تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

«دېلتا»نىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كېرەك؟ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، يېقىندا دۆلەت ئىچىدە كۆرۈلگەن كۆپ نۇقتىدا تارقاق تارقالغان يۇقۇمغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى دېزىنفېكسىيەلەش - يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە مۇدىر ۋىراچ ياڭ خۇڭسەي مۇنداق ئەسكەرتتى: ھەرقانداق بىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى بولىدۇ، دېلتانىڭ ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپىنى توسۇشنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ باشقا ئۆزگەرگەن تۈپلىرىنى توسۇش بىلەن ماھىيەتلىك پەرقى يوق، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى «ئەڭگۈشتەر» يەنىلا تارقىلىش مەنبەسىنى تىزگىنلەش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

دېلتانىڭ ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى يۇقۇمچانلىقى كۈچىيىش، يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقىراش، ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىشتىن تارتىپ بەدەندىكى ۋىرۇسنى تەكشۈرۈپ چىققانغىچە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ قىسقا بولۇش، يۇقۇملانغاندىن كېيىن بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇش قاتارلىق نەچچە چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن مۇنداق دېدى: ئوخشاش بىر بوشلۇق، ئوخشاش بىر ئورۇن، ئوخشاش بىر ئىمارەتتە، كېسەل قوزغىلىشتىن ئىلگىرىكى تۆت كۈندە، ئاغرىق بىلەن بىللە تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ھېسابلىنىدۇ. «بۇ، يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئوخشاش بىر ئۆيدە، ھەتتا بىر بىنادا تۇرسىمۇ يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ھېسابلىنىدىغانلىقىدىن، ھەممىسىنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.» ياڭ خۇڭسەي مۇنداق دېدى: «لېكىن ھودۇقۇپ كەتمەسلىك كېرەك، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ئىزچىل ھەر خىل ۋىرۇسلار بار، ئىنسانلار ئاللىقاچان نۇرغۇن كېسەللىك قوزغاتقۇچى بىلەن مىليون يىل بىللە ياشاپ كەلگەن. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بار بولۇپلا قالماي، يەنە تارقىلىشچان زۇكام، چېچەك قاتارلىق نۇرغۇن ۋىرۇس مەۋجۇت، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە يېڭى ۋىرۇسلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى قىلغاندا، يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرى يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ».

يۇقۇم مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك. زۆرۈر بولمىسا يۇقۇم خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى، ئوتتۇراھال رايونلارغا بارماسلىق كېرەك؛ خادىملار زىچ توپلىشىدىغان مەيدان - سورۇنلارغا، بولۇپمۇ ئۆي ئىچىدىكى، يېپىق ھالەتتىكى مەيدان - سورۇنلارغا ئاز بېرىش كېرەك. خادىملار زىچ توپلىشىدىغان مەيدان - سورۇنلار ۋە ئۆي ئىچىدىكى، يېپىق ھالەتتىكى مەيدان - سورۇنلار ھەمدە ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدا ماسكىنى ياخشى تاقاش كېرەك؛ ئامال بار ئوپچە تاماق يېمەسلىك كېرەك؛ كۆپ ئادەم بىللە تاماق يېگەندە، غىزالىنىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىش، ئاز سۆزلەش كېرەك؛ كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدا بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاپ، يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىنى ئازايتىش كېرەك؛ ياۋايى ھايۋان، سەرگەردان ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھۋالى ئېنىق بولمىغان ھايۋاناتلار بىلەن ئۇچراشماسلىق كېرەك، بەلگىلىمە بويىچە كارانتىن قىلىنغان، سويۇلغان، توشۇلغان، سېتىلغان مۇنتىزىم چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشى ۋە تۇخۇمىنى تاللاش كېرەك.

تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. قولنى كۆپ يۇيۇپ، ۋىرۇسنىڭ قول ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلگەندە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن قاتارلىقلار بىلەن ئېقىپ تۇرىدىغان سۇدا قولنى ئەستايىدىل يۇيۇش، يەتتە قەدەملىك قول يۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك؛ ھەرقانداق ۋاقىتتا پاكىز بولمىغان قول بىلەن كۆز، بۇرۇننى ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك. سىرتقا چىققاندا كىچىك ئورالمىلىق يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزى ئېلىۋالسا بولىدۇ؛ ئائىلە تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىش كېرەك، پات - پات ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دائىم تازىلاش، پات - پات كىيىم ئالماشتۇرۇش، يوتقان - كۆرپە، كىيىم - كېچەكنى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك؛ تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىشىك ئالدىدا سىرتقى ئورالمىنى ئېلىۋېتىش، مېھمانخانا ئۆي، ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ ئاچماسلىق كېرەك، ئېچىپ بولغاندىن كېيىن قولنى يۇيۇش كېرەك؛ چۈشكۈرگەندە، يۆتەلگەندە جەينەك ياكى قەغەز قول ياغلىق بىلەن ئېغىز - بۇرۇننى توسۇۋېلىش كېرەك؛ كۈندە ئۆيگە قايتقاندا دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزى بىلەن يان تېلىفون، ئاچقۇچ، قول سومكىسى قاتارلىق ياندا ئېلىپ يۈرىدىغان بۇيۇملارنى سۈرتۈش كېرەك.

ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنى قوغداش، تەلەپ بويىچە ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك. «ۋاكسىنا ئەملەش ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنى قوغداش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى.» ياڭ خۇڭسەي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە، گەرچە بەزىلەر ۋاكسىنا ئەملەتكەن بولسىمۇ يەنىلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، لېكىن ۋاكسىنا ئەملەتكەن كىشىنىڭ يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئېغىر كېسەلگە تەرەققىي قىلىش نىسبىتى ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغان.

ماسكا تاقاشنى قېلىپلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى، خادىملار زىچ توپلاشقان جايلار، ئۆي ئىچىدىكى، يېپىق ھالەتتىكى مەيدان - سورۇنلاردا پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاش، ماسكا ئېغىز - بۇرۇننى تولۇق يېپىپ تۇرغان بولۇشى كېرەك. بۇلغانغان مەيدان - سورۇنلاردىن پاكىز جايغا قايتقاندا ماسكىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك؛ ياشانغانلار، بولۇپمۇ ئاساسىي كېسەللىرى بار كىشىلەر ھەرقانداق يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىشقا، مۇۋاپىق چېنىقىشقا دىققەت قىلىشى، ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشى، زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

«بەلكىم سىزنىڭ بىر قېتىملىق تەلەپ بويىچە ئايرىلىپ تۇرماسلىقىڭىز، بىر قېتىملىق يوشۇرۇشىڭىز، بىر قېتىملىق يىغىلىشىڭىز، ئوپچە تاماق يېيىشىڭىز ۋە بىر قېتىملىق سەپىرىڭىز نۇرغۇن كىشى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئېرىشكەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىسىنى بىراقلا يوق قىلىۋېتىشى مۇمكىن.» ياڭ خۇڭسەي مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: «يۇقۇملۇق كېسەل يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ھەربىر پۇقرا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت، كۆپچىلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە پائال قاتنىشىشىنى، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.