تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئادەمسىز رايوندا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى

سىكاننېرلاپ تېخىمۇ كۆپ خەۋەرنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خۇاڭ لىڭيەن، جاۋ مېي، ۋاڭ چىمىڭ، نيې نىڭ

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى يايلاققا نەزەر سالساق، ھەممىلا يەردە ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ بالىلىرىنى ئېمىتىۋاتقان، ئويناقشىپ يۈرگەن مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئىناق، گۈزەل كۆرۈنۈشلەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

7 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، بۇ مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مۇھاپىزەت رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ئەگىشىپ، بۇ سىرلىق جايغا چوڭقۇر چۆكۈپ يېقىن ئارىلىقتىن كۆزەتتى ۋە خاتىرە قالدۇردى. ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ چېپىۋاتقان تىبەت ياۋا ئېشەك توپى، يول بويىدا ئوتلاۋاتقان تىبەت بۆكىنى، كۈچلۈك، قاۋۇل ياۋا قوتازلار... مۇھاپىزەت رايونىدا كۆرگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى، بىزنىڭ «ئادەمسىز رايون» «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»غا بولغان تونۇشىمىزنى ئۆزگەرتىۋەتتى.

ئادەمسىز رايونغا كىرىش

شەرقىي كوئېنلۇن تېغى بىلەن چىمەنتاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بۇ مۇھاپىزەت رايونى، شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىدە بولۇپ، چىڭخەي ۋە شىزاڭ بىلەن چېگرالىنىدۇ. تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئېگىز تاغ، چوڭقۇر جىلغىلار ئايرىپ تۇرغاچقا، بۇ جاي جۇڭگودىكى تۆت چوڭ ئادەمسىز رايون ئىچىدە كىرىش ئەڭ تەس جاي بولۇپ قالغانىدى. مۇھاپىزەت رايونى 1983 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ ئېگىزلىكتىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىنسانلار ئۇلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن بۇ جايغا قەدەم باسمايدىغان بولدى.

مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تۇرۇشلۇق جاي كورلا شەھىرىدىن يولغا چىقىپ مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئىشەكپاتتى مەركىزى باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتىغا بارغۇچە بولغان ئومۇمىي مۇساپە 1100 كىلومېتىرغا يېقىن كېلىدىغان بولۇپ، ئىككى كۈنگە يېقىن مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. «ھەر قېتىم تاغقا كىرگەندە ئاز دېگەندە ئىككى ئاپتوموبىل ھەمراھ بولۇپ تەڭ ماڭىدۇ، ئەگەر يولدا خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەر ۋاقىت بىر - بىرىنى قۇتقۇزالايدۇ» دېدى مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشۋىقات - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاۋ شۈدۇڭ تونۇشتۇرۇپ.

يول بويى شەرققە قاراپ مېڭىپ، دۆلەت يولىدىن چىقىپ، چۆللۈك ۋە توپا - چاڭ ئۆرلەپ تۇرىدىغان قۇم - شېغىل يولنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن تاغلىق رايونغا كىردۇق، ئالدى تەرەپتە يول قالمىغانىدى. ئاپتوموبىللار ئەگرى - بۈگرى يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دېڭىز يۈزىدىن 4485 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئامبال ئاشىكەن داۋىنىدىن ئۆتۈپ، يەنە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، ئاخىر مەنزىلگە يېتىپ باردى.

2 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا، ئىشەكپاتتى مەركىزى باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتىدىن يولغا چىقىپ، ئىشەكپاتتى يايلىقىنى بويلاپ، شەرققە قاراپ ماڭدۇق. شىمالدىكى چىمەنتاغ ئاستا - ئاستا كەينىمىزدە قالدى، جەنۇب تەرەپتىكى قۇمتاغ بىلەن ئوتلاق تۇتىشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ كەينىدىكى قارلىق تاغ ئاجايىپ ياراشقان بولۇپ، مەنزىرىسى تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى، ئادەم كەڭ دالىدا تەبىئەت بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

«ئېگىزلىكتىكى زېرەكچاق» دەپ ئاتالغان تىبەت بۆكىنى دۆلەت 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ھايۋانلار رايونى سىستېمىسىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۆلچەرلىگۈسىز ئىلمىي قىممەتكە ئىگە، تىبەت بۆكىنى توپىمۇ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى تەبىئىي ئېكولوگىيەسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش بۇ قېتىمقى زىيارەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.

