تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​«ئۇلۇغ مۇساپە ئۆچمەس تارىخىي داستان − <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسىنى زىيارەت»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

​«ئۇلۇغ مۇساپە   ئۆچمەس تارىخىي داستان − <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسىنى زىيارەت»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى «ئۇلۇغ مۇساپە   ئۆچمەس تارىخىي داستان − <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسىنى زىيارەت» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى پەيتىدە، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، « <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى» يېڭىدىن پۈتكەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتكە كېلىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جەزمەن پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش تارىخى مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخى، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىق تارىخى، نەزەرىيەدە ئىزدىنىش تارىخى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش تارىخى، ئۆز قۇرۇلۇشى تارىخى. كۆرگەزمىدە 2500 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 4500 پارچىدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئەمەلىي بۇيۇم ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق مۇساپىسى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ھالدا تارىخىي داستاندەك نامايان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كۆرگەزمە ئېچىلغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەر ساھەدىكى زاتلار بەس - بەستە ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بولۇپمۇ 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، كۆرگەزمە كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى تېخىمۇ تارتتى.

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە قەتئىي ئىرادە باغلايمىز.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: غايە - ئېتىقادنى چىڭ ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش؛ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇش؛ ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر؛ گۈللىنىش زور ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشقا قەتئىي ئىرادە باغلاش.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تارىخ ھازىرقىغا ئىلھام بېرىدۇ، كەلگۈسىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ. يېڭى مۇساپىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىدىن ئىبارەت بۇ «قىزىل گېن ئامبىرى»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتمۈشنى ئەينەك قىلىپ كەلگۈسىنى بىلىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جەزمەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.