تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۆللەيدىغان جاي توشقان كۆلىدە ھەر كىۋادرات كىلومېتىر جايدا تىبەت بۆكىنى 50تىن ئاشتى

ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ئېكولوگىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىشى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى

تۆللەيدىغان جاي توشقان كۆلىدە ھەر كىۋادرات كىلومېتىر جايدا تىبەت بۆكىنى 50تىن ئاشتى

7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، بىر توپ چىشى تىبەت بۆكىنى بۇ يىل يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ تۆللەيدىغان جايدىن مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئىشەكپاتتى مەركىزى باشقۇرۇش - مۇھاپىزەت قىلىش پونكىتىغا يېقىن جايغا قايتىپ كەلدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

[ئىستون سۆزى]

بىپايان قۇملۇق، تىنچ، گۈزەل قارلىق تاغ، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى، كۆپكۆك ئاسمان، بۇ يەردە چەكسىز كەتكەن ئېگىزلىك مەنزىرىسى بار.

چاققان تىبەت بۆكىنى، ياۋۇز ياۋا قوتاز، ھارماي چېپىپ يۈرىدىغان تىبەت ياۋا ئېشىكى، بۇ يەردە ئېگىزلىككە خاس ئۈچ چوڭ تۈردىكى تۇياقلىق ھايۋان بار.

تېنى نازۇك قارا بويۇن تۇرنا، ئاۋازى جاراڭلىق ئالىباش ياۋا غاز، ئوماق تىبەت ئۇلارى، بۇ يەردە ئېگىزلىككە خاس قۇشلار كۆپىيىپ ياشايدۇ.

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى «شەرقتىكى كېنىيە» دەپ ئاتالغان ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانلىشىپ كۆپىيىشىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىپ، قۇملۇق، تاغ، كۆل، ھەيۋەتلىك قارلىق چوققا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئېگىزلىك مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئېگىزلىكنى چارلاش، مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىنىڭ جاپالىقلىقى ۋە زېرىكىشلىكلىكىنى ھېس قىلدى.

بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى «ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا كىرىش» تېمىسىدا پۈتۈن تاراتقۇ چاتما خەۋىرىنى بېرىدۇ، دىققىتىڭلاردا بولغاي.

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ مېي، خۇاڭ لىڭيەن، ۋاڭ چىمىڭ، نيې نىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا، توپ - توپ تىبەت بۆكىنى بىر مەيدان ھاياتلىقنىڭ كۆپىيىشىنى يېڭى تاماملاپ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىنى باشلاپ ماكانىغا قاراپ كۆچۈۋاتاتتى.

«توشقان كۆلىدىن يىراققا نەزەر سالغاندا، تاغ - دالىنىڭ ھەممە يېرىدە تىبەت بۆكىنىنىڭ يايلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك!» ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېگىزلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ دۇڭخۇا مۇنداق دېدى: توشقان كۆلى رايونى مۇھاپىزەت رايونىدىكى تىبەت بۆكىنى تۆللەيدىغان ئەڭ چوڭ جاي بولۇپ، بۇ يىل يازدا تەخمىنەن 35 مىڭ چىشى تىبەت بۆكىنىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، 8000دىن ئارتۇق تىبەت بۆكىنى بالىسىنى تۆللىشى مۆلچەرلەندى.

«مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، مەزكۇر رايوننىڭ ھەر كىۋادرات كىلومېتىرىدىكى تىبەت بۆكىنىنىڭ سانى ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى 33 تۇياقتىن 51 تۇياققا كۆپەيگەن» دېدى شۈ دۇڭخۇا.

تىبەت بۆكىنى دۆلىتىمىزدىكى 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان، ئاساسلىقى چياڭتاڭنى مەركەز قىلغان چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى رايونىغا تارقالغان بولۇپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ھايۋاناتلار رايونى سىستېمىسىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. دۆلىتىمىز 1983 - يىلى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى قۇرغان، ئومۇمىي كۆلىمى 45 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4580 مېتىر، بۇ يەرگە ياۋا قوتاز، تىبەت ياۋا ئېشىكى، تىبەت بۆكىنى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى تۇياقلىقلار تۈرىدىكى ياۋايى ھايۋانلار تارقالغان بولۇپ، ئېگىزلىكتە ياشايدىغان نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گېن ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.

توشقان كۆلى رايونى مۇھاپىزەت رايونىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 680 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئاشىدۇ، تۆت ئەتراپىنى قارلىق تاغ ئوراپ تۇرغان بولۇپ، تىبەت بۆكىنى كۈشەندىسىدىن يوشۇرۇنىدىغان تەبىئىي توسۇقنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ يەردە، يېڭى تۇغۇلغان كىچىك تىبەت بۆكىنى ئانىسىنىڭ يېتەكلىشىدە، يېرىم سائەتنىڭ ئىچىدە ئۆرە تۇرۇش، مېڭىش، يۈگۈرۈش قاتارلىق ياشاش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىۋالالايدۇ.

ھەر يىلى تىبەت بۆكىنى توپلىشىپ تۆللەيدىغان پەسىلدە، شۈ دۇڭخۇا بىلەن خىزمەتداشلىرى توشقان كۆلى رايونىغا كېلىپ كۆزىتىدۇ ۋە خاتىرىلەيدۇ. 20 يىل ئىلگىرى، بۇ يەردىكى تىبەت بۆكىنىنىڭ سانى ئون نەچچە مىڭ تۇياقتىن 20 مىڭ تۇياققىچە كېلەتتى، ئون يىل ئىلگىرى كۆپىيىپ 20 نەچچە مىڭ تۇياققا يەتتى، بۇ يىل كۆپىيىپ 35 مىڭ تۇياققا يېتىپ، مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش، كان ئېچىش قاتارلىقلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكتىن، تىبەت بۆكىنى، ياۋا قوتاز، تىبەت ياۋا ئېشىكىنىڭ ئومۇمىي سانى 65 مىڭ تۇياققىمۇ يەتمەيتتى.

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇھاپىزەت قىلىش - باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئۇتۇناسىن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز چىڭخەي كۆكشىل دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، شىزاڭ چياڭتاڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش، قانۇنسىز كان ئېچىش، قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئېگىزلىكنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدۇق؛ «ھەممىنى تاقاش، دەرھال چۇۋۇپ تاشلاش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز تاماملاش» تەلىپىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ كان - كارخانىلارنى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە تۈزەشنى تاماملىدۇق، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، تىبەت بۆكىنى، ياۋا قوتاز، تىبەت ياۋا ئېشىكى قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈر توپى سانى سىجىل ئەسلىگە كەلدى.

زىيارەت داۋامىدا مۇخبىرلار تىبەت بۆكىنىدىن باشقا، يەنە تاغ جىلغىسىدا ياۋا قوتازلارنىڭ ئىككى - ئۈچتىن توپلىشىپ بەخىرامان «سەيلە قىلىۋاتقانلىقى»، توپ - توپ تىبەت ياۋا ئېشىكىنىڭ مۇخبىرلار ئولتۇرغان كوزۇپلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدىن بىردەم - بىردەم ئۆتۈۋاتقانلىقى، قۇندۇز، موغىنىڭ ئۆڭكۈر ئېغىزىدا تۇرۇپ شوخلۇق بىلەن يىراققا نەزەر سېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.