تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئالدىنقى ئالتە ئايدا نۇقتىلىق قاتناش تۈرلىرىگە جەمئىي 31 مىليارد 390 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز، ئىش باشلانغان تۈرلەر كۆپ بولدى

​ئالدىنقى ئالتە ئايدا نۇقتىلىق قاتناش تۈرلىرىگە جەمئىي 31 مىليارد 390 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى خادىملار G575 لىنىيەسىنىڭ قومۇل - باركۆل تاشيولى قۇرۇلۇش تۈرى نەق مەيدانىدا ئاسفالت ياتقۇزماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شۇ كۈنى، G575 لىنىيەسىنىڭ قومۇل - باركۆل تاشيولى قۇرۇلۇش تۈرى توپا - تاش قۇرۇلۇشى 1 - بۆلىكىگە ئاسفالت ياتقۇزۇش تاماملاندى. □تيەن تېڭشەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، پىراكتىكانت ئەنقەر ئەنۋەر خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قاتناش تۈرلىرى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، جەمئىي 31 مىليارد 390 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 مىليارد 670 مىليون يۈەن ئاشتى.

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن 900 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چاقىلىق - نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، يول قۇرۇلۇشچىلىرى يولنىڭ ئوتتۇرا يۈز قاتلىمى ۋە ئۈستى يۈز قاتلىمىغا ئاسفالت ياتقۇزۇۋاتاتتى. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يول يۈزىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يىل ئاخىرىدا ئوڭۇشلۇق تىجارەتكە كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

«بۇ يىل 3 - ئايدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، بىز خادىم، ئۈسكۈنە، مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول 1 - ئىدارىسى چاقىلىق - نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇشى 5 - توختام بۆلىكى تۈرىنىڭ مەسئۇلى داڭ جياڭتاۋ.

G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ۋۇتۇڭ داچۈەندىن مورىغىچە بولغان بۆلىكى، S20 ۋۇگۇڭتەيدىن قارامايغىچە بولغان 1 - دەرىجىلىك يولنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلەر پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 6000 كىلومېتىردىن ئاشتى، يول تورى قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنىڭ ئىشقا ئېشىشى تېزلەشمەكتە.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 56 داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت، ئۆلكە يولى تۈرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قۇرۇلۇش باشلىنىپ، يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان توققۇز تۈرنىڭ ئىچىدە سەككىز تۈردە ئىش باشلىنىپ، تاشيول قۇرۇلۇشى سېلىنما سوممىسىغا تۈرتكە بولىدىغان «ئاساسىي كۈچ»كە ئايلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى جېڭ مىڭچۈەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، قۇرۇلۇش قىلىدىغان ئورۇنلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، تۈر قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىگە جەمئىي 24 مىليارد 814 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.2 ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى.

تاشيول قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇش تۈرلىرىمۇ پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى. لەنجوۋ - شىنجاڭ لىنىيەسىنىڭ جىجىساۋزى - ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى - ئۈرۈمچى غەربىي ئۇچاستىكىسى كىچىك رادىئۇسلۇق ئەگرى لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش تۈرى 4 - ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ بۇ يىل 4 - ئايدا، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە نوم - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى تۈرىدە ئىش باشلاندى. 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە قەدەر، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىنىڭ يول ئاساسىنى تىندۇرۇشتا لايىھەلەنگەن ئومۇمىي مىقدارنىڭ %60ى تاماملاندى، كۆۋرۈك - سۈڭگۈچ قۇرۇلۇشىدا لايىھەلەنگەن ئومۇمىي مىقدارنىڭ %60ى تاماملاندى. بۇ ئىككى تۆمۈريول تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ مىقدارلىق مال تىرانسپورت يولى تېخىمۇ راۋانلىشىدۇ، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدا بىر تۆمۈريول تىرانسپورت ھالقىسىمان لىنىيەسى شەكىللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ماددىي ئەشيا تۆمۈريول ھالقىسىمان لىنىيەسى ئارقىلىق تېز توشۇلىدۇ؛ 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيەسىدىكى توققۇز يولۇچى توشۇش ئىستانسىسى ئۆيىنىڭ ئۆگزىسى يېپىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆمۈريول رېلىسى ياتقۇزۇش خىزمىتىمۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا 722 كىلومېتىرغا رېلىس ياتقۇزۇپ بولۇندى، مۆلچەرلىنىشىچە، 9 - ئايدا رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن.

ئايرودۇرۇم تۈرىدە كۆپ نۇقتىدا ئىش باشلاندى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىن باشقا، بۇ يىل، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى قەشقەر، تۇرپان، موڭغۇلكۈرە، تاشقورغاندىن ئىبارەت تۆت ئايرودۇرۇم داۋاملاشما قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدۇ ھەم گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق، باركۆلدىن ئىبارەت ئۈچ ئايرودۇرۇمنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىدە ئىش باشلاپ، بۇلارغا 2 مىليارد 453 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قەشقەر ئايرودۇرۇمى ۋە تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى ۋە تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىش ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كەلدى. نۇقتىلىق قاتناش تۈرلىرىدە ئىش باشلىنىشى، قۇرۇلۇشلارنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى تېخىمۇ مۈكەممەللىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.