تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بىڭتۇەن روھىنى مەڭگۈ شانلىق نۇر چاچقۇزايلى

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

«جىڭگاڭشەندە تۇغۇلۇپ، نەننىۋەندە ئۆسۈپ يېتىلىش. نەچچە ئونمىڭ چاقىرىمنى بېسىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، تىيانشاندا بوز يەر ئېچىش.» جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىدە «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ نەتىجە يارىتىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش» ئاساسلىق ئىچكى خاس مەزمۇن قىلىنغان بىڭتۇەن روھى زامان ـ ماكاندىن ھالقىپ ھەم كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەردە ياخشى مېڭىشىدىكى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك».

بىڭتۇەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۆلەت يۈكلىگەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشتى. ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر ئىككى قولىغا تايىنىپ چۆل ـ جەزىرىلەرنى مۇنبەت بوستانلىق قىلىپ قۇرۇپ چىقتى، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى پىيادە مېڭىپ ئۆلچەپ چىقتى، ئىككى مۇشتۇمىغا تايىنىپ ھەر خىل بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بەردى، ئۇلار غايىسى ۋە ئېتىقادى، قەتئىيلىكى ۋە قەيسەرلىكى بىلەن ئۇلۇغ بىڭتۇەن روھىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېڭى مۇساپىدە يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى پۈتۈپ چىقىشقا، يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

غەربىي قىسىم تۇپرىقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەنىۋى ئابىدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىڭتۇەن روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا شەكىللەنگەن قىزىل روھنىڭ زامانىمىزدىكى ۋارىسى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ كونكرېت نامايەندىسى، ئۇ، مول دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ئىگە بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان شانلىق نۇر چاچماقتا.

ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش بىڭتۇەن روھىنىڭ يادروسى ۋە جېنى بولۇپ، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتىنى ئۈستۈن بىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى مۇھىم بىلىشتىن ئىبارەت تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى نامايان قىلدى؛ خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش بىڭتۇەن روھىنىڭ قىممەت ئىنتىلىشى بولۇپ، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ياشلىق باھارىنى ئۆمۈرلۈك ئىشى ئۈچۈن بېغىشلاش، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىشنى ئۆمۈرلۈك ئىشى دەپ بىلىشتىن ئىبارەت ئۆكۈنمەس تاللىشىنى نامايان قىلدى؛ جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش بىڭتۇەن روھىنىڭ ئەمەلىيەت خىسلىتى بولۇپ، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ جەڭ قىلىشقا ئاجايىپ ماھىر، جاپاغا بەك چىدىيالايدىغان، ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىيالايدىغان ئىنقىلاب روھىنى نامايان قىلدى؛ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش بىڭتۇەن روھىنىڭ دەۋر قىياپىتى بولۇپ، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن بولۇش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاشتەك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. بىڭتۇەن روھى ئۆزئارا باغلىنىشلىق بىرلىككە كەلگەن گەۋدە بولۇپ، يېڭى دەۋر شەرتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەن ۋە چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرغىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلانماقتا. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جەزمەن بىڭتۇەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك؛ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش. بىڭتۇەن روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرغان، روھنى تاۋلىغان، كۈرەش ئىرادىسىنى رىغبەتلەندۈرگەندىلا، بىز چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»تىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.