تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمى 2.03 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرى، مەيدان ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتكەن. ھازىرغا قەدەر، تەنتەربىيە مەيدانىدىن 67 مىڭ 700ى (زال ئىچى تەنتەربىيە مەيدان - سارىيىدىن 9500ى، زال سىرتى تەنتەربىيە مەيدانىدىن 58 مىڭ 200ى بار) سېلىنغان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمى 2.03 كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا سېلىشتۇرغاندا، تەنتەربىيە مەيدانىدىن 6100ى كۆپىيىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەيدان كۆلىمى 0.09 كىۋادرات مېتىر كۆپەيگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقان، ھازىر ناھىيە دەرىجىلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىدىن 86سى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي ساننىڭ %93ىنى ئىگىلىگەن؛ يېزا - بازارلاردا دېھقانلار تەنتەربىيە - بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن 452سى، مەمۇرىي كەنتلەردە دېھقان - چارۋىچىلار تەنتەربىيە - بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن 8601ى پۈتكۈزۈلگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن تەنتەربىيە باغچىسىدىن 119ى، مەھەللە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىدىن 99ى، مەھەللە كۆپ ئىقتىدارلىق تەنتەربىيە مەيدان - سارىيىدىن 66 سى قۇرۇلغان. بۇ يىلنىڭ بېشىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا قار - مۇز تەنھەرىكىتى مەيدانى 93كە يەتكەن. 2020 - يىلىدىكى ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە مەيدانى قۇرۇلۇشى بولغان 114 جەمئىيەت پۇتبول مەيدانى قۇرۇلۇشى تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان پۇتبول مەيدانى سانى 0.7گە كۆپىيىدۇ.

نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدانى، بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولى، ۋېلىسىپىت يولى، بەدەن چېنىقتۇرۇش باغچىسى قاتارلىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان - ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلماقتا.

ئاپتونوم رايون بېسىپ تارقاتقان «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىلانى (2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»دا 2020 - يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ كۆلىمىنى ئىككى كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى سىياسەت، قانۇن - نىزام تەشۋىق - تەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاۋ چېڭچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىزدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەيدان كۆلىمى ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشانغا يەتتى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تەنتەربىيە مەيدانلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىنما سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.