«زېرەكچاق»لار بىلەن ئۇچرىشىش

يول بويىدا ئوتلاپ يۈرگەن توپ - توپ تىبەت ياۋا ئېشەكلىرى يايلاققا ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى. ئۇلار ئاپتوموبىلنى بايقىغان ھامان توختاپ، تەڭلا قاراپ، قۇلىقىنى تىك تۇتۇپ، چاققانلىق بىلەن خەتەر بار - يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلاتتى. تىبەت ياۋا ئېشىكىنىڭ بەدىنى قاۋۇل، بېشىنىڭ چوققىسىدىن قۇيرۇقىغىچە قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، خۇددى يېپىنچا ئارتىۋالغاندەك كۆرۈنەتتى.

جاۋ شۈدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تىبەت ياۋا ئېشىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 50 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئاپتوموبىل بىلەن مۇسابىقىلىشىش تىبەت ياۋا ئېشىكىنىڭ ئالاھىدە «خەتەردىن ساقلىنىش» ھەرىكىتى ئىكەن، چۈنكى ئاپتوموبىل ماڭىدىغان يول تىبەت ياۋا ئېشىكى ئوتلايدىغان جاي بىلەن ئارام ئالىدىغان جاي ئارىلىقىدا بولۇپ، ئۇلار كېلىۋاتقان نامەلۇم نەرسىلەرنى بايقىغاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە يۈگۈرۈپ يېقىن ئەتراپتىكى بىخەتەر جايغا كىرىۋالىدىكەن.

ئۇزاق ئۆتمەيلا، «ئېگىزلىكتىكى زېرەكچاق» ئاخىر پەيدا بولدى، ئۈچ ئەركەك تىبەت بۆكىنى مۇخبىرلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ، جىنسقا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۈڭگۈزىنى كۆرسىتىپ كۆككە مەغرۇر قاراپ تۇراتتى. ئۇلار ئىنسانلارنى بايقىغاندا، تېز چاپاتتى، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ئىدى. جاۋ شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: تىبەت بۆكىنى دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى رايوندا ياشايدۇ، چاپقاندا سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

يەنە ئالدىغا قاراپ ماڭساق، بىر توپ تىبەت بۆكىنى بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، تۆللەيدىغان جايدىن ماكانىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى، ئانا تىبەت بۆكىنى ماڭغاچ ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆزىتەتتى. جاۋ شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى 6 -، 7 - ئاي، تىبەت بۆكىنىنىڭ تۆللەش مەزگىلى، زور تۈركۈمدىكى چىشى تىبەت بۆكەنلىرى جۈپلىشىدىغان جايدىن ئايرىلىپ، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ غەربىدىكى توشقان كۆلىگە بېرىپ مەركەزلىك تۆللەيدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە، زور تىبەت بۆكىنى توپىنى كۆرۈش ناھايىتى تەس. لېكىن ئاز بىر قىسىم تىبەت بۆكىنى، سۇ، ئوت - چۆپ ياخشى ئېگىزلىكنى تاپسىلا قېپقالىدۇ، ئەمما سانى ئانچە كۆپ ئەمەس».

