تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، سانجى ئوبلاستى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلدى

فۇجيەن:

كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، سانجى ئوبلاستى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلدى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن

8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، مۇخبىرلار سانجى شەھىرىنىڭ بىڭخۇ بازىرىغا جايلاشقان سېنمياۋ بېلىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىردى، ھەممىلا يەردە جىمىرلاپ تۇرغان بېلىق كۆلچەكلىرى ۋە ئالدىراش كوپىراتىپ ئەزالىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى.

«بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسى چېن جيەنگونىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى باققان كالىفورنىيە ئوكۇن بېلىقى بېلىجانلىرىنى پەسىلسىز كۆپەيتىش سىنىقى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دېدى بۇ كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى شۈ جۈن.

بېلىجان يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى يېتەرسىز بولغاچقا، سانجى شەھىرىدە نۆۋەتتە بېقىلىۋاتقان بېلىق تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى فۇجيەن قاتارلىق جايلار تەمىنلىگەن بولۇپ، توشۇش خىراجىتى يۇقىرى ئىدى. بۇ قېتىم يەرلىكتە بېلىجان يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى كالىفورنىيە ئوكۇن بېلىقى بېلىجانلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ يېتىشتۈرۈش ۋە تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بېلىجان يېتىشتۈرۈش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، بېقىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

شۈ جۈن مۇنداق دېدى: «بۇ تۈركۈم قېتىمدىكى پەسىلسىز كۆپەيتىلگەن كالىفورنىيە ئوكۇن بېلىقى تۇخۇملىرى يەرلىكتىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنى تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى سېتىشنى ئاساس قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلاردىكى زاۋۇتلاشقان باقمىچىلىق بازىلىرىنى تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، پەقەت تۆت كۈن ۋاقىتتا 5 مىليوندىن ئارتۇق ئۇرۇقلانغان تۇخۇم سېتىلىپ بولدى».

فۇجيەن تۇپرىقىدىن تىيانشان ئېتىكىگىچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۆۋرۈكى سېلىندى، تاغ - دەريالار ئايرىپ تۇرىدىغان فۇجيەن ئۆلكىسى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن زىچ باغلاندى.

ھەربىر مۇھىم، زور تۈرلەردە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىپ، قاتار - قاتار سانائەت باغچە رايونلىرى قەد كۆتۈردى، تۈركۈم - تۈركۈم كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سانجى ئوبلاستىدا مول مېۋە بەردى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، فۇجيەن ئۆلكىسى مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن جەمئىي 239نى يولغا قويۇپ، 2 مىليارد 163 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىرىنچى ۋاقىتتا مەخسۇس تېمىلىق سىن يىغىنى ئېچىپ، يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى ھەم كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە نۇقتىلىق ھالدا نېمە قىلىش، قانداق قىلىش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ جۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فۇجيەن ئۆلكىسى ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، داۋالاش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا سانجى ئوبلاستىغا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ تەرەققىياتىغا جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، «دېڭىز قولتۇقى يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى نەتىجىلىرى يەرمەنكىسى» «رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى باشلىقلار يىغىنى» «مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى» قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، فۇجيەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلارنى سانجى ئوبلاستىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد كۆلىمى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل زورايتىدۇ.

ۋاڭ جۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆپ يىل ئىزدىنىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ياخشى پىكىر يولى، ياخشى تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ ھەم ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، «بىر شەھەر، بىر ناھىيە، بىر نۇقتىلىق سۈپەتلىك ماركا» بەرپا قىلىش ئاساسىدا، سىجىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئەلا نەتىجە يارىتىپ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى يېڭى سۈپەتلىك ماركىسى، يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى بەرپا قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ساھەسى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىمىز.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، فۇجيەن ئۆلكىسى پىلان ئىچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 150 نەچچىنى ئورۇنلاشتۇرغان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ 2 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.