تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«گۈلنى ۋاسىتە قىلىش» ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى چىرايلىق بېزەش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

«قاراڭلار، بۇ كۆز يەتكۈسىز گۈل دېڭىزى كەنت ئاھالىلىرىگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ياخشى مەنزىرە بولدى.» 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرى شاڭسى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ پېيبىن كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، مۇخبىر ياپيېشىل نەنسەن تاغ ئېتىكىدە، چوڭ - چوڭ ئالتۇن رەڭلىك ئاپتاپپەرەس ئېتىزلىرى، يەنە شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان كۆركەم پارس جۇخارگۈلى، قىچا گۈلى، لەنشياڭجيېنى كۆردى... سەھرا مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل!

شاڭسى كەنتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، 306 ئائىلىلىك 747 ئادەم بار. 2019 - يىلى، شاڭسى كەنتى كەسپىي كوللېكتىپ تەكلىپ قىلىپ، «خۇائېر. شاڭسى» سەھرا مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستىراھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرىنى بەرپا قىلىپ، يولغا قويۇپ، گۈل - گىياھ ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش، گۈل - گىياھ مەھسۇلاتلىرى، گۈلزارلىقنى تاماشا قىلىش قاتارلىق يېزا - كەنت ئىستىراھەت ساياھىتى كەسپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.

نوقۇل يېزا ئىگىلىكىدىن يېزا - كەنت ئىستىراھەت ساياھىتى كەسپىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكىچە، دەسلەپتە شاڭسى كەنتىدىكىلەر دېگەندەك ئىشەنچ قىلالمىدى: «ئەۋلادمۇئەۋلاد تەبىئەتكە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدۇق، ھازىر گۈل تېرىپ بېيىغىلى بولامتى؟»

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىككىلىنىشىگە قارىتا، شاڭسى كەنتى «ئىككى كومىتېت»ى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى پۇرسەت بىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ئارقا - ئارقىدىن 100 مودىن ئارتۇق يەرگە 100 خىلدىن ئارتۇق گۈل - گىياھ تېرىپ، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلىدى. 2019 - يىلىلا، كەنتنىڭ يېشىللاشتۇرۇلغان، گۈزەللەشتۈرۈلگەن كۆلىمى 70 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، 40 خىلدىن ئارتۇق چاتقال، گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈلدى.

تۇتاش كەتكەن گۈل دېڭىزى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ گۈلزارلىق قاشاسى، مەيدان دەرۋازىسى، مەيدان سەھنىسى بەرپا قىلدى... شاڭسى كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن «خۇائېر. شاڭسى» سەھرا مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستىراھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.

شاڭسى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ جۈنگە ئەگىشىپ، مۇخبىر بۇ ئۇنىۋېرسال گەۋدىگە كىرىپ، 300 مودىن ئارتۇق ئۇرۇقلۇق گۈل ئېتىزىدا زۇيديېخۇا گۈلى، لەيلىگۈل، تاجىگۈل، دالىخۇا گۈلى قاتارلىق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈل - گىياھلارنى كۆردى. «ئاۋات مەزگىلدە، ساياھەتچىلەر سانى ھەر كۈنى 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ.» كەنت ئاھالىسى ما جىنشيا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ بەس - بەستە كېلىشى بىلەن ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇملارنىڭ بازىرى چىقتى، دائىم ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ.

گۈلزارلىق كىشىنى جەلپ قىلاتتى، ئۇنىۋېرسال گەۋدىدىكى خۇائېر مەيدانى، خۇائېر چارۋىچىلىق مەيدانى، دالىدا قونۇش ئورنى، مەززىلىك تائاملار رايونى، قەھۋەخانا، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى، سۈرەتكە تارتىش بازىسى قاتارلىقلار كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلاتتى. شاڭسى كەنتى «بىر ئائىلىدە بىر مەنزىرە بولۇش، كۆپ ئائىلىدە بىرىكمە مەنزىرە بولۇش»تەك كۆكەرتىش ئەندىزىسى بويىچە، دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرى، كەنت يوللىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 100 خىلغا يېقىن ھەر خىل گۈل - گىياھلارنى تېرىدى. پۈتۈن كەنت گويا گۈل دېڭىزىدا تۇرغاندەك، كۆز يەتكۈسىز گۈزەل سەھرا يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلغانىدى.

