تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بۇغداي باشاقلىرى سارغايدى بۇغدايلار ئامبارغا كىرگۈزۈلۈپ مول ھوسۇل ئېلىش ئالدىراشچىلىقى باشلاندى

​− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشى توغرىسىدىكى كۆزىتىش (1)

8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، كۇچا كۈسەن ئاشلىق - ماي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەر يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان بۇغدايلارنى ئامبارغا مەركەزلىك كىرگۈزمەكتە. ھازىرغا قەدەر، كۇچا شەھىرىدە جەمئىي 85 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىڭ توننا ئېشىپ، سېتىۋېلىنىش مىقدارىدا تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى. □ نىياز راخمان فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

باش كۈز پەسلىگە كىرگەن پەيتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بۇغداي باشاقلىرى دولقۇنلىنىپ، ئالدىراشچىلىققا تولغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا كۆلەم، ئومۇمىي ھوسۇل، بىرلىك ھوسۇل ئۈچى تەڭ ئېشىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، بولۇپمۇ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسى تېخىمۇ پۇختا، سۈپىتى تېخىمۇ ئەلا بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى

6 - ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈزگى بۇغداي جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەدرىجىي ئورۇلۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، ھوسۇل ئېشىش ھەم مول ھوسۇل ئېلىش بۇ يىلقى يازلىق ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئەڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ قالدى.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇغداي، بولۇپمۇ كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا چەكلىمە خاراكتېرلىك نىشان قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىشنى ئاساس قىلغان تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئاشلىق كۆلىمىنىڭ ئازايماسلىقى، ھوسۇلنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى تېخنىك خادىملارنى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

«بۇ يىل ئائىلىمىز 15 مو يەرگە بۇغداي تېرىدۇق، ئومۇمىي ھوسۇل 4000 كىلوگىرامدىن ئاشتى، بۇنىڭدىن خېلى ئوبدان كىرىم قىلدۇق.» مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسى تۆمۈرئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرگۈل ئەلى مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان كۆپ تۈرلۈك سىياسەتنىڭ ياردىمىدە، بۇغداي تېرىشتىن قىلغان كىرىمىم بارغانسېرى ئاشتى.

دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بۇغداي تېرىلغۇ يېرىنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىدىن 2 مىليارد 829 مىليون يۈەننى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىدىن 368 مىليون يۈەننى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق تېرىش كۆلىمى 17 مىليون 89 مىڭ 500 مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.2 ئاشقان، مۆلچەردىكى ھوسۇل 6 مىليون 281 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئېشىپ، يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، بۇ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

بىرلىك ھوسۇل رېكورتى ئۇدا يېڭىلاندى

7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6 - شىسىنىڭ گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىرائەت تەتقىقات ئورنى، 6 - شى يېزا ئىگىلىك پەن - تەتقىقات ئورنى بىلەن گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانى بىرلىكتە بەرپا قىلغان تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان كۈزگى بۇغداي يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا كۈزگى بۇغدايدىن مو بېشىغا 858.72 كىلوگىرام ھوسۇل ئېلىش ئىشقا ئېشىپ، شىندۇڭ 52 - نومۇرلۇق ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداي شىنجاڭنىڭ كۈزگى بۇغداي بويىچە ئەڭ يۇقىرى بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى يېڭىلىدى.

8 - ئاينىڭ بېشىدا، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدىن يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يادرو تېخنىكىسى − بىيوتېخنىكا تەتقىقات ئورنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئەلا سۈپەتلىك ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك يازغى بۇغداي سورتى شىنچۇن 37 - نومۇر مو بېشىدىن 708.5 كىلوگىرام ھوسۇل ئېلىشتەك نەتىجە بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە 11 يىل ساقلانغان ئەلا سۈپەتلىك يازغى بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى يېڭىلىدى.

