تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«قالتىس يېشىل مۆجىزە»

ئاپتونوم رايون پېشقەدەم كادىرلارنى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى −

​«قالتىس يېشىل مۆجىزە»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«بۈگۈن كۆكيارنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، قاتتىق تەسىرلەندىم. ئاقسۇ خەلقى قاقاس چۆللۈكتە مىليون مولۇق يېشىللىقنى بەرپا قىپتۇ، ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن».

«ئاقسۇ ماس تەرەققىي قىلغان شەھەرلەر توپى ۋە گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بېيىش يولىنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىپتۇ».

...

7 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئېكسكۇرسىيەدە، ئۆگىنىشتە بولغان پېشقەدەم كادىرلار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى تەرەققىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كەتتى.

ئاقسۇ كۆكيار خاتىرە سارىيىدا، پېشقەدەم كادىرلار چۈشەندۈرگۈچىنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئەمەلىي بۇيۇم كۆرگەزمىسى، ئۆتكەن يىللارنى سىنلىق قايتا نامايان قىلىش، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاقسۇ خەلقىنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىپ، قۇملۇق، قاقاسلىقنى ياپيېشىل ئورمان دېڭىزىغا ئايلاندۇرغانلىقىدەك جاھان مۆجىزىسىنى چوڭقۇر چۈشەندى.

«تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، كۆكيارنىڭ يېرى يېشىللاشتى، ئاسمىنى سۈزۈكلەشتى، يامغۇرى كۆپەيدى، ئېكولوگىيەسى ياخشىلاندى. كىشىنى تېخىمۇ ئىپتىخارلاندۇرىدىغىنى شۇكى، پۇقرالارنىڭ ھەميېنى تومپايدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى جاۋ ۋېيشەن مۇنداق دېدى: «كۆكيارنىڭ كۆكەرتىش ئىشلىرى ئاقسۇ خەلقىنىڭ نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل، ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ».

كۆكياردا ئايلانغان چاغدا، بولۇق مېۋىلەر، بۈك - باراقسان ئورمانلار، بەس - بەستە سايرىشىۋاتقان قۇشلار، خۇش پۇراق ئېچىلغان گۈللەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، پېشقەدەم كادىرلار پات - پات يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىشتى. ئىلگىرىكى «باھار بوراندا قالغان، كۆك ئاسمان سېرىق قۇم بىلەن تولغان» كۆكيار «ياپيېشىل تېرەك - سۆگەتلەر شامالدا يەلپۈنگەن، باغلار شاپتۇل، ئۆرۈك چېچەكلىرى بىلەن تولغان» كۆز يەتكۈسىز ئورمان دېڭىزىغا ئايلانغانىدى، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى يېشىل مۆجىزىنى پۈتكەنىدى.

سابىق ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر مۇختەر مەخسۇت مۇنداق دېدى: «كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى زور بىر تۈركۈم دېھقاننى مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بىر - بىرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر يولنى يارىتىپ، <سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق> دېگەن ئىدىيەنى چوڭقۇر ئىسپاتلاپتۇ».

خېمىر يۇغۇرۇش، زۇۋۇلا ئېچىش، چەككۈچ چېكىش... ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سېخىدا ناۋاي ئۇستىلارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق، ھەرىكىتى پىششىق ئىدى، ناھايىتى تېزلا، مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلىدىغان ئىسسىق نانلار تونۇردىن چىقتى.

«ئاقسۇنىڭ نانچىلىقى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، مەھسۇلات ئوراپ قاچىلاش، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق كەسىپلەر زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا مېڭىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپتۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر - كادىرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ياڭ مېڭسەي.

سودا ئىشلىرى، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش قاتارلىق فۇنكسىيەلەر بىر گەۋدە قىلىنغان ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، پېشقەدەم كادىرلار ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش، سېتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

«ئالدىنقى يېرىم يىللىق تىجارەت سومماڭلار قانچىلىك بولدى؟» «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تىجارەت سوممىسى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن بولدى، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئاقسۇنىڭ خاس يېڭى مېۋىلىرىنى تورغا چىقىرىپ، پۈتۈن يىللىق تىجارەت سوممىسىنى 3 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.» مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى لى بونىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، پېشقەدەم كادىرلار خۇشال بولۇپ كۈلدى.

«ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېتىشتۈرۈش بازىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىلىش سوممىسىنى 2014 - يىلىدىكى 400 مىليون يۈەندىن بۇلتۇرقى 1 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بوپتۇ، نېمىدېگەن قالتىس - ھە!» سابىق ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۇلتان مامۇت: بىر پېشقەدەم كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دەۋر ئېقىمىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال ئەقىل - چارە كۆرسىتىمەن، دېدى.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شياڭخېلى ئولتۇراق رايونىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، پېشقەدەم كادىرلار ئاھالىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ شاھمات ئويناۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ قەغەز قىيما رەسىم كېسىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ خەتتاتلىقنى مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئەتراپ ئىناق، بەختلىك مەنزىرىگە تولغانىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭنىڭ سابىق مۇدىرى چېڭ پېڭ شۈەنجى قەغىزىنى يېيىپ، موي قەلەمنى سىياھقا چىلاپ، «ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش» دېگەن تۆت خەتنى يېزىپ، نەق مەيداندىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)دە، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، خىزمەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە تەرتىپلىك خىزمەت قىلىۋاتاتتى.

«مەن ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلامدا كۆپ يىل خىزمەت قىلدىم، ئاقسۇدا جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق ئۆتىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، كەڭ كادىرلار، ئامما كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كونا قىياپەت يېڭىلانغان نۇرغۇن تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى پۈتۈپ چىقىپتۇ.» سابىق ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مەمتىمىن فىردەۋىس مۇنداق دېدى: «مەيلى شەھەر ياكى يېزا - كەنتتە بولسۇن، بىز شۇ جايدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپتۇ، ئاقسۇنىڭ ئەتىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».

ئايلىنىش، كۆرۈش جەريانىدا، پېشقەدەم كادىرلار ئاقسۇنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ جاراڭلىق ساداسىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىدى، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئۆزلىرى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. ئۇلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، ياخشى ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، داۋاملىق پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.