تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خۇددى توغراقتەك چېگرا رايوندا يىلتىز تارتايلى، چېگرا رايونغا ئۆزىمىزنى بېغىشلايلى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا، بىر خىل روھ ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلۈپ، باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جاپالىق مۇھىتتا تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يۇرت - ماكاننى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە، بۇ دەل «جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئۆزىنى بېغىشلاش»تىن ئىبارەت توغراق روھى.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك».

توغراق، شىنجاڭدىكى ئەڭ خاسلىققا ئىگە دەرەخ تۈرى، ئۇ ئۆسكەن جايدا سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار يوق پەقەت چۆل - قۇملۇقلا بار. ھالبۇكى، رەھىمسىز قۇم - بوران ئۇنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ، ئۈنۈمسىز يەرمۇ ئۇنى قورقۇتالمايدۇ، قۇرۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، توغراق يەنىلا قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، «مىڭ يىلغىچە قۇرۇپ كەتمەيدىغان، قۇرۇپ كەتسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدىغان، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدىغان» «قەھرىمان دەرەخ» ھېسابلىنىدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇستەھكەم غايە - ئېتىقادنى كۆڭلىگە پۈككەن كوممۇنىستلار جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، ئۆزىنى بېغىشلاپ قۇربان بېرىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قىممەتلىك «توغراق روھى»نى نامايان قىلدى. جاپالىق مۇھىتتا تاۋلىنىپ بارلىققا كەلگەن توغراق روھى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنقىلابىي روھىنىڭ ئورتاقلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەم شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيەنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، تۈپ ئاساسىي مەقسىتى، ئېسىل ئىستىلىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب خىسلەتنى مۇجەسسەملىگەن.

قەدىمكىلەردە، روھ تەندە بولىدۇ، خۇددى شام كۆيسە يورۇقلۇق چىققاندەك، دېگەن گەپ بار. شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، شارائىتى تېخىمۇ جاپالىق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە، قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەيدىغان خىسلەتكە تېخىمۇ موھتاج، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتىنى يارىتىپ، دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىىسىگە چاقناپ تۇرغان ئىسىملار ئويۇلدى: خوتەنگە 58 يېرىم سۇ ئامبىرى ياساپ بەرگەن سۇچىلىق مۇتەخەسسىسى ۋاڭ ۋېي، ئۆمۈر بويى «تاتلىق كەسىپ» بىلەن شۇغۇللانغان قوغۇن - تاۋۇز سورتى يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى ۋۇ مىڭجۇ، «ھالاكەت دېڭىزى»دا يىلتىز تارتىپ، ئادەم قۇمنى چېكىندۈرۈش ئەندىزىسىنى ئاچقان قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى ليۇ مىڭتىڭ... ئۇلار ياشلىق باھارى، ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىدىكى بۇ تۇپراققا بېغىشلىدى، ئۇلار دەل توغراق روھىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى ۋە ۋاكالەتچىلىرى.

توغراق روھى نۇرغۇن ئىلغار تىپ، قەھرىمان نەمۇنىچىنى يېتىشتۈردى، شۇنداقلا بۇرچنى ئادا قىلىپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان نۇرغۇن شەرەپلىك كوللېكتىپنى بارلىققا كەلتۈردى. چۆل - باياۋاندا دۇنياغا كەلگەن تارىم داشۆسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار گەمىدە تۇراتتى، دوسكىنى دەرەخ غولىغا ئاساتتى، كونسپىكنى تىزىغا قويۇپ يازاتتى. لېكىن، 60 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىدى، توغراق روھى دەل تارىم داشۆسىدىكىلەرنى ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن مەنىۋى بايلىق. بۇنىڭدىن باشقا، چەرچەندە يىلتىز تارتقان باۋدىڭ شۆيۈەنىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىدىن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بارغان جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغىچە؛ تۈركۈم - تۈركۈم غەربىي رايون پىدائىيلىرىدىن شىنجاڭدا قالغان جەڭچىلەرگىچە... نۇرغۇن كىشى ئەسلىدە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت، تېخىمۇ ئەۋزەل تۇرمۇش مۇھىتىغا ئىگە بولالايتتى، ئەمما غايە - ئېتىقادنىڭ چاقىرىقىدا، ئۇلار چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى تاللىدى. ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى بىزگە زامان - ماكاندىن ھالقىغان، كۈنسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان توغراق روھىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

توغراق روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى شىنجاڭ تۇپرىقىدا كۆزنى چاقنىتىپ، ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىنغاچقا، بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئاندىن ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر بولدى، تۈرلۈك ئىشلاردا ئاندىن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئەمەلىيەت تولۇق ئىسپاتلىدىكى، توغراق روھى بىزنىڭ بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، غەلىبىسېرى يۈرۈش قىلىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك كۈچ مەنبەيىمىز. توغراق روھىغا كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى يۈكلەنگەن، ئىلگىرى شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق، كەلگۈسىدە يەنىلا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، روھنى تاۋلاپ، ئېتىقاد كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرىلىشىدىكى مەنىۋى مەنبە بولىدۇ. بىز توغراق روھىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى شان - شەرەپ قۇچايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.