تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاقاس تاغ يېشىللىققا پۈركەندى ئولتۇراقلىشىشقا باب كەلدى ھەم كىرىم ئاشتى

ئاتۇش:

قاقاس تاغ يېشىللىققا پۈركەندى ئولتۇراقلىشىشقا باب كەلدى ھەم كىرىم ئاشتى

ئاتۇش شەھىرى شىمالىي تېغىدىن كۆرۈنۈش (8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ شيې جى فوتوسى

[ئىستون سۆزى]

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»، چوڭقۇر، مول، ئىچكى خاس مەزمۇنلۇق، ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق بۇ بىر جۈملە كىلاسسىك بايان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئۈن ـ تىنسىز سىڭىپ كىردى. بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىز «<سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق> ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلىيىتى» ئىستونىنى ئېچىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق، مۇزلۇق ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ھەربىرىدىن بىر تىپىك مىسالنى تاللاپ خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار باياشاد بولغان گۈزەل مەنزىرىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

8 ـ ئايدىكى ئاتۇش شەھىرى ئوتتەك ئىسسىپ كەتكەنىدى. ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىي تاغ باغچىسىغا كىرگەندە، كۆز ئالدىمىزدا كۆز يەتكۈسىز مېۋىزارلىق نامايان بولىدۇ. ئېگىزدىن قارىغاندا، ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىي تېغى، جەنۇبىي تېغى خۇددى يېيىلغان غايەت زور يېشىل پاياندازدەك كىشىگە چەكسىز راھەت بېغىشلايدۇ.

«ئىلگىرى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىي تېغى، جەنۇبىي تېغى قاقاسلىق ئىدى، ھازىر بۇ يەر ئاتۇش شەھىرىنىڭ <سۇلىرى سۈزۈك تاغلىرى يېشىل> يېرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ <بايلىق>ى بولۇپ قالدى» دېدى ئاتۇش شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ئەنۋەر تاش.

قاقاس تاغنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى

كۆپچىلىك بىللە تىرىشتى

«قاقاس تاغدا ئوت ـ چۆپ ئۈنمەيدۇ، شامال تاشنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ»، مانا بۇ ئىلگىرىكى ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىي تېغى، جەنۇبىي تېغىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ئىدى. بۇ ئىككى قاقاس تاغ تىلغا ئېلىنسا، ئاتۇش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ چوڭقۇر ئەسلىمىسى بار.

ئەسقەر غوپۇر مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاتۇشلۇق، ئىلگىرى، ئەتىياز پەسلى ئۇ ئەڭ ياقتۇرمايدىغان پەسىل ئىدى. «ھەريىلى ئەتىيازدا، چاڭ ـ توزانلىق ھاۋارايى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، بەزىدە كۆرۈش ئارىلىقى نەچچە مېتىرلا كېلەتتى، سىرتقا بىر قېتىم چىقىپ كىرسەك چاچلىرىمىز قۇمغا تولۇپ كېتەتتى» دېدى ئەسقەر.

ئاتۇش شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ خاتىرىسىدە، ياز پەسلىنى ئۆتكۈزۈشمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. يامغۇر ياغقاندا، يامغۇر سۈيىگە تاغدىن قوشۇلۇپ ئېقىپ چۈشكەن تاش پارچىلىرى ۋە لاي ـ پاتقاقلار شەھەر رايونىغا كىرىپ، بەزى يول بۆلەكلىرىدە سۇ يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سۇ كېچىپ كوچىلاردىن ئۆتۈشىگە توغرا كېلەتتى.

شۇ جايدا شىمالىي تاغ، جەنۇبىي تاغدا بىر تۈپ كۆچەتنى ئەي قىلىش بىر بالىنى بېقىشتىنمۇ قىيىن، دېگەن سۆز تارقالغانىدى.

قانداق قىلغاندا قاقاس تاغنى يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاتۇش شەھەرلىك ئىككى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شىمالىي تاغ، جەنۇبىي تاغنىڭ «قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش»كە بەل باغلىدى. 2004 ـ يىلىدىن باشلاپ قىزىلسۇ ئوبلاستى «تاغ قاپتىلىنى مېۋىلىك دەرەخلەر ئوراپ تۇرۇش، تاغ ئېتىكىنى يېشىللىق قاپلاش، يېزىدا قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرۇش»تەك ئىستېرېئولۇق ئېكولوگىيە ئەندىزىسى بويىچە، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشلەشكەن سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسى ۋە تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، يول قۇرۇلۇشى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ، جەمئىي 211 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 38 مىڭ 500 مو كۆلەمدە ئورمان بىنا قىلدى.

