تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جاسارەت بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىش

​− ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھى ھەققىدە بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېڭ شىن، مېي شىشيۇڭ، جاۋ خۇڭنەن

«مەردانە ھالدا غەيرەت - شىجائەت بىلەن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتىمىز، تىنچلىقنى قوغدىغانلىق، ۋەتەننى قوغدىغانلىق يۇرت - ماكانىمىزنى مۇھاپىزەت قىلغانلىق...»

71 يىلنىڭ ئالدىدا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئوغۇل - قىزلىرىدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەردانە ھالدا غەيرەت - شىجائەت بىلەن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى يىل توققۇز ئاي مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، قەھرىمان جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمى باشتىن - ئاخىر ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى، باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى، جاپا - مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن جەڭگىۋارلىقىنى ساقلايدىغان ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھىنى، ۋەتەن ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچنى تاماملايدىغان، مەردانىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلايدىغان ئىنقىلابىي سادىقلىق روھىنى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ھەققانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلىدى».

«لاۋۇلدىغان ئۇرۇش ئوتىدا ياڭرىدى قەھرىمانلىق قەسىدىسى، يېشىللىققا پۈركەنگەن تاغلاردا ئاڭلاندى ئېنىق ساداسى» − ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا تاۋلىنىپ شەكىللەنگەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇپ، جەزمەن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

(1) «تىنچلىقنى قوغدىغانلىق، ۋەتەننى قوغدىغانلىق يۇرت - ماكانىمىزنى مۇھاپىزەت قىلغانلىق» − ۋەتەن ئۈچۈن ئۇرۇش مەيدانىغا ئاتلىنىش

«805 قەدەم بىلەنلا يالۇجياڭ دەرياسى كۆۋرۈكىدىن ئون نەچچە مىنۇتتىلا ئۆتۈپ كەتتۇق.» ئەينى يىللاردا ئۆزىنىڭ چاۋشيەنگە بارغان چاغدىكى كۆرۈنۈشىنى ئەسلەپ، پىدائىيلار قىسمىنىڭ پېشقەدەم جەڭچىسى چېڭ ماۋيوۋ مۇنداق دېدى: يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتكەن ۋاقتىمىزدىلا، قايتىپ كېلىشنى ئويلىمىغانىدۇق. «دەريادىن ئۆتكەن ھەربىر جەڭچى ھاياتى بىلەن يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئىرادىسىگە تولۇپ، ئۆلۈمگە قەتئىي پىسەنت قىلمىغانىدى».

1950 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چاۋشيەندە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسى ۋە سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنى چىقىش قىلىپ، چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا قوراللىق ئارىلىشىش قارارىنى چىقاردى ھەم 7 - جيەندۈيىنى تەيۋەن بوغۇزىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە ئەۋەتتى. 1950 - يىلى 10 - ئاينىڭ باشلىرى، ئامېرىكا ئارمىيەسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا - قايتا ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، ئۆكتەملىك بىلەن 38 - پاراللېل سىزىقىدىن ئۆتۈپ، ئۇرۇش ئوتىنى جۇڭگو - چاۋشيەن چېگراسىغىچە تۇتاشتۇردى.

مۇشۇنداق خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتۈنۈشى قىلىشى بىلەن، جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتى ئادەتتىن تاشقىرى جاسارەت ۋە شىجائەت بىلەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ۋەتەننى قوغداشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك قارارنى چىقاردى.

جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمى چاۋشيەن ئارمىيەسى ۋە خەلقى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، لياڭشۈيدۇڭدىكى تۇنجى جەڭ، يۈنشەنچېڭدىكى كەسكىن جەڭ، چىڭچۇەنجياڭ دەرياسىدىكى بىرلەشمە جەڭ، چاڭجىنخۇ كۆلىدىكى شىددەتلىك جەڭ قاتارلىق جەڭلەرنى قىلىپ، ئۇدا بەش قېتىم ئۇرۇش قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە پولات ئىستىھكامدەك چوڭقۇرلاپ مۇداپىئە كۆرۈش بازىسى قۇرۇپ، كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشى قىلىپ، «ئۇجۇقتۇرۇش جېڭى»نى بىتچىت قىلىپ، «باكتېرىيە ئۇرۇشى»غا تاقابىل تۇرۇپ، شاڭگەنلىڭدا قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ھەيۋەتلىك ۋە قۇدرەتلىك ئۇرۇش ئۇلۇغ نەتىجىسىنى ياراتتى.

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى تۈۋرۈككە ئايلاندى.

