تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى  «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى

خېنەن:​

كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى  «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۈي

قومۇل شەھىرىدىن گۈڭگۈرت ۋە كۈل تەركىبى تۆۋەن بولغان سۈپەتلىك كۆمۈر كۆپ چىقىدۇ، لېكىن كۆيگەندىن كېيىن ئاسانلا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۈپەتسىز كۆمۈرمۇ بار. كۆمۈر بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم سانائەت باغچە رايونىغا ناچار كۆمۈر ئىشلىتىپ، پاكىز كوكس ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كارخانىنى كىرگۈزدى. بۇ كارخانا شىنجاڭ بېنشىن ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، يىلدا 900 مىڭ توننا پاكىز كوكس ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

پاكىز كوكسنى كۆمۈرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىسسىقلىق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى ھاسىل بولغان گاز بۇلغىمىسى %60تىن كۆپرەك ئازىيىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قومۇل شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

بۇ يىل، خېنەن ئۆلكىسى ئاپتونوم رايوننىڭ «قومۇل شەھىرىنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى قىلىپ بەرپا قىلىش»نى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلمىي ئورۇن بەلگىلەپ، «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى 130دىن ئارتۇق تۈر يىرىك پىلانىنى تۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئىچىدە، قومۇل شەھىرىنىڭ «كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز، شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش» بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق 100 مىليارد دەرىجىلىك كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم تېخنىكىسى ئىلغار، بازار ئىستىقبالى كەڭ بولغان ئەلا سۈپەتلىك ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تۈزۈش پىلانلاندى.

كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. خېنەن ئۆلكىسى گۇڭگېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياساش چەكلىك شىركىتى قومۇل شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان يىلىغا 30 مىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇۋاتىدۇ؛ شىنجاڭ تيەنجىفېڭ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان تاختا ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئالىي دەرىجىلىك مېتال يۈزلۈك قىستۇرما تاختا شىنجاڭدىكى، ھەتتا غەربىي شىمال رايونىدىكى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلات بوشلۇقىنى تولدۇردى؛ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئايلانما ئىقتىسادىي كەسىپلەر توپلانغان رايوندا، شىنجاڭ گوشىن جيېيۈ مۇھىت قوغداش توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ پاكىز كاربون قالدۇق گازىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش تۈرىدە 7 - ئايدا ئىش باشلاندى. بۇ تۈرنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىغا 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 30MWلىق ئۈچ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى سەپلىنىدۇ، ھەممىسى پۈتكەندىن كېيىن، يىلىغا 1 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر پاكىز كاربون قالدۇق گازى سەرپ قىلىنىپ، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 400 مىليون ۋاتقا يېقىنلىشىدۇ، بۇ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى قومۇل شەھىرىنىڭ كۆمۈر ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىدۇ.

8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى قومۇل شەھىرىنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى يەنىمۇ قوللاپ، چوڭ تىپتىكى كارخانا گۇرۇھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، خېنەن ئۆلكىسى ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، سىنيەن گۇرۇھى، لۇڭچېڭ گۇرۇھى قومۇل شەھىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، قومۇل شەھىرىنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشى، زورايتىشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

«بىز 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتىكى كىرىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تېخىمۇ قالتىس يارقىن سەھىپىنى پۈتۈپ چىقىمىز» دېدى خېنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش قوماندان، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شۈ شياڭفېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.