ئاتۇش شەھىرىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، يېزا ـ بازارلاردىكى ئامما ئۆزلۈكىدىن كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش قوشۇنى تەشكىللەپ، شىمالىي تاغ، جەنۇبىي تاغدىكى كۆچەت ئۆستۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغان تۇپراقنىڭ ھەممىسىنى كولاپ يۆتكىۋېتىپ، ئاندىن باشقا جايدىن توپا يۆتكەپ كېلىپ تىندۇردى. كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرى تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، باشقۇرۇش ـ قوغداش پونكىتى تەسىس قىلىپ، كۆچەتلەرنىڭ «تىكىلىشى، ئەي بولۇشى، ئورمانغا ئايلىنىشى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

قاقاس تاغ يېشىللىققا پۈركەندى

مۇھىت ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ باب كەلدى

8 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى شورلۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەدىنە جۈمەخۇن توكسىكلىت بىلەن ئۆيىدىن شىمالىي تاغ باغچىسىغا ئىشقا كەلدى.

ئىلگىرى مەدىنە ئۆزىنىڭ شىمالىي تاغ باغچىسىدا ئىشلەپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. «كىچىك چېغىمدا، بۇ يەر قاقاس تاقىر تاغ بولۇپ، ئاندا ـ مۇندا بىرنەچچە تۈپ سۆكسۆك ئۆسۈپ قالاتتى، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى ئەزەلدىن بۇ يەرگە كېلىپ قوي باقمايتتى» دېدى مەدىنە.

شىمالىي تاغ، جەنۇبىي تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تاغدىكى ئۆسۈملۈكلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ئالما دەرىخى، ئۆرۈك دەرىخى، ياڭاق دەرىخى، چىنار دەرىخى، ئەرمۇدۇن دەرىخى... ئىككى قاقاس تاغنى يېشىللىققا پۈركىدى، مەدىنەنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆزگىرىش بولدى. 2018 ـ يىلى مەدىنە ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.

«تېخىمۇ خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ كىلىماتى بارغانسېرى نەملەشتى، بۇ يىل نەچچە قېتىم يامغۇر ياغدى» دېدى مەدىنە خۇشال ھالدا.

ھازىرغا قەدەر، ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىي تاغ، جەنۇبىي تاغ ئېكولوگىيە بازىسىدىكى دەل ـ دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %95تىن كۆپرەككە يېتىپ، شىمالىي تاغدا شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى بىر كىلومېتىر كېلىدىغان «يېشىل دېڭىز» شەكىللەندى.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي تاغ، شىمالىي تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاتۇش شەھىرىدە بوران چىققان، چاڭ ـ توزان كۆتۈرۈلگەن كۈن سانى كۆرۈنەرلىك ئازايغان.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىي تاغ، جەنۇبىي تاغنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش بازىسى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئارام ئالىدىغان، سالقىندايدىغان ياخشى بارار جايىغا ئايلاندى.

قاقاس تاغدىن ئالتۇن چىقتى

باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى

«ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇش مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر كىشىلىك خىزمەتلا ئەمەس، ئۇ يەنە ئائىلەمنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى» دېدى شورلۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەركىن قۇربان.

ئەركىننىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى يەر تېرىش، چارۋا بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، كىرىمى ئاز ھەم مۇقىم ئەمەس ئىدى.

2014 ـ يىلى، قاتتىق تەربىيەلەش، باھالاش ئارقىلىق ئەركىن ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىمگە ئىگە بولدى. 2018 ـ يىلى ئوغلى توي قىلغاندا، ئەركىن ئاتۇش شەھىرىدىن ئوغلىغا تويلۇق بىر يۈرۈش بىنا ئۆي ئېلىپ بەردى، يەنە سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سەپلەپ بەردى.

ئاتۇش شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتۇش شەھىرىدە ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈچ باشقۇرۇش ـ قوغداش پونكىتى تەسىس قىلىنىپ، 358 كىشى ئىشقا قوبۇل قىلىنغان، ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ئىش ئورنى تەسىس قىلىنىش ئارقىلىق، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 1793 نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنغان.

ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىي تاغ، جەنۇبىي تاغ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ كۈنسېرى گەۋدىلەندى. ھەر يىلى كۈز پەسلىدە تاغدىكى مېۋىلەر پىشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى تاغقا چىقىپ ئۈزدى، بۇ يەر كۆپچىلىكنىڭ «ئالتۇن بېغى»غا ئايلاندى. ئەتراپتىكى دېھقانلار ئارامگاھى تىجارەتچىلىرى مېۋىنى تاۋارغا ئايلاندۇردى، ساياھەتچىلەر تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، سېتىۋېلىپ ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرى بىلەن بەھرىمەن بولدى.

نۆۋەتتە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىي تاغ، جەنۇبىي تاغ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىدا تىكىلگەن شاپتۇل دەرىخى، چىلان دەرىخى، ياڭاق دەرەخلىرى مېۋىگە كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، بەش يىلدىن كېيىن تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرىدىكەن.

«كېيىنكى قەدەمدە بىز ئەلا سۈپەتلىك باغ ـ ئورمان يېڭى سورتلىرىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت قوش ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى ئەنۋەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.