تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشكە سىياسىي قارا قول سۇنۇشقا يول قويۇلمايدۇ

​− يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا جەزمەن «سىياسىي ۋىرۇس»نى تازىلاش كېرەك (3)

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېقىندا، ئاز ساندىكى ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى «ۋىرۇس مۇتەخەسسىسلىرى» رولىنى ئېلىشقا تېخىمۇ قىزىقىپ قالدى. ئۇلار بەزى ھەقىقىي دەلىل - ئىسپاتى بولمىغان ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىدىن ياكى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، پۈتۈنلەي يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئاساس قىلغان دوكلاتنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، باشقا دۆلەتلەرگە قارىتىلغان «جىنايىتى بار دەپ قىياسەن بېكىتىش» بىلەن ھە دەپ شۇغۇللىنىپ، ئاتالمىش «تەجرىبىخانىدىن ۋىرۇس چىقىپ كېتىش سەپسەتىسى»نى ھە دەپ كۆپتۈرۈپ، بىمەنە سىياسىي ئويۇنلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئوينىدى. بۇ، ئىلىم - پەن روھىغا قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق.

ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش كەسكىن ئىلمىي مەسىلە، جەزمەن يەر شارىدىكى ئالىملار ۋە تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەت ۋە دەلىل - ئىسپاتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشى كېرەك. ھالبۇكى، ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچىمەسلىك مەسئۇلىيىتىنى بۇراپ، باشقا دۆلەتلەرگە قارا چاپلاش، بېسىم ئىشلىتىشتەك سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى بۇ سىياسەتۋازلار كەينى - كەينىدىن چاپاننى سېلىپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇش، ۋىرۇستىن پايدىلىنىپ نامىنى بۇلغاش، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قوراللاشتۇرۇش بىلەن ھە دەپ شۇغۇللاندى. شۇڭا، ئۇلار ئىلىم - پەن ساۋاتلىرى بىلەن ھېسابلاشماي، ئاخبارات تەكشۈرۈشىنى تەرغىب قىلدى، ھەتتا ئاخبارات تارماقلىرىدىن 90 كۈن ئىچىدە مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرۈش يەكۈنىنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى؛ ئۇلار ھەممىلا يەرگە سىياسىي قارا قولىنى سۇنۇپ، تەھدىت سېلىش، بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئالىملارنى ئۆزىنىڭ زوراۋانلىقى، زومىگەرلىكى ئالدىدا باش ئەگدۈرۈپ، «تەجرىبىخانىدىن ۋىرۇس چىقىپ كېتىش سەپسەتىسى»نى قوللاتقۇزۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئامېرىكىدىكى بۇ سىياسەتۋازلارنىڭ قىلچە ئەخلاق تۆۋەن چېكى بولمىغان رەزىل قىلمىشى خەلقئارانىڭ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتى ھەمكارلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە كاشىلا ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. خۇددى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تېببىي ژۇرنال «ليۇيېداۋ»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى خورتون ئېيتقاندەك: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ باشلىنىش مەنبەسىنى چۆرىدىگەن سۇيىقەستلەر خۇددى ۋىرۇسقا ئوخشاش كېڭىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپى يۇقۇم بىلەن ئوخشاش ئېغىر».

ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگوغا قارا چاپلىدى. بىراق، كىشىلەر جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىمۇ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىرىنچى ۋاقىتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى. بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو ئىككى قېتىم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئون دۆلەتتىن كەلگەن خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگونىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، جۇڭگودا 28 كۈنلۈك بىرلەشمە تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى، بۇ مەزگىلدە سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاق ئانالىز قىلىپ، نەق مەيداننى ئورتاق تەكشۈرۈپ، ئورتاق زىيارەت قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىلمىي ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى. 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ «قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكى»دەك يەكۈننى ئايدىڭلاشتۇردى.

ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار بۇ ئىلمىي يەكۈندىن قىلچە رازى بولمىدى. ئۇلارنىڭ «ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش»نى داۋراڭ سېلىشتىكى مەقسىتى ھەرگىزمۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ھەقىقىي ئىزدەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ «گۇناھىنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ» باشقا دۆلەتلەرگە «جىنايەت بېكىتىش»ى ئۈچۈندۇر. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار باشقا دۆلەتلەرگە «قالپاق كىيدۈرىدىغان» ھەقىقىي دەلىل - ئىسپاتنى تاپالمىدى، ئورۇنلۇق، ئىلمىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە «تۆھمەت قىلىش»قا ئامالسىز قالدى، شۇڭا، ئۇلار ھە دېسىلا «مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تېررورىزمى» بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم «جۇڭگو ۋىرۇسى» دەپ توۋلىغاندىن باشلاپ، ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە پۈتۈن دۇنيادا ۋىرۇستىن پايدىلىنىپ نامنى بۇلغايدىغان سەپسەتىلەرنى تارقىتىپ كەلدى. ئامېرىكا يەنە جۇڭگو، ھەتتا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇپ، ئامېرىكا ۋە باشقا ئايرىم غەرب دۆلەتلىرىدە ئاسىيالىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلارغا قارشى تۇرىدىغان كەيپىياتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئاسىيالىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلارنىڭ ئاساسسىز كەمسىتىلىش، زۇلۇمغا ئۇچراش، ھەتتا جىسمانىي تەھدىتكە ئۇچراش ۋەقەلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بۇنداق رەزىل قىلمىش ئاللىقاچان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقى ۋە كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىدى.

پاكىت، ئىلىم - پەن، ھەققانىيەت ئالدىدا، سىياسىي نەيرەڭۋازلىق مۇقەررەركى كىشىلەر قەلبىگە ياقمايدۇ. 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى 300دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە، جەمئىيەت تەشكىلاتى ۋە ئاقىللار ئامبىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىغا «قوشما بايانات» تاپشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا بولغان ئېغىر تەھدىتى ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل ھالدا يەر شارىۋى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور، مۇرەككەپ ئىلمىي مەسىلىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملارنىڭ ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە بارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. پەقەت ئىلىم - پەن يولىنى بويلاپ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىلمىي پوزىتسىيە، ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندىلا، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېچىپ بەرگىلى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەم ئاددىي ساۋات، ھەم ئورتاق تونۇش.

ۋىرۇس دۆلەت چېگراسى ۋە ئىرق ئايرىماي، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە جەڭ ئېلان قىلدى. جۇڭگو گەرچە ئەڭ ئاۋۋال يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشتىن بۇرۇن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا پەيدا بولغان. مەسىلەن، ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بەش ئىشتاتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىق ئىسپاتى 2019 - يىلى 12 - ئايدا بارلىققا كەلگەن؛ يېڭى جېرسېي ئىشتاتى بېللېۋىلى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئۆزىنىڭ 2019 - يىلى 11 - ئايدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان، بۇ، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۇنجى ئاغرىق مىسالى مەلۇم قىلىنغان ۋاقىتتىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك بۇرۇن؛ 2019 - يىلى 7 - ئايدا، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئىشتاتلىرىنى قاپلىغان ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئۆپكە ياللۇغى «چوڭ ئاق ئۆپكە»نىڭ كېسەللىك ئالامىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ... بۇمۇ شۇنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بىر تۈرلۈك ئىلمىي خىزمەت، ئالىملار جەزمەن ئىنتايىن ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن دۇنيا مىقياسىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئامېرىكىغا بېرىپ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئوخشاشلا خەلقئارادا مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمى.

ھازىر، ئامېرىكا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قايتا باش كۆتۈرۈشىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتتا يۇقۇملانغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەلخانىدا ياتقان ئاغرىق مىسالىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئاساسەن دېگۈدەك ئېشىۋاتىدۇ. پاكىت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، سىياسىي نەيرەڭۋازلىق پەقەت ۋىرۇسقا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، قوشنىلارغا ئورا كولىسا پەقەت ۋىرۇس تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ ۋەيران قىلىنىدۇ، ئىلىم - پەنگە سەل قارالسا، ۋىرۇس يوچۇق تېپىپ كىرىدۇ. بىز ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارغا شۇنداق نەسىھەت قىلىمىزكى، ئەمدى يەنە سىياسىي نەيرەڭۋازلىقنى ئىلمىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئۈستىگە دەسسەتمەڭلار، ئەمدى يەنە سىياسىي شەخسىي مەنپەئەتنى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويماڭلار، بۇ، ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئەقەللىي تەلىپى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانىي ۋىجداننىڭ تۆۋەن چېكىدۇر.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.