«گۈلنى ۋاسىتە قىلىش»نىڭ ئۈنۈمى قانچىلىك بولدى؟

جاڭ جىدۇڭ ئۈرۈمچى ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، 2018 - يىلى ۋە 2019 - يىلى ئۇ ئۈرۈمچى ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى، ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ شاڭسى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى بولغان. بۇ كەنتتىكى «گۈلنى ۋاسىتە قىلىش»نى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ مۇخبىرنى مۇنداق بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى: 2019 - يىلى ۋە 2020 - يىلى، شاڭسى كەنتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 50 مىڭ ئادەم قېتىم ۋە 200 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، 150 نەچچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، ئەتراپتىكى يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ %40كە يېقىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، تۈرگە قاتناشقان ھەربىر ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاشقان كىرىمى 20 مىڭ يۈەن بولغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ 2020 - يىللىق ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىدىكى سەر خىل دېھقانچىلىق قورۇقى (باغچىسى) تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، «خۇائېر. شاڭسى» سەھرا مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستىراھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بۇ تىزىملىككە كىردى.

«گۈللەر دېڭىز، ئادەملەر دولقۇن بولغان چىرايلىق مەنزىرە چېچەن شاڭسىلىقلارنى ياخشى كۈنلەرنىڭ ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندۈردى.» جاڭ جىدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا، كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھى كۆپەيدى، ياڭيۇ، كۆك پۇرچاق، كۆممىقوناق قاتارلىق يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار ياخشى سېتىلىدىغان بولدى.

كەنت ئاھالىسى گو بىڭمۇ بىر مەنپەئەتلەنگۈچى. مۇخبىر ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، ئەمدىلا پۈتكەن كۆركەم، يورۇق، ئازادە ئىككى قەۋەتلىك ئىمارەت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. گو بىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ يېڭى دېھقانلار ئارامگاھىنى تۈزەشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى.

بۇلتۇر گو بىڭ ئائىلىسى كونا دېھقانلار ئارامگاھىدا 40 نەچچە كۈن تىجارەت قىلىپلا، 50 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ غەيرىتى ئاشقانىدى. «بۇ يىل <ئېگىز، ھەيۋەتلىك، ئېسىل> بۇ دېھقانلار ئارامگاھىنى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىغان بولدۇق» دېدى گو بىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

ئاسفالت يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، يول بويىدا خۇش پۇراق گۈل دېڭىزى دولقۇنلاپ تۇراتتى، جەزبىلىك يېزا مەنزىرىسى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى... ھازىر، شاڭسى كەنتى كەنتنى باغچە - ئورمانلاشتۇرۇش، مەنزىرە رايونلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. ئىلگىرى كىشىلەر بىلمەيدىغان كىچىك كەنت بۈگۈنكى كۈندە مەنزىرىسى گۈزەل، كىشىلەر ئىناق ئۆتىدىغان كەنتكە ئايلىنىپ، يىراق - يېقىنغا داڭقى كەتكەن بېيىش يولىنى تېپىپ چىقتى.

□سۆز ھەممىگە

ياخشى كۈنلەر ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ

□يۈ شى

شاڭسى كەنتىنىڭ كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش ھېكايىسى «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» «ياخشى كۈنلەر ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېگەننى جانلىق شەرھلىدى.

تاغ ئېتىكىدىكى بۇ كىچىك كەنتكە ئەسلىدىلا يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى يوشۇرۇنغانىدى. كەنت دىققەتنى «دەل جايىدا بولۇش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نېمە تېرىش، نېمە بېقىش، كىرىمنى قەيەردىن ئاشۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى، «گۈلنى ۋاسىتە قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىش تەبىئىي ھالدا بارغانسېرى ياخشى ئىشلەندى. بۇ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «رېتسېپ» توغرا يېزىلغاندىلا، ئاندىن «نامراتلىق يىلتىزى»نى قومۇرۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ.

شاڭسى كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىزگە يەنە شۇنداق ئىلھام بېرىدۇكى، پەقەت ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە بولىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرگەندىلا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى جەزمەن بارغانسېرى گۈزەل بولىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.