پىدائىيلار قىسمىنىڭ قەھرىمانلىرى مۇنداق بىلدۈردى: «بىزنىڭ ئارقىمىزدىكى ۋەتىنىمىز، ۋەتەندىكى خەلقنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن بىز بىر قەدەممۇ چېكىنمەيمىز!»

«ھەممە ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن، ھەممە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن» «زاۋۇت جەڭ مەيدانىمىز، ماشىنا ۋە ئۈسكۈنىلەر قورال - ياراغلىرىمىز بولدى» «ئەر - ئايال، قېرى - ياش ھەممەيلەن قول سېلىپ ئىشلىدى، ھەممە ئائىلە تالقان قورىدى»... پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە ياردەم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك ئىرادىنى نامايان قىلدى.

زەمبىرەك ئاۋازىدىن يىراقلاپ، گۈللىنىش يولىغا يېقىنلاشتۇق. بۈگۈنكى كۈندە، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى مەنىۋى رىشتىگە ئايلاندى، يېڭى دەۋردىكى قەھرىمانلىق مەدھىيە ناخشىلىرى جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىدى −

60 يىل نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئۆزىنى خالىس بېغىشلىغان جاڭ فۇچىڭ، ھاياتى بەدىلىگە ۋەتەننىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنى چىڭ ساقلىغان ۋاڭ جىسەي، سەمىمىيىتى بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرغان خۇاڭ دانيەن، قەھرىمان ئايروپىلان باشلىقى ليۇ چۇەنجيەن، «ۋەتەننى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى قەھرىمان تۇەنجاڭ» چى فاباۋ، تەيخاڭشەن تېغىدىكى «يېڭى يۈگۇڭ» لى باۋگو...

(2) «سىرلىق شەرق روھى» − باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن پىداكارلىق كۆرسىتىش

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇش مەيدانىدا، پىدائىيلار قىسمىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش ھەربىي بۇرغىسىنىڭ ئاۋازى نۇرغۇن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلاندى. ئۇلار باشتىن - ئاخىر پىدائىيلار قىسمىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتۈش بۇرغىسىنى ئاڭلىغان ھامان جۇشقۇن جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۇرغۇتىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي، بۇنى «سىرلىق شەرق روھى» دەپ ئاتىدى.

بۇ، باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھى −

پىدائىيلار قىسمى 15 - جۈنىنىڭ جەڭچىسى چيۇ شاۋيۈن ئۇرۇشتا پىستىرمىدا تۇرغان چېغىدا، بەختكە قارشى دۈشمەننىڭ كۆيدۈرگۈچ بومبىسى تېگىپ كەتتى. پۈتكۈل ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن، ئۇ شىددەتلىك ئوت كۆيدۈرسىمۇ ئاغرىققا چىداپ، تاكى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانغا قەدەر مىدىر - سىدىر قىلمىدى، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 26 ياشتا ئىدى.

«دۇنيا ئىنقىلابى ئۈچۈن، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن، مەن بارلىقىمنى تەقدىم قىلىشنى خالايمەن.» قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى، چيۇ شاۋيۈن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدا مۇشۇنداق يازغانىدى.

بۇ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن جەڭگىۋارلىقنى ساقلايدىغان ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھى −

«ئورۇندىغىلى بولمايدىغان ۋەزىپە بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن، يەڭگىلى بولمايدىغان دۈشمەن بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن!»

چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىشتىن بۇرۇنقى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، پىدائىيلار قىسمى 20 - جۈنىنىڭ ليەنجاڭى ياڭ گېنسى جەڭچىلەرگە «ئۈچكە ئىشەنمەسلىك»تىن ئىبارەت قەھرىمانلىق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ، ۋەتەن ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچنى تاماملايدىغان، مەردانىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلايدىغان ئىنقىلابىي سادىقلىق روھى −

شاڭگەنلىڭ ئۇرۇشىدا ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئالاقىچى خۇاڭ جىگۇاڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بەدىنى بىلەن مىلتىقنىڭ كۆزىنى ئېتىپ، ھاياتى ئارقىلىق سەپداشلىرىغا ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئېچىپ بەردى.

جەڭچىلەر چاڭجىنخۇ كۆلىدە شىددەتلىك جەڭ قىلغاندا، نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇقتا پىستىرما قۇرۇپ تۇردى، ئۇلار توڭلاپ قۇربان بولغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئاتاكىغا ئۆتۈشكە ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇش ھالىتىنى ساقلىغانىدى.

«چاۋشيەن ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ھەممە يېرى قەھرىمانلارغا تولدى. پىدائىيلار قىسمىنىڭ قوماندان - جەڭچىلىرى ھەر ۋاقىت ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھايات - ماماتلىق سىناق ئالدىدا ھېچنېمىدىن قورقماي، <ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر>گە ئايلاندى» دېدى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى گوڭ شاۋشەن.

