى دىيالېكتىك بىرلىككە ئىگە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ مول تەبىئىي بايلىققا ئىگە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىمۇ خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىر قەدەر ئاجىز بولۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىسبەتەن ئارقىدا قېلىش قاتارلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان پايدىسىز ئامىللار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان تەلىپى تېخىمۇ ئاشىدۇ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئاشىدۇ، بۇ، بىزدىن جەزمەن «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق، مۇزلۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تېغىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
كىشىلەر يېشىل تاغنى قەدىرلىسە، يېشىل تاغ كىشىلەرنى ھەرگىز نائۈمىدتە قويمايدۇ. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتتىكى ئەڭ چوڭ دەسمايە. يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ تېخىمۇ قەتئىي تۈردە شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ، بايلىقنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، خەلق ئاممىسىنى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ئىچىدە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى، ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھىرلەندۈرۈپ، يېشىل رەڭنى ئاساسىي رەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىشىمىزغا موھتاج.