تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ قوغۇندىن ياخشى ھوسۇل ئالدى

توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئىلانلىق بازىرى ئىتتىپاق كەنتى:

تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ قوغۇندىن ياخشى ھوسۇل ئالدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

8 - ئايدا، قوغۇننىڭ شېرىن ھىدى ھەممە يەرنى قاپلىدى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئىلانلىق بازىرى ئىتتىپاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى كېيىنكى يېرىم يىلدىكى مول ھوسۇل ئۈچۈن ئالدىراش ئىدى.

ئىتتىپاق كەنتىنىڭ قوغۇن تېرىش تارىخى ئۇزاق. بۈگۈنكى كۈندە، قوغۇن بۇ كەنتنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. پۈتۈن كەنتتە قوغۇن تېرىلغان كۆلەم 1087 موغا، قوغۇن تېرىيدىغان ئائىلە 184كە يەتتى. بۇ يىل، ئىتتىپاق كەنتى جەمئىي 2000 توننا قوغۇن ساتتى، سېتىش سوممىسى 4 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئەركىن ھاشىم ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئىتتىپاق كەنتى قوغۇن تېرىشتا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈردى. ئىلگىرى كەنتنىڭ كۆكەرتىش كۆلىمى ئاز بولۇپ، قۇم - بوران كۆپ چىقاتتى، قوغۇن مايسىلىرى تېخى ئۆسۈپ چىقا - چىقمايلا شامال ئۇچۇرۇپ كېتەتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا كەنت ئاھالىلىرى بازارنى ھەم چۈشەنمەيتتى، تېرىغان قوغۇنلارنىڭ سورتى ساقلاشقا چىدامسىز بولۇپ، قوغۇن كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا ئىدى.

تۇرپاندا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى يېڭى قوغۇن سورتى بىلەن ئۇچراشتى، شىجوۋمى 25 - نومۇر ۋە 17 - نومۇر ئەلا سۈپەتلىك، ساقلاش - توشۇشقا چىداملىق بولغانلىقتىن، تەدرىجىي ھالدا كەنتتىكى ئاساسلىق تېرىلىدىغان سورتقا ئايلاندى.

ھالبۇكى، يىرىك بولغان باشقۇرۇش شەكلى سەۋەبلىك يېڭى سورت تېرىش مۆلچەردىكىدەك پايدا ئېلىپ كېلەلمىدى.

«قوغۇنلارنىڭ ياخشى ئۆسەلمىگىنىگە قاراپ، كەنت ئاھالىلىرى ھاۋارايىدىن ئاغرىنىشنىلا بىلدى. بەزى قوغۇنلار يېرىلىپ كەتكەندە، كەنت ئاھالىلىرى مەسىلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى» دېدى ئىلانلىق بازارلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش پونكىتىنىڭ تېخنىكى رازىيە تۇرسۇن.

تۈجۈپىلەشكەن تېرىقچىلىق تېخنىكىسى قايتا - قايتا تەربىيەلەشتىن كەلگەن بولۇپ، كەنتتە يولغا قويۇلغان تېرىقچىلىق بويىچە تەربىيەلەشنى كەنت ئاھالىلىرى بىر مەيداننىمۇ قولدىن بېرىپ قويمىدى. «ھازىر كەنت ئاھالىلىرى تېخىمۇ تۈجۈپىلەپ سۇغىرىدۇ، ئوغۇتلاشتا مەھەللىۋى ئوغۇتنى تاللايدۇ. ئىلمىي، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تېرىش شەكلى قوغۇننىڭ سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پايدىسىمۇ ئاشتى» دېدى رازىيە تۇرسۇن.

بىر سودىگەر مەمەت ئەخمەت قاتارلىق بىرنەچچە كەنت ئاھالىسىنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەچكە، ئۇلار بىلەن زاكاز ئىمزالىدى. سودىگەر كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇرۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى، تېرىقچىلىقنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى، ھوسۇل ئېلىنغان قوغۇننىڭ سۈپىتى لاياقەتلىك بولسىلا، بازاردىكى سېتىۋېلىش باھاسىدىن يۇقىرى سېتىۋېلىناتتى.

«تېرىقچىلىق پەرۋىشىنى قانچە ياخشى قىلساق، كىرىمىمىز شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. مەن تېرىغان قوغۇننىڭ 1 - دەرىجىلىكىنىڭ ھەممىسىنى سودىگەر سېتىۋالدى، 2 - دەرىجىلىكىنىڭ سېتىلىشىمۇ يامان ئەمەس بولدى. بۇ يىل مەن تۆت مو يەردىن 16 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، ھەر مو يەردىن باشقا كەنت ئاھالىلىرىگە قارىغاندا 600 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم» دېدى مەمەت.

بازار يېتەكچىلىكىدە، كەنت ئاھالىلىرى پەقەت سۈپىتىلا ياخشى بولسا بازار ئېھتىياجىنى قامدىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ سورت بولغاندىلا بازاردا تېخىمۇ يۇقىرى پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

«بەزى كەنت ئاھالىلىرى بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن بولغان يېڭى سورتلۇق قوغۇنلارنى سىناق قىلىپ تېرىشقا باشلىدى.» تۇرپان شەھەرلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ ئىتتىپاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى شياۋ دىڭچيەن مۇنداق دېدى: «بىز داۋاملىق تۈردە كەنت ئاھالىلىرىنى ئېسىل سورتلۇق قوغۇن تېرىشقا يېتەكلەپ، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە سۈپىتى جەھەتتە سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئېسىل مەھسۇلات بازىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز».

□ سۆز ھەممىگە

كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك قوغۇنلارنى يېتىشتۈرىمەن

□ ئەركىن ھاشىم

ئائىلىمىزنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قوغۇن تېرىشتىن كېلىدۇ.

بىزنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ھەر يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ، قوغۇننىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنلىرىدە، كەنت دائىم تېرىقچىلىق بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ. تەربىيەلەش كۆپىنچە ۋاقىتتا ئېتىزدا بولىدۇ، تېرىش جەريانىدىكى ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ. مېۋە - چېۋە سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈپ، مېنىڭ قوغۇن تېرىش ئاكتىپلىقىم تېخىمۇ ئاشتى. مەن يەنە توردىن بەزى تېرىقچىلىققا ئائىت ماقالە ۋە سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشنى ئۆگەندىم، بۇنىڭغا تېخنىكلارنىڭ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشىنى بىرلەشتۈرگەچكە، قوغۇن ئېلىپ كېلىدىغان كىرىم يىلدىن - يىلغا يۇقىرى بولدى.

ھەر يىلى، سودىگەرلەرنىڭ قوغۇننىڭ سۈپىتىگە بولغان تەلىپى ئاشاتتى، بۇ، بىزنىڭ تېرىقچىلىقىمىزغا يېڭى تەلەپ قويدى. بىز سۇغىرىش ۋە ئوغۇتلاش جەھەتتە ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، پەقەت كۆڭۈل قويۇپ كىرىشسەك، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى پايدىغا ئېرىشەلەيمىز.

بۇ يىل، كەنتتىكى سېتىۋېلىش نۇقتىسىدا، مەن نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان سورتتىكى قوغۇنلارنى كۆردۈم. بەزى قوغۇنلار سودىگەرلەرنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە چېلىقتى، بۇ قوغۇنلارنى تېرىغان ئائىلىلەر مەندىنمۇ كۆپ كىرىمگە ئېرىشتى، مەنمۇ يېڭى سورتنى سىناق قىلىپ تېرىپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرىمەن.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.