تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنىڭ ئىدىيەگە، قەلبكە سىڭىشىگە تۈرتكە بولدى

ئىلى ئوبلاستى:

مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنىڭ ئىدىيەگە، قەلبكە سىڭىشىگە تۈرتكە بولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، «جۇڭگو دوختۇرلىرى» ناملىق كىنونى كوللېكتىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى ئەيساجان ئۆمەر «پارتىيە ئەزالىرى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇش، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئالدى بىلەن ئاتلىنىش»قا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئوچۇق - يورۇق پىكىر ئالماشتۇردى، كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش، دوكلات بېرىشنى كۆرۈش، كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، قىزىل كىنو كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا پىكىرلىشىپ، «ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش» داۋامىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، ماركسىزم نېمە ئۈچۈن يارايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، دېگەننى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئورتاق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بەش كۈن داۋاملاشقان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى ئۇدا قانات يايدۇرۇپ، مەركەزلىك دەرس ئۆتۈش، مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە قىلىش، قېتىرقىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، خۇلاسىلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن ئوبلاستتىكى 190 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىرنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلىدى.

ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى قانات يايدۇرۇش خىزمەت كۆرسەتمىسىنى تۈزۈپ تارقىتىپ، «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىشنى مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ، بۇرچنى مەڭگۈ زىممىگە ئالدى. ھەر دەرىجىلىك سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى يەنە پۈتۈن ئوبلاست بويىچە 6253 پارتىيە تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسلىرىنى سەييارە ئاڭلاپ، سىرتتىن ئاڭلاپ، ئۆگىنىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىشتە رەسمىيەتچىلىك قىلماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگەندى، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگەندى. ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق 727 پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئالدىن ئۆگىنىپ، ئالدىن يولغا قويۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «تەڭ قەدەمدە ئۆگىنىشى»گە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، بارلىق خادىملار ئۆگىنىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

تېكەس ناھىيەسى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ «ئۆگىنىش»، كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىپ «ئۆگىنىش»، مەخسۇس تېمىدىكى پارتىيە دەرسىدە «ئۆگىنىش»، ئۈلگىلەر يېتەكلەپ «ئۆگىنىش»، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ «ئۆگىنىش»تىن ئىبارەت «بەش خىل ئۆگىنىش» ئارقىلىق، مەۋقەنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

دېھقانلار كۇتۇپخانىسى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى قاتارلىق بازىلاردا، دېھقان - چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىدىن جاراڭلىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز پات - پات ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. «ئىككى يېڭى» تەشكىلات بىرلىشىپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا ئۆگىنىشتە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىلى ئوبلاستى قېتىرقىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش، دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن نەق مەيداندا ھېس قىلىش، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىش بىلەن مەركەزلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، رەھبەرلەر يېتەكلەپ ئۆگىنىش بىلەن پارتىيە ئەزالىرى ئۆزئارا ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جانلىق، كۆپ خىل، پۇختا، ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش شەكلى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا چوڭقۇر ئۆگىنىپ چوڭقۇر ئوقۇشقا، ئىنچىكە ئۆگىنىپ ئىنچىكە تەتقىق قىلىشقا، چوڭقۇر ھېس قىلىشقا يېتەكلىدى.

(ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى شۆخۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ شىنخەي، لى نا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.