تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلدى چوڭقۇر ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش يوللىرىنى بېيىتىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلدى.

«بەش دەرسخانا» ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى

8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى نېفىت يېڭى شەھىرى كوچا باشقارمىسى شىخۆەن يولى مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ سۈيفاڭ 80 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى شياۋ سۈيلەننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قومۇل شەھىرى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، «كۆچمە دەرسخانا»نى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارغا قارىتا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى.

7 - ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان، قومۇل شەھىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاھالىلەر، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، «مەخسۇس تېمىلىق دەرسخانا» «تور دەرسخانىسى» «كۆچمە دەرسخانا» «ئورۇندۇق دەرسخانىسى» «سائەت ئالتە يېرىمدىكى دەرسخانا»دىن ئىبارەت بەش «دەرسخانا» ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، بىز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئارقىلىق، ئەتراپتىكى ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلىدۇق.» قومۇل شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئېۋىرغول رايونى غەربىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى چۈەنشۇيۋەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى پۇ دېگو مۇنداق دېدى: مەھەللە «تور دەرسخانىسى» «كۆچمە دەرسخانا» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، لېكسىيە سۆزلەشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، لېكسىيە سۆزلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، قومۇل شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا - كەنت(مەھەللە)لەر، ئولتۇراق رايوندىكى شىپاڭ، قىزىل تەربىيە كارىدورى، كىچىك مەيدان، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قاتارلىق سورۇنلاردا بەس - بەستە «ئورۇندۇق دەرسخانىسى» تەسىس قىلىپ، پۇقرا تەشۋىقاتچىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدا سالقىنداش، پاراڭلىشىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ لېكسىيە سۆزلىدى.

«ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىمىز، بۇ خىل شەكىل ئاددىي، بىۋاسىتە، ئۈنۈملۈك.» قومۇل شەھىرىنىڭ ئاستانە بازىرى ئانار دانىسى لېكسىيە ئەترىتىدىكى پۇقرا تەشۋىقاتچى ۋۇ شيەنمىڭ «ئورۇندۇق دەرسخانىسى» لېكسىيەنى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، دەپ قارىدى.

«رەڭدار پارتىيە دەرسى» ئۆگىنىشنىڭ پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە تىرىشىپ پارتىيە دەرسىنىڭ شەكلىنى بېيىتىش، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «كىم سۆزلەيدۇ؟ نېمىنى سۆزلەيدۇ؟ قانداق سۆزلەيدۇ؟ كىمگە سۆزلەيدۇ؟»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى، نەق مەيدان پارتىيە دەرسى، ئەمەلىيەت پارتىيە دەرسى قاتارلىق «رەڭدار پارتىيە دەرس»لىرىنى تەسىس قىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى لۈسې ئوقەتچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى «مۇتەخەسسىسلەر لېكسىيەسى + خىزمەتچىلەر دەرسخانىسى» شەكلى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى ھەم ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ لېكتورلىرى ۋە پېشقەدەم ئەسكەرلەرنى مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى. پارتىيە دەرسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شىركەت خىزمەتچىلىرى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەسىراتلىرىنى، ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلىدى.

«بۇنداق مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسىنىڭ بىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىزگە زور ياردىمى بولدى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ياڭ جيې چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم نەمۇنىچىلەر، ياش پارتىيە ئەزالىرى، ئىلغار تىپلارنى دەرس سۆزلەشكە پائال يېتەكلەپ، نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك جانلىق بايان قىلدى. دەرستىن كېيىن تونۇشىنى سۆزلەش، تەسىراتىنى سۆزلەش، ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق پارتىيە دەرسىنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ياچېيكىنى بىرلىك قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 5000دىن ئارتۇق پارتىيە ياچېيكىسىنى «نۇقتا بويىچە تۇتاشتۇرۇپ»، «چوقۇم قاتنىشىش شەكلى»دىكى پارتىيە دەرسى تەسىس قىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان ناھىيە(شەھەر)، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت(مەھەللە)، كارخانا، ئورۇن(تارماق)، مەكتەپ قاتارلىقلاردا سەييارە دەرس ئۆتتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇقى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە لېكسىيەسى، ئەمگەك ئەمەلىيىتى ئېلىپ بېرىپ ۋە قىيىنچىلىقلارنى رەتلەپ چىقىپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلدى.

«كىتاب ئوقۇش كۇرسى» پائالىيىتىدە قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىندى

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، فۇكاڭ شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى فۇكاڭ شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ شۆبە كۇتۇپخانىسىدا پىيونېرلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى كىتاب ئوقۇش كۇرسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. نەق مەيداندا، پائالىيەتكە قاتناشقان پىيونېرلار قىزىل ھېكايىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئۆزى ياقتۇرىدىغان قىزىل كىتابلاردىن تەڭ بەھرىلەندى، كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، فۇكاڭ شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى كىتاب ئوقۇش كۇرسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. فۇكاڭ شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يۈەن فېڭ مۇنداق دېدى: «پىيونېرلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر - بالىلار ئاسان قوبۇل قىلىدىغان ئۆگىنىش شەكلى ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق پىيونېرلارنى پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەتنىڭ باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولۇشتەك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، پىيونېرلارنىڭ شەرەپ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز».

بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، فۇكاڭ شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئەخلاق تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مول مەزمۇنلۇق «قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى فۇكاڭ سانائەت كۆرگەزمە سارىيى، فۇكاڭ شەھەرلىك دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيە بازىسى قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، يۇرتىنى قىزغىن سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.

(مۇخبىر شيا چىڭ، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن يې سۈي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گاڭ لىچياڭ، خې چۈنيىڭ، جاۋ شيا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.