تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىغاندا، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش لاچىن بايەكە قەتئىي ھالدا چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى سادىق قوغدىغۇچى، ئۇنىڭ دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى قوغداشنى ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلىشتەك مەنىۋى ئىنتىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يېڭى دەۋر ئولتۇراق رايونى، ئايرودۇرۇم، سەييۈن رېنجيا ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى، ساياھەت تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئومۇميۈزلۈك تولۇقلاپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا شۆھرەت زاكىر باغچە رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارغا بولغان مۇلازىمەت كاپالىتىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ئاچال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، يەنە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، شۆھرەت زاكىر ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. شەھەر - يېزا تاشيوللىرىنى تورلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگو - پاكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە ماسلاشقان زامانىۋى ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، ليۇ سۇشې قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.