تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ ئەزىمەتلىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا چاقنىدى

□ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خۇاڭ شىڭ، جېڭ يىيۈەن، دۇڭ لياڭ

8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، 32 - نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇڭجىڭدا ئاياغلاشتى. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 38 ئالتۇن مېدال، 32 كۈمۈش مېدال، 18 مىس مېدال بولۇپ جەمئىي 88 مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال سانى، مېدال سانىدا 2 - ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە چېگرا سىرتىدا قاتناشقان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى. بۇ شەرەپلەر ئىچىدە، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭمۇ تۆھپىسى بار.

بۇ قېتىمقى دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭدىن جەمئىي ئالتە كىشى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تاللىنىپ، ئالتە تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 2 مىس مېدال، بىر 5 - لىككە ئېرىشتى، ھەربىر تەنھەرىكەتچىنىڭ ھەممىسى ئۆز ساھەسىدە بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ۋاسكېتبولدا: تارىخ يارىتىلدى

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو ۋاسكېتبول كوماندىسى 29 يىلدىن كېيىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇكاپات سەھنىسىگە قايتا چىقتى.

ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول تۈرى تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرگۈزۈلدى، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى مىس مېدالغا ئېرىشىپ، جۇڭگو ۋاسكېتبولىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى نامايان قىلدى. بۇ يەنە ئۈچ كىشىلىك ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 2019 - يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ۋاسكېتبول تارىخىدىكى يەنە بىر قېتىملىق بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ۋاڭ لىلى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە جەڭگىۋار كۈچىنى نامايان قىلدى. ئىتالىيە، فىرانسىيە بىلەن بولغان شاللاش مۇسابىقىسىدە، 29 ياشلىق ۋاڭ لىلى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچقا ئايلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن ماختىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، «ۋاڭ لىلى قالتىس» «ۋاڭ لىلى 9 نومۇر» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەر توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

«شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ئالتە يىللىق چېنىقىش مەندە ئۇرغۇپ تۇرغان بەدەن ئىقتىدارى ۋە كۈچلۈك تىركىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈردى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان، ئاخىرقى دەقىقىغىچە جان تىكىپ ئېلىشىدىغان روھىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئېلىپ باردىم.» مۇسابىقىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ۋاڭ لىلى بۇ مېدالغا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىش روھى سىڭگەن، دېدى.

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى 21 ياشلىق كىچىك ماھىر خەن شۈ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەش كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۇنجى دۆلەت ماھىرى. دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە خەن شۈ جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە كىرىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

ئىككى نەپەر تەنھەرىكەتچىدىن باشقا، شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، 36 ياشلىق مۇرات ئادىلجان جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تىرېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

چېلىشىشتا: بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو چېلىشچىلىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەرنىڭ قەدىمچە چېلىشىش تۈرىدە 60 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە مۇكاپات سەھنىسىگە چىقتى.

جۇڭگو ماھىرى، تارباغاتايدىن كەلگەن ۋەلىخان سېرىك تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپلا، مىس مېدالغا ئېرىشتى. بۇ، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چاڭ يۇڭشياڭ ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش تۈرىدە 74 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەندىن كېيىن، جۇڭگو ئەرلەر چېلىشىش ماھىرىنىڭ 13 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مېدال يەنە شىنجاڭ چېلىشچىلىرى تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدالى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ چېلىشىش تۈرىدە تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مېنىڭ ئارزۇيۇم. دۆلەت كوماندىسىنىڭ ماڭا خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدا ئەمەلىي كۈچۈمنى نامايان قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئاخىرىدا يەنە ماڭا ياردەم قىلغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى ۋەلىخان مېدالغا ئېرىشكەندىن كېيىن مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن.

