تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيوللىرىدا «يول باشلىقى تۈزۈمى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، پىراكتىكانت ئەنقەر ئەنۋەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا تاشيوللىرىدا <يول باشلىقى تۈزۈمى>نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، يېزا تاشيوللىرىدا ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك «يول باشلىقى تۈزۈمى»نى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، بارلىق يېزا تاشيوللىرىنىڭ ھەممىسىگە «قارايدىغان» ئادەم بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا ناھىيە (شەھەر)لىك ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار باش يول باشلىقى بولغان يېزا تاشيولى «يول باشلىقى تۈزۈمى» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك يول باشلىقلىقىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىكى قاتناش - تىرانسپورت خىزمىتىگە مەسئۇل يولداش ئۈستىگە ئالىدۇ، يېزا دەرىجىلىك يول باشلىقلىقىنى يېزا(بازار)لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش ئۈستىگە ئالىدۇ، كەنت دەرىجىلىك يول باشلىقلىقىنى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەر دەرىجىلىك يول باشلىقلىرى مۇناسىپ يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇش، تۈزەش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «يول باشلىقى تۈزۈمى»نى يادرو قىلغان يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش سىستېمىسى ئورنىتىپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يېزا تاشيوللىرىنىڭ تىرانسپورت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا تاشيوللىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېزا تاشيوللىرىدىكى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ناھىيە، يېزا، كەنت يوللىرىنى قاپلىغان «يول باشلىقى تۈزۈمى» تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ. 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، يېزا تاشيوللىرىدا «يول باشلىقى تۈزۈمى» ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىدىغان يېزا تاشيوللىرىنى «قۇرۇش، باشقۇرۇش، ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈش» خىزمەت ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، يېزا تاشيوللىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ. 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، «يول باشلىقى تۈزۈمى» يادرو قىلىنغان «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، يېزا تاشيوللىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.