تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ «ئىچكى خاس مەزمۇنى» موللىشىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تېز ئەسلىگە كېلىپ، ئويلىغاندەكلا «توردا ئالقىشلانغان چوقۇم بارىدىغان جاي»غا ئايلاندى، تاغ گۈللىرىنى كۆرۈش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تاماشا قىلىش... ساياھەتچىلەرگە ئۈزۈلمەي خۇشاللىق بېغىشلىدى.

دۆلەت كومپيۇتېر تورى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەركىزى شىنجاڭ شۆبە مەركىزىنىڭ ساياھەتچىلەر ئېقىم مىقدارىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى دۆلەت 4A، 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى جەمئىي 23 مىليون 400 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.2 ئاشقان، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %31.0 ئاشقان. ساياھەت جانلىنىپ، ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ناخشا بارغانسېرى ياڭراق ئېيتىلغان.

«شېرىن باش ئاغرىقى»

يىل بېشىدىكى قار - مۇز ساياھىتىدىن، تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان چاغدىكى ئەتىيازلىق ساياھەتكىچە، ئاندىن تەدرىجىي جانلانغان يازلىق ساياھەتكىچە، بۇ يېرىم يىلدا، شىنجاڭ قارلەيلىسى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋېن لۇڭ ئالدىراشلا يۈردى. ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ كەسپى بىلەن ئالدىراش بولغاندىن باشقا، ئۇ يەنە دائىم باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردىكى دوستلىرىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلىدۇ، «ھەممىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئوينىغۇسى بار، مېنىڭ پىكرىمنى ئاڭلاپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» ۋېن لۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ «شېرىن باش ئاغرىقى»نىڭ كەينىدىكىسى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان جەلىپكارلىقى.

4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان 2021 - يىللىق «كىشىلىك ھاياتىڭىزدا جەزمەن بارىدىغان شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل ساياھەت مەنزىلگاھى» ئالاقە تورى ماركېتىڭ - تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى باشلاندى، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، پۈتۈن توردىكى تارقىلىش مىقدارى 300 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى. «بەك گۈزەل ئىكەن، چوقۇم شىنجاڭغا بارىمەن!» «مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا بىر قېتىم ماڭغۇم بار»... تورداشلار بەس - بەستە سۆزلەرنى قالدۇرۇشتى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يولغا قويغان شىنجاڭدىكى تۇنجى مەدەنىيەت - ساياھەت، مىكرو ئۇنىۋېرسال سەنئەت سۈپەتلىك ماركىسى سىن فىلىمى «ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۈرەتكە ئېلىنىپ 21 سان كۆرسىتىلدى، توردا قويۇلۇش مىقدارى 100 مىليون قېتىمدىن ئاشتى. «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ۋىيشىن، ۋىيبو سۇپىلىرىدا 2000دىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلىندى، دوۋيىن، كۈەيشوۋ قاتارلىق قىسقا سىن سۇپىلىرىدا جەمئىي 120 دىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن توردا قويۇلۇش مىقدارى 16 مىليون 500 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى.

شىنجاڭ يەنە نۇرغۇن تور كاتتىلىرى، داڭدارلىرىنى كېلىشكە جەلپ قىلدى. «100 نەچچە دۆلەتكە باردۇق، يەنىلا بىزنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، ھەر قېتىم كەلگىنىمىزدە يېڭى تەسىراتقا ئىگە بولدۇق» دېدى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «پادىچىلارنىڭ بايانى» تور باش تېمىسىدىكى تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ساياھەت داڭدارى «لۇڭشاۋ» ھاياجانلانغان ھالدا.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگودىكى ساياھەت مەنزىلگاھلىرى بويىچە كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان ئالدىنقى 30 شەھەر ئىچىدە، شىنجاڭدىكى شەھەرلەر ئالدىنقى 30 شەھەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگەن. تىزىملىكتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان شىنجاڭ كۆكدالا شەھىرىنىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 32 ھەسسە ئاشقان، ئاقسۇ شەھىرى، قۇرۇمقاش شەھىرى قاتارلىقلار تىزىملىككە كىرگەن.

«قاتتىق ئەمەلىي كۈچ» تاۋلاندى

يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت قۇرۇلۇش تۈرلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. قاراماي شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كۆلى مەنزىرە رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى ھەمدە كۆپلىگەن كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرلىرى، يادىكارلىقلارنى قوغداش - ئېچىش قۇرۇلۇشى تۈرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى مەبلەغ سېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايون مالىيەسى جەمئىي 7 مىليارد 815 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى 6 مىليارد 715 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ساياھەت قاتناش تۈرى قۇرۇلۇشىنى قوللىدى.