ئەڭ يۇقىرى بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشى بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بۇغداي كەسپى سىستېمىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەقىقىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئارقىلىق، بۇ يىل ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى كۈزگى بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى بىرلىك مو بېشى ھوسۇلى 790 كىلوگىرامغا يەتتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىرلىك مو بېشى ھوسۇلى 740 كىلوگىرامغا يەتتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىرلىك مو بېشى ھوسۇلى 840 كىلوگىرامغا يەتتى. ئوخشاش بولمىغان ئېكولوگىيەلىك رايونلاردا بۇغداي ھوسۇلىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قېزىپ چىقىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي بىرلىك مو بېشى ھوسۇلى مۆلچەرلىنىشىچە 372.1 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 9.1 كىلوگىرام ئاشىدىكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى ئاشلىق يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنى كۆپەيتىش، يېتىشتۈرۈش ۋە ساپلاشتۇرۇپ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «تۆت جايدىكى مىليون مو»لۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، 12 ۋىلايەت(ئوبلاست)، 71 ناھىيە (شەھەر، رايون)، 389 يېزا(بازار)، 1413 كەنتنىڭ ئۇرۇق ئىشلەش ئېتىزى قىلىپ بېكىتىلمەكچى بولغان 5 مىليون 280 مىڭ مو ئېتىزلىقنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش، خەرىتىگە ئېلىش خىزمىتىنى تاماملاپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جانلاندۇردى.

ئەڭ يۇقىرى بىرلىك ھوسۇلدا يېڭى رېكورت يارىتىش، ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلنى مۇقىم ئاشۇرۇش ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلقى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يارقىن نۇقتىسى، ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بولدى.

ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى سىجىل ئاشتى

بىرلىك ھوسۇل، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى سەۋەب بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىزنى يۇقىرى ئۆلچەملەشتۈرۈش، سۇنى تېجەپ سۇغىرىش، پەن - تېخنىكىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا نۇقتىلىق مايىللىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«ئىلگىرى بىرلىك ھوسۇلنى 550 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈش ئەلا نەتىجە ھېسابلىناتتى، بۈگۈنكى كۈندە لاياقەتلىك ھېسابلىنىدۇ.» گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزى كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقان جۇ بىڭ مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئېشىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى ئىشقا ئاشتى.

«بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا ئومۇمىي مۇساپىلىك ماشىنىلىشىش ئىشقا ئاشتى، ئىلگىرىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.» جۇ بىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇغدايلىقنى سۇغىرىشتا 24 سائەت ئادەمدىن ئايرىلالمايتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە يان تېلېفون ئارقىلىقلا تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسىدا سۇغىرىش، ئوغۇتلاش مەشغۇلاتى قىلالايدىغان بولدۇق، بۇنىڭدا ۋاقىتنى، كۈچنى تېجەپ قالغىلى يەنە يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.

ليۇشۇخېزى كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئايرىم مىسال ئەمەس. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى ئاشلىقنى يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئاشلىق تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 13 ناھىيە، شەھەردە بۇغداي، كۆممىقوناقنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش، ئۇرۇق بىلەن ئوغۇتنى ئايرىش قاتارلىق «سۈپەتلىك ئۇرۇق + ياخشى ئۇسۇل» تېرىقچىلىق، باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى توپلاپ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، داۋاملىق قۇرۇلغان، يېڭىدىن قۇرۇلغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە تاماملانغان قۇرۇلۇش كۆلىمىنى 1 مىليون 758 مىڭ 300 موغا يەتكۈزۈپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈرلەردە ئىش باشلاش نىسبىتىنى %50.31كە يەتكۈزدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا 701 مىڭ 900 يۈرۈش ماشىنا - سايمان ئىشلەتتى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق ئادەمسىز تېرىقچىلىق قىلىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىقلاردا مەشغۇلات تاماملاش كۆلىمىنى 36 مىليون 218 مىڭ موغا يەتكۈزدى. بىر قاتار ئىلغار تېخنىكىلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئومۇملىشىپ، كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئىشەنچنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.