تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول تۈرلىرىگە 35 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، پىراكتىكانت ئەنقەر ئەنۋەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا جەمئىي 34 مىليارد 996 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ 1.24 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تاشيول تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، بولۇپمۇ 7-ئايدا، يەككە ئايدا 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش تۈر قۇرۇلۇشلىرىدىكى كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ھەسەنجان ئەخمەت.

ئالدىنقى يەتتە ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوڭۇشلۇق بولدى ھەم جىددىي قۇرۇلۇش قىلىندى، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى. «بۇ يىل ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، بىز قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە تەخمىنەن 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە، 7-ئايدا تەخمىنەن 102 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدۇق، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئەتراپىدا ئاشتى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول 1-ئىدارىسى چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇشى 5-توختام بۆلىكى تۈرىنىڭ مەسئۇلى داڭ جياڭتاۋ.

ھەسەنجان ئەخمەت مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش-تىرانسپورت تۇراقلىق مۈلكىگە 60 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملايدۇ، ھەرقايسى تۈرلەردە سېلىنما قۇرۇلۇشى سالمىقى داۋاملىق زورايتىلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز G314 لىنىيەسىدىكى بۇلۇڭكۆل-قونجىراپ پورتى بۆلىكى قاتارلىق 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانلانغان يەتتە تۈر، G3018 لىنىيەسىدىكى جىڭ-ئالاتاۋ پورتى قاتارلىق 10-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانلانغان تۆت تۈر ھەمدە بۇ يىل يىل ئاخىرىدا قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانلانغان توققۇز تۈرنى چىڭ كۆزلەپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تۈرلەردە قەرەلىدە قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن كەسمە يۈزدە، پۈتۈن دائىرىدە، كۆپ قۇرۇلۇش نۇقتىسىدا قۇرۇلۇش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سېلىنمىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر قېزىپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.