جۇڭگو ماھىرى، خوتەندىن كەلگەن رۇڭ نىڭنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ئەركىن چېلىشىش تۈرىنىڭ 57 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى مۇسابىقىسىدىكى غوللۇق ماھىر بولۇپ، ئىلگىرى 2018 - يىللىق دۇنيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، 2019 - يىللىق دۇنيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2 - بولغان ۋە 2019 - يىللىق ئاسىيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. گەرچە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سەھنىسىگە چىقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا شىنجاڭنىڭ چېلىشىش تۈرىدە تارىخ ياراتتى − ئۇ چېلىشىش تۈرىدە شىنجاڭدىكى تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى بولۇپلا قالماي، يەنە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىغا چىققان شىنجاڭدىكى تۇنجى ئايال چېلىشىش تەنھەرىكەتچىسى ھېسابلىنىدۇ. كەلگۈسىدە، رۇڭ نىڭنىڭ يەنىلا شىنجاڭ چېلىشچىلىقىنىڭ بايراقدار تەنھەرىكەتچىسى ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈنكى جۇڭگو چېلىشىش كوماندىسىدا شىنجاڭدىن كەلگەن نۇرغۇن ماھىر بار بولۇپ، كەلگۈسى يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز، ئۈچ يىلدىن كېيىنكى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئۇلارنىڭ يەنە شەرەپ قۇچۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ساھىل ۋالىبولىدا: داۋاملىق شەرەپ قۇچۇلدى

ئەنئەنىۋى ئەۋزەل تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ساھىل ۋالىبول ماھىرلىرىنىڭ ئىپادىسى ئوخشاشلا ناھايىتى ياخشى بولدى.

ساھىل ۋالىبولى ئىلگىرى ئىزچىل ياۋروپا، ئامېرىكا ماھىرلىرىنىڭ سەھنىسى ئىدى. 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭدىن كەلگەن ۋاڭ جيې ۋە ھەمراھى تيەن جيا جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن سۈپەت جەھەتتە بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەنىدى، بۇمۇ جۇڭگونىڭ ساھىل ۋالىبول تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە.

بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو گۇرۇپپىسى ۋاڭ فەن \شيا شىنيى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلدى، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار 2:0 نەتىجە بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى غوللۇق كوماندا، بىرازىلىيە گۇرۇپپىسى بېدناچۇك \سانتوس لىسىبوئانى يەڭدى. گەرچە 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيەلىك يەنە بىر جۈپ ماھىرغا يېڭىلىپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، نەتىجىسى ئەڭ قالتىس بولغان جۇڭگو ئاياللار ساھىل ۋالىبول گۇرۇپپىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان شيا شىنيىنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشى بولۇپ، ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقى دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 24 ياشلىق شيا شىنيىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئولىمپىك سەپىرى بولۇپ، كەلگۈسىدىكى يولى يەنىلا ناھايىتى ئۇزۇن.

بوكستا: مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا شەرەپ ھېس قىلىندى

ئالتايلىق 24 ياشلىق يىگىت توختاربېك تاڭلاتخان دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو بوكس كوماندىسىدىكى ئالتە ماھىرنىڭ بىرى. ئەرلەر بوكس تۈرىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى مۇسابىقىسىدە، ئۇ تۇنجى ئايلانمىدا 5:0 نەتىجە بىلەن ھىندىستانلىق ماھىر مار ئاشسىننى يېڭىپ، ئىككىنچى ئايلانمىدا بىرازىلىيەلىك ماھىر سوسا بىلەن ئۇچراشتى. 2019 - يىللىق دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، توختاربېك بۇ ماھىر بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، شۇ چاغدا ئىككىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى يېقىنلاشقانىدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، توختاربېك بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مەيداندا كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن مەيداننىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى 2:3 دە توختاپ قالدى. توختاربېكمۇ 16 كۈچلۈك ماھىر قاتارىدا توختاپ قالدى. 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، سوسا بۇ دەرىجىلىكلەر بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

«توختاربېك گەرچە تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ماھىرلار بىلەن رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. يۇقۇم مەزگىلىدە، بىر يىلدىن كۆپرەك يېپىق ھالەتتە مەشىق قىلغاچقا، ئۇ ئامالسىز خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالمىدى، لېكىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۇ ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۈچ يىلدىن كېيىنكى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئۇ 27 ياشقا كىرىدۇ، بۇ بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەڭ پىشىپ يېتىلگەن ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ.» شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتى مەركىزىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت بوكس كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ سۆزلىرىدىن تولۇپ تاشقان كۈرەش ئىرادىسى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

شىنجاڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۆزىدىن ھالقىپ، بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە چېمپىيون بولغان ماھىرلارغا ئوخشاشلا چاقنىدى. بىز ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئەستە ساقلاپ، ئۇلار ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتايلى. ئۇلارنىڭ چاقىرىقىدا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىغا چىقىپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.