تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى ھەم مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتتى

شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى ۋە مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، پارتىيەمىزنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن تارىخىي شەرەپ تاختىسى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەشتىكى دەۋر سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «توققۇز جەزمەن»نىڭ تۈپ تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاپ، قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئەمىن ئۆي قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ تۈزەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. «فۇنكسىيەسى ئىلمىي بولغان، ھوقۇق - مەسئۇلىيىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان، ئاشكارا - ئادىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق - يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك - سەمىمىي بولغان، خەلق رازى بولىدىغان» قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مۇھىم ۋەزىپە، نۇقتىلىق خىزمەت، مۇھىم، زور تۈرلەرنى چىڭ كۆزلەپ قويۇۋەتمەي، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.