تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ ساداسىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە يەتكۈزۈش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار تۈرلۈك لېكسىيە ئەترەتلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە يەتكۈزۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى.

ئاساسىي قاتلامدا لېكسىيە سۆزلەش «قىزىپ كەتتى»

«يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ بەختلىك قىلدى، مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن...» 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، غۇلجا شەھىرى قازانچى كوچا باشقارمىسى مويكا مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى خۇرشىدەم ئايۇۋاخۇننىڭ ھويلىسىدا، لېكسىيە ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ تىڭنىڭ لېكسىيەسى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، غۇلجا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ قۇرغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن سەييارە لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى ئورگان، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، 40 نەچچە مەيدان لېكسىيەنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى.

غۇلجا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن «قوشماقلىشىپ ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش» مېخانىزمى ئورناتتى، پارتىيەلىك كادىرلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن شەھەردىكى 22 يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)، 195 كەنت(مەھەللە)كە بېرىپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا، دېھقانلار ھويلىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئوبيېكتلاشتۇرۇلغان، ئوبيېكتلىرى ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلەشكەن» مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيەنى قانات يايدۇردى.

8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي بازىرى بايانداي كەنتىدىكى تۇرسۇنئاي نىياز ئائىلىسىنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، بىر مەيدان ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش لېكسىيەسى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. «بۇنداق لېكسىيەنى بىز ياقتۇرىمىز.» غۇلجا شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈ جياڭنىڭ لېكسىيەسى ئاياغلىشىشى بىلەن، كەنت ئاھالىسى ئوسمانجان ھوشۇر توختىماي ئالقىشلىدى.

بۇ كۆرۈنۈش غۇلجا شەھىرى باشلىغان «پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى باشلامچىلىق قىلىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش، كەڭ كۆلەمدە لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇش» پائالىيىتىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى خالاس، بۇ شەھەر ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەشكە يېتەكلەپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئورتاق ئۆگىنىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ھەقىقىي شەكىللەندۈردى.

تور سىرتىدا لېكسىيە سۆزلەشنى ياخشى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، غۇلجا شەھىرى يەنە يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «غۇلجا ياخشى جاي» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، «غۇلجا شەھىرىدىكى نۆل ئارىلىق»، خۇاچېڭ تەشكىلات خىزمىتى قاتارلىق سۇپىلاردا ئۆگىنىش مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھەققىدە سۆزلەش

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى كۆپ قاتلاملىق، تولۇق قاپلىغان ھالدا قانات يايدۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى نەتىجىلىرىنى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغىچە، ھەممە ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى.

8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، خوشۇت ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ «ئۆگىنىش يەتكۈزۈش+لېكسىيە سۆزلەش» گۇرۇپپىسى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ زىرائەتلىرىنى يىغىۋېلىشىغا ياردەم بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەمگەك ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

«كۆز ئالدىمدىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى كۆرگەچ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئاڭلاپ، قەلبىم ھاياجانغا تولدى» دېدى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ سۇخاتۇ يېزىسى سۇخاتۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى كۇڭ فەنجىڭ.

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، خوشۇت ناھىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەش شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، «لېكسىيەنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش» «لېكسىيەنى ئېتىز - ئېرىقلارغىچە يەتكۈزۈش» «پېشقەدەم كادىرلارغا ئۆگىنىش يەتكۈزۈش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە تارىخى بىلىملىرى، قىزىل ھېكايىلەر، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى قاتارلىقلارنى ئېتىز - ئېرىق بېشىغىچە يەتكۈزۈپ، يېزا - بازار، كەنت، گۇرۇپپىلارغىچە يەتكۈزۈپ، يۇرتداشلار ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

لېكسىيە يېڭى بازىسى بەرپا قىلىش

8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچقۇرۇن، ساۋەن شەھىرىنىڭ ليۇماۋۋەن بازىرىدىكى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا، «مەنتيەنشىڭ» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ سىيماسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.

بۇ يىل، ليۇماۋۋەن بازىرى بەرپا قىلغان «توردا ئالقىشلانغان كوچا» ئەتراپتىكى يېزا - بازار، تۇەن - مەيداندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى كېلىپ مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ بېقىش، مال سېتىۋېلىش، سالقىنداشقا جەلپ قىلدى.

ليۇماۋۋەن بازىرى «توردا ئالقىشلانغان كوچا»نىڭ ئادەم ئېقىم مىقدارى كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ لېكسىيە سۆزلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «مەنتيەنشىڭ» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، «لېكسىيە سۆزلەش+ ئەدەبىيات - سەنئەت» شەكلى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ھېس قىلىشى، نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ليۇماۋۋەن بازىرى خۇاڭچۈ يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما شياڭجېڭ مۇنداق دېدى: «لېكسىيەنى ئاڭلاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى».

«بىز سەنجۈبەن، ئۇسسۇل ۋە پىدائىيلار يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، <توردا ئالقىشلانغان كوچا>نى لېكسىيە سۆزلەش يېڭى بازىسىغا ئايلاندۇرىمىز» دېدى ليۇماۋۋەن بازىرىنىڭ بازار باشلىقى لياۋ خەيلۇڭ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ساۋەن شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش شەكلى، ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ قوبۇل قىلالىشى، چۈشىنەلىشى، نەپكە ئېرىشەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

(مۇخبىر شيا چىڭ، ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى شۆخۇڭ، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ خۇيجياڭ، تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن زېڭ جاۋمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ رۇيلىن، گۇ چېنجۈەن، غونچىكجاپ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.