تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«ھوقۇق ئويۇنى» ئامېرىكىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

□ خەلقئارالىق ئۆتكۈر ئوبزورچى

پېڭبو ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا ئامېرىكىنى «يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىرىنچى» دەپ باھالىغان بىمەنە مەشغۇلاتىغا قارىتا، جۇڭگودىكى ئۈچ داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بىرلىشىپ «<ئامېرىكا بىرىنچى>؟! ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ھەقىقىي ئەھۋالى» ناملىق بىر پارچە دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىش، تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇمات ۋە ئوبيېكتىپ مەيدان ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا «يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا بىرىنچى» دېگەن يالغان - ياۋىداق سۆز يوشۇرۇنغۇدەك جاي تاپالمايلا قالماي، يەنە بىگۇناھ ئامېرىكا خەلقىنىڭ قانداق قىلىپ «ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقى دۇنياغا ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

بۈگۈنگىچە، پۈتۈن ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 35 مىليوندىن، ئۆلگەنلەر سانى 610 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھەممىسى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى مۇتەخەسسىسى، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش - ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ سابىق مەسئۇلى ۋىليام فوگ «بۇ بىر مەيدان قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىدى! دەرۋەقە، ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يۇقۇم تەبىئىي ئاپەت، شۇنداقلا سۈنئىي ئاپەت − چوڭقۇر يىلتىز تارتقان پارتىيە - گۇرۇھلار كۈرىشى يۇقۇم ئەھۋالىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، «ئەسلىدە ئۆلۈشى بىھاجەت بولغان» ئامېرىكا خەلقىنى ھاياتىدىن ئايرىدى.

كىشىلەر شۇنى ئۇنتۇمايدۇكى، يۇقۇم پارتلاش خاراكتېرلىك تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمىتى يۇقۇم ئاگاھلاندۇرۇشىغا قايتا - قايتا سەل قاراپ، يۇقۇم خەۋپ - خەتىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن ئادەتتىكى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئاممىنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ساقلاپ قېلىپ، بۇ ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇندى. دېموكراتلار پارتىيەسى ئاساسىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان نيۇيورك ئىشتاتى ۋە كالىفورنىيە ئىشتاتى قاتارلىق جايلاردا يۇقۇم تارقالغاندا، دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر يۇقۇمغا ئەمەلىي تاقابىل تۇرماستىن، بەلكى نۇرغۇن زېھنىي كۈچىنى «ۋالاقلاش»قا سەرپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خېسۇەن تەكشۈرۈش، ماسكا تاقاش، جەمئىيەت ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاشتىن تارتىپ ۋاكسىنا ئۇرۇش، قىيىنچىلىقتىن جىددىي قۇتقۇزۇش قانۇن لايىھەسىگىچە، ئاساسىي جەھەتتىن يۇقۇم ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەربىر تەدبىرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ مەنپەئەت تالاش - تارتىشىغا تولدى.

«سىياسىيلاشقان ئىچكى سەرپىيات» ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، ھەرىكىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن يۇقۇم ئامېرىكىدا تارقىلىپ ئالتە ئايدىن كېيىنمۇ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى تۈزمىدى. ئارقا - ئارقىدىن كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۆزنەك باسقۇچلىرى مانا مۇشۇنداق بىكاردىن - بىكار قولدىن كېتىپ قالدى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھاياتى سىياسەتۋازلارنىڭ تالاش - تارتىشىدا ئارقا - ئارقىدىن ھالاك بولدى.

كولومبىيە داشۆسىدىكى كېسەللىك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مودېل تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020 -يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېلان قىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلغان بولسا، ئۇنداقتا 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگە كەلگەندە، ئامېرىكىدا 54 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولاتتىكەن. لېكىن رېئاللىق دېگەن رېئاللىق، ئەگەر دېگەن گەپ يوق. ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىشلىرى سىياسىي كۈرەش تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى، بەدەل تۆلىگىنى بىگۇناھ ئامما بولدى.

قاتمۇ قات قويۇق تۇماننى يېرىپ چىققاندا، ئامېرىكىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تۈرلۈك مەغلۇبىيىتى ئامېرىكىچە دېموكراتىيە تۈزۈمنىڭ كاردىن چىققانلىقىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاتالمىش ھوقۇقنى چەكلىيەلەيدىغان ئۈچ ھوقۇقنىڭ بۆلۈنۈش تۈزۈمى ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ «ھوقۇق ئويۇنى»غا ئايلىنىپ قالدى. ئاق ساراي بىلەن دۆلەت مەجلىسى تالاش - تارتىش قىلماقتا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى كۈرەش قىلماقتا، قانۇن يۈرگۈزۈش سىستېمىسىمۇ ئاتالمىش «مۇستەقىللىق»نى يوقىتىپ، ئىككى پارتىيەنىڭ رەزىل ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ قالماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ. «پارچىلانغان» ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانداق قىلغاندا داۋالاش بايلىقىنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرالايدۇ؟

«لوس ئانژىلىس ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى داۋېر مېكماننۇس مەخسۇس سەھىپە ماقالىسىدە قەلبى ئۆرتەنگەن ھالدا مۇنداق تەنقىد قىلدى: پۈتۈن دۆلەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېغىر تارقىلىشچان كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاكتىكىسى يوق، 50 ئىشتات ئۆزى خان ئۆزى بەگ بولۇۋاتىدۇ، بىز بۆلۈنگەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتىمىز، «بىز بۇ فېدېراتسىيەنىڭ يىمىرىلىشىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتىمىز».

بۈگۈنكى كۈندە، غايەت زور ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى يەنىلا ئامېرىكا زېمىنىدا يامرىماقتا. شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئۇدا ئۈچ كۈن كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 مىڭدىن ئېشىپ، ئۆتكەن بىر ھەپتىدىكىدىن %35 ئاشتى. ئەمما، «ئۇرۇشۇش ئۈچۈن ئۇرۇشۇش»تىن ئىبارەت پارتىيەلەر ئارىسىدىكى تالاش - تارتىش قىلچە توختىمىدى. ئەدلىيەنىڭ سۈكۈت قىلىشى، قانۇن چىقىرىش تىركىشىشى ۋە مەمۇرىيەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنىڭ بۆلۈنۈش» قىيىنچىلىقى ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقىدىكى «ئىتتىپاقلىشىش» دېگەن سىياسىي شوئارىنىڭ پەقەت بىر جۈملە شوئارلا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

ھازىرقى ئامېرىكىدا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا سەل قارايدىغان سىياسىي نەيرەڭۋازلىق يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئۇ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن «يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىرىنچى» دېگەن نامغا مۇناسىپ كەلمەيدۇ، «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا پۈتۈن يەر شارى بويىچە بىرىنچى مەغلۇبىيەتچى دۆلەت» «پۈتۈن يەر شارى بويىچە سىياسىيدا بۆلۈنگەن بىرىنچى دۆلەت» قاتارلىق قالپاقلارنى كىيىشكە ئەڭ مۇناسىپ كېلىدۇ.

(«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.