تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش بويىچە مەركەز 16 - نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا «قايتا قاراپ چىقىش» نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش بويىچە مەركەز 16 - نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «قايتا قاراپ چىقىش» پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلدى، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى فۇ جىفاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مىڭشەن «قايتا قاراپ چىقىش» خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

مەركەز 16 - نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى قايتما ئىنكاس پىكرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، پۇختا ئىشلەپ، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان، مۇستەھكەملىگەن دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆگىنىش ئۈنۈمى، يىپ ئۇچى بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئوڭشالمايۋاتقان مەسىلىلەرنى تۈزەش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ، ياخشىلاش پىكىر - تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فۇ جىفاڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، يىپ ئۇچى بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئوڭشالمايۋاتقان مەسىلىلەرنى تۈزەش، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش جەھەتتە قەتئىي بوشاشماي، تولۇق قېزىپ، ھەقىقىي ئېنىقلاش؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز بايقاش ۋە ھەل قىلىش داۋامىدا سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشتا دائىملىق تۈزەش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ھەمتۈرتكە بولۇشنى جىپسىلاشتۇرۇش ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئەستايىدىل پىلانلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، 1 - تۈركۈمدىكى بىلەن 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنى ئوڭۇشلۇق باشلاشقا، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن مۇنداق بىلدۈردى: مەركەز 16 - نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەرنى تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى سىجىل چىڭىتىپ پۇختىلاپ، پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.