تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى ھەم مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتتى​

ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

​شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى ھەم مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلار قاتناشتى.

چېن چۈەنگو شىنجاڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مەۋقە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور پەيتكە ۋە «ئىككى 100 يىل»لىق تارىخ كېسىشكەن ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىغا قويۇلغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلدى، 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلغانلىقى تەنتەنىلىك جاكارلاندى، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى مۇپەسسەل يىغىنچاقلىنىپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى «توققۇز جەزمەن» ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەندى، بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىدا تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شەرەپ قۇچۇشقا چاقىرىق قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسى تۇتاشتۇرۇلغان، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ تۇتاشتۇرۇلغان، پارتىيەمىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، مۇھىم، زور سىياسىي ئەھمىيەتكە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە، بۇ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇساپىدە ياخشى مېڭىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، لوگىكىسى مۇكەممەل، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، دائىم ئۆگىنىپ، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش، دائىم ئۆزلەشتۈرۈپ، دائىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىقارغان ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشكە، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچىنى ھېس قىلىشقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، ماركسىزم نېمە ئۈچۈن يارايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل» دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. زىچ بىرلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق ياخشى تۇتۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق چۈشىنىشكە كۈچەپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۇپا، ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇلىرى، ئىلغار تىپلار، ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەت كۈچلىرى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، ھەمدە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا تەشۋىقات ۋە لېكسىيەنى ياخشى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشىشى، ئامما قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ھەمدە ئۈرۈمچىدىكى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.