تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نۆل ئارىلىقتا ئەمەلىي ئىش قىلىش قەلبداش بولۇپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي   ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ خۇيجۈەن

ئاممىنىڭ مەنپەئىتىدە كىچىك ئىش يوق. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، ئەۋەتىلگەن 1 - شۇجىلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىقنى كۆزىتىپ بىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلدى.

نۇخان يېڭى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇردى

مارالبېشىدا 8 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچقۇرۇن مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، ھاۋا سالقىن ھەم راھەت ئىدى. دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ شودىگەي توغراق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى نۇخان رۇسۇل چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ دەرۋازا ئالدىدا سالقىنداۋاتاتتى، ئۇ يولدا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقان قوشنىلىرى ۋە ئويناۋاتقان بالىلارغا قاراپ، ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلدى ھەم رازىمەنلىك تۇيغۇسىغا چۆمدى.

ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا، بىر قېتىملىق ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن 67 ياشلىق نۇخان رۇسۇل نورمال ماڭالمايدىغان بولۇپ قالدى. «ئۆيدىكىلەرگە ياردەملىشىپ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم، يەنە پەرزەنتلىرىمنى غەمدە قويدۇم.» نۇخان رۇسۇلنىڭ چىرايىنى غەم تۇمانى قاپلىدى.

«مېنىڭ سىرتقا چىققۇم بار، ھويلا سىرتىغا چىقىپ كۆرۈپ باقسام دەيمەن.» بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، نۇخان رۇسۇل كۆڭلىدىكى گەپلەرنى قىلدى. رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، خىزمەت ئەترىتى كەنتتە مېڭىش ئىقتىدارىدىن قالغان كېسەل، مېيىپ كەنت ئاھالىسىدىن جەمئىي ئالتە كىشىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. «چوقۇم ئۇلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك!» بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى چېڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا چاقلىق ئورۇندۇق سوۋغا قىلدى.

نۇخان رۇسۇل يېڭى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، ھويلىدىن «مېڭىپ» چىققاندا، ھاياجانلانغىنىدىن كۆز يېشى قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئۆزى يالغۇز سىرتقا چىقىپ ئاپتاپسىنىپ، قوشنىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپلا قالماي، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە يەنە ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ تاماق ئېتىدىغان، ئادەتتىكى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدىغان بولدى. «بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پارتىيە ئەۋەتكەن خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن!» دېدى نۇخان رۇسۇل سەمىمىيلىك بىلەن.

بىر مېتىر توپا يولمۇ قالدۇرۇلمىدى

7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى بىر چۈشتىن كېيىن، 83 ياشلىق تۇرغۇن روزى ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ۋە گۈرۈلدەۋاتقان بېتون ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىغا قاراپ خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى. چۈنكى ئىشىكى ئالدىدىكى يول پات ئارىدا يېڭى تۈسكە كىرەتتى!

يولنى قاتتىقلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ جىگدىلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كۈچەپ تۈرتكە بولغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن كەنتتىكى %90 يول ئارقا - ئارقىدىن قاتتىقلاشتۇرۇلدى، پەقەت بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئۆيگە كىرىدىغان يول يەنىلا توپا يول ئىدى. بۇ يىل بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى زو ۋېنلۇڭ ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلارنى خاتىرىلەپ، يول بويىغا كېرەكلىك رېشاتكىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ، مەبلەغنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، بىر مېتىر توپا يولنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى ھەم كەنت يولىنىڭ مەنزىرىسىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «سىرتقا چىققاندا ئىككى پۇتى لاي بولۇش» تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەردى.

«خىزمەت ئەترىتى بىزگە چىن كۆڭلىدىن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى.» تۇرغۇن روزىنىڭ ئوغلى ئەخەت تۇرغۇن كەنتتىكى ياش - ئوتتۇرا ياشلىقلارنى تەشكىللەپ، بۇ قېتىمقى ئائىلىلەرگە تۇتۇشىدىغان توپا يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالدى. بۇ ئارقىلىق ھەم كەنت قىياپىتىنى ياخشىلىغىلى ھەم پۇل تاپقىلى بولىدىغان بولغاچقا، كۆپچىلىك خۇشاللىقىدىن ناھايىتى ئالدىراش ئىشقا كىرىشتى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە كەنتتىكى سەككىز غول يولغا ئىسىم قويدى. «بۇ يولنى <خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يولى> دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئۇ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى.» ئەخەت تۇرغۇننىڭ تەكلىپى كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

پارتىيەنى سۆيۈش يولى، ۋەتەننى سۆيۈش يولى... كەنت ئاھالىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان يول ناملىرى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى سىڭگەنىدى.

«مەن بىرىنچى بولۇپ ئائىلىمىزنىڭ ھاجەتخانىسىنى يېڭى شەكىلدىكى ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتىمەن»

يېقىندا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزىسى ئاياغ لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن روزى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىسى لى فاخېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، يېڭىدىن سېلىنغان يېڭى شەكىلدىكى ھاجەتخانىنى كۆرسەتتى.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، لى فاخې خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىكى ھاجەتخانا ئەھۋالى خېلى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن بەزىلىرىنىڭ يەنىلا ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، ئۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكى كادىرلار بىلەن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ پايدىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ تەلەپ - پىكىرلىرىنى ئىگىلىدى. قانداق ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرتىپ قانداق ھالەتكە كەلتۈرۈش جەھەتتە خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى.

«كادىرلار ھەممە ئىشتا بىزنى ئويلايسىلەر، بىز سىلەرگە ئىشىنىمىز، مەن بىرىنچى بولۇپ ئۆزگەرتىمەن!» كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا تۇرسۇن روزى بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇردى.

ناھايىتى تېزلا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەبلەغ ماسلاشتۇرۇپ سېتىۋالغان خىش ۋە سېمونت كەنتتىكى 120 نەچچە ئائىلىگە تەقسىم قىلىندى، لى فاخې ئۆزگەرتىش ئويى بار كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ يېڭى شەكىلدىكى ھاجەتخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرگۈزدى، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنى قۇرۇلۇشنى ئۆزى قول سېلىپ تاماملاشقا ئىلھاملاندۇردى.

«ئۆيۈمدىكى ھاجەتخانىنىڭ ئۆگزىسىنى بۈگۈن ياپتۇق!» «ئۆيۈمنىڭ ھاجەتخانىسىغا توك ئۇلاندى!» «ئۆيىمىزدىكى ھاجەتخانىنى تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئىشلەتتۇق، ھەقىقەتەن قولايلىق ئىكەن!» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش سۈرئىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، لى فاخې ئىنتايىن خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: «بىز كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن داۋاملىق چىن قەلبىمىز، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.