تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى يولۇچى - يۈك تىرانسپورتىنىڭ نەتىجىسى يارقىن بولدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، پىراكتىكانت ئەنقەر ئەنۋەر خەۋەر قىلىدۇ: قاتناش - تىرانسپورتى خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ «بارومېتىرى». ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى - يۈك تىرانسپورتى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ھەم پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىپ، يارقىن نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى.

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «جۇڭگو - قىرغىزىستان - قازاقىستان» تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى بويىچە تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى توشۇغان 725 توننا مال تاشيول تىرانسپورتى ئارقىلىق تورغات پورتىدا چېگرادىن چىقىپ، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانغا قاراپ يول ئالدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئالاتاۋ، قورغاس پورتىدا چېگرادىن ئۆتكەن نۆۋەتچى پويىز 6106گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.1 ئاشتى.

تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش مىقدارى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك تىرانسپورت مىقدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قىسقا يوللۇق يۈك قاچىلاش، قاچىلاش - چۈشۈرۈشنى تەشكىللەش، پويىز تەقسىملەش - ۋاگون تەقسىملەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، كۆمۈر، مېتال رۇدىسى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق يۈكلەرنىڭ توشۇلۇشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزال - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يول تىرانسپورت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 90 مىليون 300 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %8.5 ئاشتى.

تۆمۈريولنىڭ يۈك تىرانسپورت مىقدارى مۇقىم ئاشتى، تاشيولنىڭ تىرانسپورت مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا تىجارەت خاراكتېرلىك تاشيوللارنىڭ يولۇچى تىرانسپورت مىقدارى 70 مىليون 630 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %155 ئېشىپ، 2019 - يىلىدىكى %94.8لىك ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى ۋە ئەسلىگە كېلىش دەرىجىسى جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىردەك ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇردى.

تاشيولنىڭ يولۇچى تىرانسپورت مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقاندىن سىرت، يۈك تىرانسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىمۇ بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تىجارەت خاراكتېرلىك تاشيوللارنىڭ يۈك تىرانسپورت مىقدارى 229 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرىنىڭ كۈندىلىك قاتناش مىقدارىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرىدە ھەركۈنى 5908 ئاپتوموبىل قاتنىغان، بۇنىڭ ئىچىدە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %61.3 كە يەتكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: مۇقىملىقنىڭ پايدىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پايدىسى، سىياسەت پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى نەتىجىسىدە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك تاشيوللىرىدا يولۇچى - يۈك تىرانسپورت مۇقىم ئەسلىگە كەلدى، بۇ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى بىلەن بىردەك بولدى.

«بىز ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروت سۇپىسى بەرپا قىلدۇق، ئالدىنقى يېرىم يىلدا تىرانسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشتى» دېدى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى سېتىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فەن يۈدۇڭ.

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئەشيا ئوبوروت تىرانسپورت مىقدارى ئېشىپلا قالماي، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسىپورت مىقدارى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى ھەم سىجىل ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى 15 مىليون 52 مىڭ 400 ئادەم قېتىم يولۇچىنى كۈتۈۋېلىش - ئۇزىتىشنى تاماملىدى، پوچتىدىن سېلىنغان يۈكتىن 85 مىڭ 800 توننىنى كىرگۈزۈش - چىقىرىشنى تاماملىدى، 166 مىڭ 400 ئايروپىلان قېتىم ئۇچۇش - قونۇشقا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %61.5، %14.0، %17.4 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى ئايروپورتى 9 مىليون 206 مىڭ 900 ئادەم قېتىم يولۇچىنى كۈتۈۋېلىش - ئۇزىتىشنى تاماملىدى، پوچتىدىن سېلىنغان 68 مىڭ 300 توننا يۈكنى كىرگۈزۈش - چىقىرىشنى تاماملىدى، 73 مىڭ 500 ئايروپىلان قېتىم ئۇچۇش - قونۇشقا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %64.7، %13.7، %44.0 ئاشتى؛ شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملار 5 مىليون 845 مىڭ 500 ئادەم قېتىم يولۇچى كۈتۈۋېلىش - ئۇزىتىشنى تاماملىدى، پوچتىدىن سېلىنغان 17 مىڭ 500 توننا يۈكنى كىرگۈزۈش - چىقىرىشنى تاماملىدى، 92 مىڭ 900 ئايروپىلان قېتىم ئۇچۇش - قونۇشقا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %56.9، %15.3، %2.4 ئاشتى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى - يۈك تىرانسپورتىدا تاپشۇرغان بۇ يارقىن نەتىجە قەغىزى ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدىكى «يۇقىرى نۇقتىدىن باشلاپ پۇختا مېڭىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش» ۋەزىيىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.