تۈر قۇرۇلۇشى جەھەتتە، شىنجاڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تۇتقا قىلىپ، ساياھەتكە ئالاقىدار تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى زورايتتى، پۈتۈن يىلدا داۋاملىق قۇرۇلىدىغان، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان 130 تۈرگە جەمئىي تەخمىنەن 9 مىليارد 712 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى؛ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش جەھەتتە، 2021 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 300 مۇھىم، زور مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىگە سودىگەر چاقىرىش تۈرى رەتلەپ چىقىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 104 مىليارد 208 مىليون يۈەنگە يەتتى، «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» توردا سودىگەر چاقىرىش سۇپىسى بىلەن بىرلىكتە، نۇقتىلىق تۈرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىندى.

ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ ساياھەت سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىدا يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، تەكلىماكان. 359 - لۈي مەدەنىيەت - ساياھەت رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بەرپا قىلىندى، كۆكيار خاتىرە سارىيى قاتارلىق تۆت قىزىل مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بەرپا قىلىندى؛ بىر تۈركۈم قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە لىنىيەلەر ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق 12 مەنزىرە رايونى ئاپتونوم رايوننىڭ قىزىل ساياھەت كىلاسسىك مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، سەككىز قىزىل ساياھەت لىنىيەسى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بويىچە 100 ئېسىل قىزىل ساياھەت لىنىيەسى»گە ئىلتىماس قىلىندى؛ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى جەھەتتە، ئالتاي - قۇمقاناس تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، تاشقورغان - يەكەن قەدىمىي يولى، چېشى قەدىمىي يولى، S101 تىيانشان جۇغراپىيەلىك رەسىم كارىدورى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا... تېخىمۇ كۆپ ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرى، مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلماقتا.

يېڭى يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى

شىنجاڭنىڭ ياز كېچىسى تولىمۇ رەڭدار، كەچلىك بازار تۇرمۇش پۇرىقى ئەڭ قويۇق جاي. شىخو كەچلىك بازىرىدا، شىخو پىۋىسى ھەربىر ئۈستەلنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمە»سى بولۇپ قالدى؛ خوتەن كەچلىك بازىرىدا، باچكا كاۋىپى، قاقلاپ پىشۇرۇلغان غاز تۇخۇمى شۇ جاينىڭ خاسلىقى بولدى... مەيلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى، ياكى شىمالىي شىنجاڭدىكى كەچلىك بازارلاردا بولسۇن، ھەرقايسى جايلاردا ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ئەتراپقا تارقىلىپ تۇرىدۇ، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ياخشى دوستلار توپ - توپ بولۇپ قانغۇچە ئىچىشىپ، مەززىلىك يېمەك - ئىچمەكلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كېچىلىك ئىقتىساد شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ قوشماقتا. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كېچىلىك ئىستېمال كوچا رايونلىرىدا، ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەك كۆرگەزمىسى، ساياھەت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى، ئالاھىدە ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى. ھەرقايسى جايلار نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، باش تېما باغچىسى، ئۆزگىچە كوچا رايونى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، يەنە كېچىلىك ساياھەت باش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئىستېمالىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئىستېمال بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈردى. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ساياھەتكە چىقىش شەكلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مايتاغ - كۇچا تاشيولى قىزغىنلىقى سۇسلاشمىدى، غۇلجا - موڭغۇلكۈرە تاشيولى، G219 لىنىيەسى، S101 ھەمدە قاتناش باشلانغىنىغا ئۇزاق بولمىغان G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىكى «يېڭى جەلپكار مەنزىرە»گە ئايلاندى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بىلەن يۈرۈشلەشكەن ئېكسپېدىتسىيە، دالىدا قونۇش، دالىدا غىزالىنىش قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئەڭ ئەۋزەل جايغا ئايلاندۇرۇپ، ساياھەت ئىستېمالىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

قار - مۇز ساياھىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى، قىزىل ساياھەت قاتارلىقلار ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. «شىنجاڭ ساياھەت بازىرىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان قۇرۇلمىلىق تەڭشىلىش بارلىققا كېلىپ، خاسلىشىش، يۇقىرى دەرىجىلىشىش، زاكازلىشىش، بازار ئىنچىكە ئايرىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەردە ئىپادىلەندى، بۇ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىپادىسى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ 1 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى، بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ چۈنمىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.