ئۇرۇش يىللىرىدىكى قان كېچىپ كۈرەش قىلىشتىن تىنچلىق چاغلىرىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقىچە، «رەقىبلەر تار يولدا ئۇچراشقاندا باتۇرلۇق كۆرسەتكىنى يېڭىدۇ» دەيدىغان جەڭگىۋار روھتىن «توسالغۇلارنى بۆسۈپ يول ئېچىش»تەك ئىسلاھات جاسارىتىگىچە، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خىسلىتى ۋە پەزىلىتى بولدى.

(3) تىنچلىق ئۈچۈن، ھەققانىيەت ئۈچۈن − ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەۋج ئالدۇرۇش

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمىنىڭ ھەققانىيەت ئۈچۈن جەڭ قىلىشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھى پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان خەلقلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

1952 - يىلى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، چاۋشيەن پىڭئەننەن ۋىلايىتى چېڭچۇەن ناھىيەسىنىڭ شىتيەنلى دېگەن يېرى. قەھرىتان سوغۇقتا پىدائىيلار قىسمىنىڭ جەڭچىسى لو شېڭجياۋ ئۈچ قېتىم مۇز تۇتقان سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ 21 ياشلىق ياش ھاياتى بەدىلىگە چاۋشيەنلىك ئۆسمۈر سۈي يىڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

چاۋشيەن خەلقى لو شېڭجياۋ قۇربان بولغان جايغا ياغاچ ئابىدە تىكلەپ، ئۈستىگە مۇنداق يازدى: «چاۋشيەن تۇپرىقىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خەلقنىڭ ھەممىسى دوستىمىز يولداش لو شېڭجياۋنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھىدىن ئۆگىنىدۇ».

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيەسى»نىڭ 3 - نۆۋەتلىك باش سىلىڭى، شاڭجياڭ ماك كلارك ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ تارىختىكى تۇنجى غەلىبە قىلالماي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان ئامېرىكىلىق سىلىڭگۈەن بولۇپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋاقىتتا، پۈتۈن دۇنيادىكىلەر ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىن دەس تۇرغان جۇڭگو خەلقىدە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ نەقەدەر قەتئىي ئىكەنلىكىنى كۆردى!

1958 - يىلى، چاۋشيەننىڭ رەھبىرى جىن رىچىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمىنى ئۇزىتىش كاتتا دۆلەت زىياپىتىدە، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «سىلەر ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپە پىرولېتارىيات ئىنتېرناتسىيونالىزمىنىڭ ئۈلگىسى، ئۇ تەرەققىيپەرۋەر ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي سەھىپىسىگە مەڭگۈ يېزىلىدۇ».

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى ھەققانىيەتنىڭ جەزمەن زوراۋانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، تىنچلىق، تەرەققىياتنىڭ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخ ئېقىمى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى!

2016 - يىلى 7 - ئايدا، جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جۇبادا كەسكىن ئېتىشىش بولدى. جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر يىڭى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئىككى جەڭچى قۇربان بولدى. ئۇلارنىڭ بىرى ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن لى لېي، يەنە بىرى 33 ياشلىق ياڭ شۇپېڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە دەرىجىلىك قەھرىمان ياڭ گېنسى ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمدىن كەلگەنىدى.

1950 - يىلى قىشتا، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش جەڭ مەيدانىدا، 28 ياشلىق ياڭ گېنسى ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوقنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، پارتلاتقۇچ بومبا سومكىسىنى كۆتۈرۈپ دۈشمەن توپىغا ئېتىلىپ بېرىپ، دۈشمەننى ھالاك قىلىپ ئۆزى قۇربان بولدى.

ئوخشىمىغان يىللاردا، ئوخشاش قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇش، ئوخشاش ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق نامايان بولدى.

«ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى زامان - ماكاندىن ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى، ئۇنى جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇنداق تەكىتلىدى.

«بىز سىلەرنىڭ روھىڭلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرىمىز.» «جۇڭگونىڭ ئەزىمەتلىرى، ھەر قېتىم بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆرگەندە سىلەرنى ئەسلەيمىز، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!» «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى بىزنى مەڭگۈ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ!» ... لياۋنىڭ دەندۇڭنىڭ يالۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە سارىيىنىڭ سۆز قالدۇرۇش تاختىسىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر سەمىمىي سۆز قالدۇرۇپ، «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر»گە ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالساق، بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو خەلقى جەزمەن تېخىمۇ ئاڭلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن يېڭى دەۋردە يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.