يول بويىدا، ئاق بوغۇز بۆكەنلەر كۆز ئالدىمىزدىن سەكرىشىپ ئۆتۈپ كەتتى، تىبەت بۆكەنلىرى ئاپئاق، سېمىز ساغرىسىنى چىقىرىپ بىز بىلەن خوشلاشتى، جەمەتى تەرىپىدىن توپتىن قوغلاپ چىقىرىلغان بىر ياۋا قوتاز يول بويىدا ھۈرپىيىپ تۇرغان بولۇپ، ھەرقانداق جانلىقنىڭ ئۇنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىشىدىن ساقلىنىپ تۇراتتى. بىز ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، «جىمجىت»لا كېتىپ قالدۇق، ئۇلار دۈپۈرلىشىپ ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى سايغا قاراپ چېپىپ كەتتى.

ئېگىزلىكتە ئۈمىدنى يېتىلدۈرۈش

يولنى بويلاپ شەرققە قاراپ ماڭدۇق، ئېگىز تاغدىكى يايلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلانغانىدى. مۇخبىرلار ئاپتوموبىل بىلەن بەش - ئالتە سائەت يول يۈرۈپ، 70 - 60 كىلومېتىر يولنى باسقاندىن كېيىن، ئىككى ئۆلچەملىك كونتېينېر چوڭلۇقىدىكى كۆك رەڭلىك پولات تاختا ئۆي − چۈەنتوۋ تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلدى. بۇ يەر دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز قۇمكۆل قۇملۇقىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، چوڭ - كىچىك قۇم كۆللىرى ۋە يەر ئاستىدىكى ئالاھىدە گىدروگېئولوگىيە سەۋەبىدىن قۇم بۇلاق شەكىللەنگەن، تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ سەۋەبتىن مۇشۇنداق نام ئالغان. 54 ياشلىق غېنى ھەسەن بىلەن 22 ياشلىق ۋارىسجان ئەخمەت بۇ يەرنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىكەن.

«بىزنىڭ خىزمىتىمىز ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئۇياقتىن - بۇياققا چېپىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈش، لېكىن ئادەملەرنىڭ ئۇياقتىن - بۇياققا يۈگۈرۈپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ قالساق بولمايدۇ» دېدى غېنى ھەسەن چاقچاق قىلىپ، «ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا، مەن باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتىدا خىزمەت قىلاتتىم. سىرتقا چارلاشقا چىققاندا، ناھايىتى ئۇزاق يول يۈرسەكمۇ ياۋايى ھايۋانلار ئۇچرىمايتتى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، بىر قېتىمدا نەچچە ئون ياكى 100دىن ئارتۇق تىبەت بۆكىنىنى ئۇچرىتىدىغان بولدۇق، بەزىدە بۆرە، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا قوتازلار باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرىدىغان بولدى».

مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېگىزلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت تەتقىقات ئىشخانىسىدىن كەلگەن ئەۋرىشكىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 20 يىل ئىلگىرى مۇھاپىزەت رايونىدىكى تىبەت بۆكىنى تۆللەيدىغان ئەڭ چوڭ جايدىكى تۈر توپىنىڭ سانى 20 مىڭ تۇياققا يەتمەيدىكەن؛ ئون يىل ئىلگىرى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ 23 مىڭ تۇياققا يەتكەن؛ بۇ يىل يازدا ئەسلىگە كېلىپ 35 مىڭ تۇياققا يەتكەن.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇھاپىزەت رايونىدا چارلاش - باشقۇرۇش سالمىقىنىڭ زورايتىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇھاپىزەت رايونىدىكى تىبەت بۆكىنى، ياۋا قوتاز، تىبەت ياۋا ئېشىكى قاتارلىق ئېگىزلىكتىكى ئۈچ چوڭ تۇياقلىق ياۋايى ھايۋان توپىنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى، بىز تىبەت بۆكىنى توپىنىڭ كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلىنىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى كۆردۇق. پەن تەتقىقات، ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تىبەت بۆكىنىنىڭ ئىنتايىن ناچار مۇھىتتا ياشاش سىرى ۋە كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش سىرىمۇ بىر - بىرلەپ يېشىلىۋاتىدۇ» دېدى مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېگىزلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ دۇڭخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.