تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تۆت خىل ئۆگىنىش ئەندىزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى

كورلا شەھىرى:​

تۆت خىل ئۆگىنىش ئەندىزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاۋ شۇاڭ

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسى تولۇق سىڭدۈرۈلۈپتۇ.» 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ لەڭگەر يېزىسى غوڭرات كەنتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا، بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن پېيپېي سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە ئەزالىرى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك».

ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، كورلا شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، رەھبەرلىك «باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش»، پارتىيە گۇرۇپپىسى شۇجىسى «يېقىندىن ئەگىشىپ ئۆگىنىش»، ئادەتتىكى پارتىيەلىك كادىرلار «كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىش»، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى «مەركەزلىك ئۆگىنىش»تىن ئىبارەت تۆت خىل ئۆگىنىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، پۈتۈن شەھەر بويىچە قىزغىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىدى.

كورلا شەھىرى ھەر دەرىجىلىك «ئاساسىي بازا» «ئاساسىي دەرسخانا»لارنىڭ رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. بۇ شەھەردىكى ھەرقايسى يېزا - بازارلار مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش ئارقىلىق، مەركەزلىك كۆرۈش، مەركەزلىك ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى پارتىيەلىك كادىرلارغا يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، كورلا شەھىرى قۇرۇلۇش كوچا باشقارمىسى يۇقىرى چاچى مەھەللىسىگە كىرگىنىمدە، يىغىن زالىدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، كورلا شەھەرلىك لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەۋاتاتتى.

لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا، لېكسىيە سۆزلىگۈچى ئەتراپىدىكى تىپىك مىساللار ئارقىلىق، ئامما ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، قىزىقىدىغان، ئەستە ساقلىيالايدىغان تىل بىلەن، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ سوئالغا جاۋاب بېرىش شەكلى ئارقىلىق ئاممىنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەردى، نەق مەيدان كەيپىياتى جانلىق بولدى.

ئاممىغا يېقىن بولغان لېكسىيە ئاھالە تاجىگۈل ئەمەتنىڭ قەلبىنى ئۇزاققىچە ھاياجانغا سالدى: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياشلىق باھارىمدىكى كۈرەشنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرىمەن».

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، كورلا شەھىرىدىكى بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بىر ھەپتىلىك مەخسۇس تېمىدىكى تەربىيەلەش كۇرسىدا، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ لېكتورلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىنى قوللىنىپ دەرس ئۆتتى، پۈتۈن شەھەردىكى بۆلۈم دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار، ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىرى، ھەرقايسى كەنت(مەھەللە) «ئىككى كومىتېت» مەسئۇللىرى، 1 - شۇجى قاتارلىقلار ھەر كۈنى كەچتە ئىككى سائەت مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلدى. «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا پەزىلىتىمنى تاۋلاپ، ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن». بۇ، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى مۇ شۈەنشۈەننىڭ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىگە بولغان ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتى.

7 - ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، كورلا شەھەرلىك لېكسىيە ئۆمىكى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى يېزا - بازار(مەيدان)، كوچا باشقارمىلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. ئامما تەسىرات سۆزلەش، مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى كۆرۈش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىنى كۆرۈش، مەن دۆلەت بايرىقى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىمەن قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان ھەمتۈرتكە پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئامما لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش بىلەن بىللە تەسىراتقا ئىگە بولدى، تەربىيەگە ئىگە بولدى ۋە ئىلھام ئالدى.

نۆۋەتتە، كورلا شەھىرى تۆت خىل ئۆگىنىش ئەندىزىسى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەپ، قەلبداش بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كورلا شەھىرىدىكى 92 مەھەللە، 59 كەنتكە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى بىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە لېكسىيەسىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.