تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ خاس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، «ئاپتونوم رايوننىڭ <گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ خاس تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت تەدبىرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ) بېسىپ تارقىتىلدى. «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ خاس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم، زور قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش، مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى جۇڭيى تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش، نۇقتىلىق پەن تەرەققىياتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتىلغان سېلىنما سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر زايومى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى جۇڭيى تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرخانا قۇرۇلۇش تۈرىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قوللىشى؛ ئاپتونوم رايوندىكى جۇڭيى تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ جۇڭيى تېبابىتى(جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۆنىلىشىدىكى دۆلەت مېدىتسىنا مەركىزى ۋە رايون تېببىي داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىشى؛ ئەلا سۈپەتلىك جۇڭيى تېبابىتى بايلىقىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش ۋە تەڭپۇڭ ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەللىك كېسەل خاسلىقى روشەن بولغان جۇڭيى تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرخانا ۋە بۆلۈم قۇرۇشى؛ ئاپتونوم رايوندىكى 2 - دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى جۇڭيى تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللەر رايونى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى ھەمكارلاشقان «بايراقدار» دوختۇرخانا، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى ھەمكارلاشقان «بايراقدار» بۆلۈم، «بايراقدار» ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپ مائارىپى ۋە ئۇستاز مائارىپى كۈچەيتىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلار ئاساسى پۇختىلىنىدۇ؛ توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن مېدىتسىنا مائارىپىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىپ، ئاز ھەم سەر خىل، يۇقىرى قاتلاملىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىختىساسلىقلار يېتىشتۈرۈلىدۇ. 2021 - يىللىقلاردىن باشلاپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى دەرسلىكى تولۇق كۇرس كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىنىڭ زۆرۈر دەرسلىكىگە ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈش پىراكتىكا مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىدە جۇڭيى تېبابىتى ئاساسى ۋە مۇۋاپىق تېخنىكا زۆرۈر دەرسلىكى تەسىس قىلىنىدۇ. جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى قاتارلىقلاردا جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئەندىزىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مېخانىزمى قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تايانچ ئىختىساسلىقلار ئامبىرى قۇرۇلىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى قاتارلىقلار قۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.