تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ مىللىي يېزىقتىكى كىتابچىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ مىللىي يېزىقتىكى كىتابچىسى جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا بازارغا سېلىنىپ تارقىتىلدى.

8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى زالىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونىدا، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ مىللىي يېزىقتىكى كىتابچىسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، نۇرغۇن ئوقۇرمەننى قەدىمىنى توختىتىپ ئوقۇش، ئۆگىنىشكە جەلپ قىلغانلىقىنى كۆردى.

«شى جىنپىڭنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز>ىنىڭ مىللىي يېزىقتىكى كىتابچىسىنىڭ تارقىتىلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىغا بولغان ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى نامايان قىلدى. 50 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ھەبىبۇللا ئىلياس.

شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسى مىللىي يېزىقتىكى كىتاب گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى مۇنىرە ھەسەن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىندا، كىتاب شەھەرچىسى نۇرغۇن ئورۇن، تەشكىلات، كوللېكتىپلارنىڭ مىللىي يېزىقتىكى كىتابچە توغرىسىدىكى مەسلىھەت سوراش، زاكاز قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى.

شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى شىنخۇا زامانىۋى كىتاب شەھەرچىسىنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنغان مىللىي يىزىقتىكى نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونى»دا، مىللىي يېزىقتىكى كىتابچىلار رەتلىك تىزىلغانىدى، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. مىللىي يېزىقتىكى كىتابچىنىڭ تارقىتىلىشى تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ» دېدى بۇ كىتابخانىدا كىتاب ئېلىۋاتقان ئارمىيەدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي ئەخمەت مەمەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.