تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىزى موخۇر كەنتىدە توردا ئالقىشلانغان بىر ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتى بار

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش يېزىسىدىكى تاۋۇز تېرىقچىلىق ئائىلىسى يۇنۇس مامۇت ئائىلىسىنىڭ ئېتىزىدا، ياپيېشىل تاۋۇز پېلەكلىرى ئېتىزنى بىر ئالغان بولۇپ، ئون نەچچە كەنت ئاھالىسى توختىماي تاۋۇز ئۈزۈپ، تاۋۇز توشۇۋاتاتتى، ھەممىلا جاي ئالدىراشلىققا تولغانىدى.

«بىر پەدە ئۇسسۇل ئويناپ ئارام ئالايلى...» دەپ تەكلىپ بەردى بىرەيلەن.

«قانداق ئۇدارغا ئەڭ لەرزان ئوينىغىلى بولىدۇ، قانداق ناخشا ساداسىغا ئەڭ ئېچىلىپ ئوينىغىلى بولىدۇ...» ئارقىدىنلا دەرەخ سايىسىدە، ئۇسسۇل قەدىمىگە ئەگىشىپ، مۇزىكا ساداسى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى.

بۇ كەنت ئاھالىلىرى باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكسېن يېزىسى شىزى موخۇر كەنتىدىن بولۇپ، ئۇلار «شادىمان ئەر - خوتۇن ھەمراھلار ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتى»نىڭ ئەزالىرى.

بۇ ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتىدە جەمئىي 12 كىشى بار، باشلامچىسى يۈ رۇڭرۇڭ ۋە ۋاڭ جاۋسەي ئەر - خوتۇن. 2004 - يىلىدىن بۈگۈنگىچە، 12 كىشى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىپ، خۇددى ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللاردەك بولۇپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتى پۈتۈن ناھىيەدە ئاز - تولا نام چىقاردى، ھەرقايسى يېزا - بازار، كەنتلەردىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرى بارلارنىڭ ھەممىسى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە يەنە ئۆچرەت تۇرۇپ نۆۋەت ساقلايدۇ.

«مېنىڭ ھەرقايسى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك ئالاقەم بار، ئەتىياز پەسلىدە مايسا كۆچۈرۈش، ياز پەسلىدە شوخلا، تاۋۇز ئۈزۈش، كۈز پەسلىدە لازا ئۈزۈش، لازا قۇرۇتۇش قاتارلىقلارنى قىلىمىز، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بولسىلا ئۇلار مېنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەيدۇ، مەن كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ بىللە ئىشلەپ، بىللە پۇل تاپىمىز» دېدى ۋاڭ جاۋسەي تاۋۇز توشۇغاچ.

«ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز بىر توپ قۇرۇپ، ھەرقايسى يېزا - بازار، كەنتلەردە ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتىمىزنى قەرەللىك تەشۋىق قىلدۇق. دائىم بىللە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەچكە، بىز بىر نەچچە ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى.» ۋاڭ جاۋسەي مۇنداق دېدى: ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى ئىككى ئائىلە ئىلگىرى نامرات ئائىلە ئىدى.

«2018 - يىلى ئەر - خوتۇن ئىككىمىز ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتىگە كىرىپ، شۇ يىلىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق» دېدى ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جاڭ گېنچيەن.

«بۇ ئىككى يىلدا، يېزا يېزىلارنىڭ ئەمگەك مۇلازىمەت ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بەردى، ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىلىرىنى تەربىيەلەشنى قەرەللىك قانات يايدۇردى، دەرسلەر سىياسەت، قانۇن - نىزام، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەن دەرسنىڭ ھەممىسىگە قاتنىشىپ، ئىقتىدارىمنى ئۆستۈردۈم، يەنە ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشۋىق قىلىشتا يېڭى تاراتقۇدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگەندىم، مەسىلەن، ۋىيشىن توپى قۇرۇش، سىن تارقىتىش قاتارلىقلار» دېدى يۈ رۇڭرۇڭ.

كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى بىر نەچچە ئاچا - سىڭىلنىڭ چېھرىدىن ھەر كۈنى كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ئوچۇق - يورۇق، شوخ مىجەزلىك ئۇلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، ئىش قىلىپ ھارغاندا ئېتىز باشلىرىدا بىر پەدە ئۇسسۇل ئوينايتتى، تاماشىبىنلار ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئىدى.

يۈ رۇڭرۇڭ ئەمگەك مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئىش قىلىۋاتقان، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سىنغا ئېلىپ تورغا يوللىدى، چېكىلىش قېتىم سانى 10 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، نۇرغۇن ئالقىشقا ئېرىشتى: «سىلەر ھەقىقەتەن بىر توپ سۆيۈملۈك دېھقان ئىكەنسىلەر، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى شۇنچە خۇشال قىلىدىكەنسىلەر.» «سىندا نامايان قىلىنغان شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ ئوبرازى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، سىلەرنى ئالقىشلايمەن».

«پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن» دېدى ۋاڭ جاۋسەي.

باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكىسېن يېزىسى يېزا ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىلىرىنى تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، مۇنەۋۋەر يېزا پارتىيە ئەزالىرىنى يېزا ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يېزا ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىلىرى باغراش ناھىيەسىنىڭ يېزا - بازار، كەنتلىرىدە جانلىنىپ، بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.