تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بەرپا قىلدى

سەنشى:​

مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بەرپا قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ بىر نەچچە كۈندە، «سەنشى - شىنجاڭ مۇھەببىتى»نى مىڭ چاقىرىمدا ئورتاق بەرپا قىلىش تېمىسىدىكى سەنشىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى فۇكاڭ شەھىرىدە ئۇدا قويۇلدى. بۇ، سەنشىنىڭ 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى دىڭ يۇڭپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم سەنشىنىڭ «ئەدەبىيات - سەنئەت ئارتىسلىرى» فۇكاڭ شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازار، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە، يېزىلاردا 40 نەچچە مەيدان سەييارە ئويۇن قويىدۇ.

دىڭ يۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: ھەيۋەتلىك تەيخاڭشەن تېغىدىن تىيانشان تېغى ئېتىكىگىچە، سەنشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كادىرلىرى چىن ھېسسىياتى بىلەن مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەھەتتە دەل جايىدا كۈچەپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2010 - يىلى 10 - ئايدىن بۇيان، سەنشى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 72 مىليون 130 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارغا يېڭىدىن 32 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت سورۇنى قۇرۇپ بېرىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، ھۆسنخەت، رەسىم، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ھەم مەدەنىيەت كەسپى قاتارلىق كەسپىي ئىختىساسلىقلاردىن 1800دىن ئارتۇق ئادەمنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. «ئەدەبىيات - سەنئەت ئارتىسلىرى» قوشۇنىدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئۇرۇقىنى چاچتى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلەت دەرىجىلىك 11 سەنئەتكار سەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇنەۋۋەر يەرلىك تىياتىر نومۇرلىرىنى يېزا - كەنت، مەھەللە ۋە ليەندۈيلەرگە يەتكۈزدى.

مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سەنشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا. بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، «بۇلۇتتا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش بىۋاسىتە كۆرسىتىش كاتتا مەرىكىسى − مەن تىيانشاندا سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى كۈتىمەن» باش تېما پائالىيىتى فۇكاڭ شەھىرىدە باشلىنىپ، شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭغا كىرىش، بۇلۇتتا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى نام كارتىسى سىجىل نامايان قىلىندى. بۇلتۇردىن بۇيان، «سەنشى - شىنجاڭ مۇھەببىتى . سەنشى - شىنجاڭ سەپىرى» خۇاڭخې ناملىق مەخسۇس پويىز 19 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ شىنجاڭغا ئەكەلدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، سەنشى مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا يەتكۈزۈش»تىن ساياھەت ئوبرازى بىلەن مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، لايىھەلەش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، تەشۋىقات - ماركېتىڭ قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە ياردەمگە ئېرىشكۈچى جاي بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى.

8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال سىن يىغىنى ئېچىپ، يىغىن روھىنى بىرىنچى ۋاقىتتا يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى.

دىڭ يۇڭپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سەنشى ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سەنشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يىل بېشىدا تۈزگەن 134 تۈرلۈك ۋەزىپە تىزىملىكىنى چۆرىدەپ، بىرمۇبىر بېجىرىشنى كۆزلەپ، تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە يىغىن تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇردى.

بۇ يىل، سەنشى ئۆلكىسى مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 15نى ئورۇنلاشتۇردى، سەنشى ئويۇن قويۇش گۇرۇھىنىڭ «ئەدەبىيات - سەنئەت ئارتىسلىرى»نىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئارتىس، خىزمەتچىلىرى شىنجاڭغا كېلىپ سەييارە ئويۇن قويۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 950 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ «بىر سائەتلىك پارتىيە دەرسى» «بىر بالىنىڭ 20 ئانىسى» قاتارلىق نادىر سەھنە تىياتىرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، سىم - سىم يامغۇر تەبىئەتنى سۇغىرىدىغان مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش داۋامىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

دىڭ يۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەندىن بۇيان، ئۇل ئەسلىھەلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ قۇرۇشتىن نادىر تىياتىرلارنى كۆرگەزمە قىلىپ قويۇشقىچە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشتىن مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكىچە، سەنشى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئىدىيەسى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئىدىيە جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش، سىياسەت جەھەتتە يېتەكلەش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردىكى ئىجابىي رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوزۇقلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.